قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«<بانكا كارتىسى «كلونلانسا>، مەسئۇلىيەتنى زادى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟

2018-07-10 19:25:20     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ شەنشى ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، شەنشى ئۆلكىسى ئەنكاڭ تۆمۈريول تىرانسىپورت تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىپلىگەن شەنشى ئۆلكىسى پىڭلى ناھىيەلىك ئىقتىساد- سودا ئىدارىسى، پىڭ لى ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلمىغان مەمۇرىي ئاممىۋى پاراۋانلىقى دەۋاسى دېلوسىغا، يېقىندا ئەنكاڭ تۆمۈريول ترانسىپورت سوت مەھكىمىسى ئاشكارە سوت ئېچىپ ھۆكۈم ئېلان قىلدى. بۇ دېلو شەنشى ئۆلكىسىدىكى خەلق تەپتىش ئورگانلىرى ئەيىپلىگەن دۆلەت مۈلكىنى قوغداش ساھەسىدىكى مەمۇرىي ئامما پاراۋانلىقى دەۋالىرى ئىچىدىكى تۇنجى دېلوكەن.
ئەنكاڭ تۆمۈريول تىرانسىپورت سوت مەھكىمىسى: ئىككى جاۋاپكارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلماسلىق قىلمىشى قانۇنغا خىلاپ دەپ ھۆكۈم چىقىرىلىپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ 6 ئاي ئىچىدە يالغان مەلۇم قىلىپ ئالداپ ئېلىۋالغان تاقالغان كىچىك كارخانىلارنىڭ تولۇقلىما تۈر مەبلىغىدىن 2 مىليون 430 مىڭ يۈەننى قايتۇرۇپ كېلىشكە بۇيرۇلدى. بۇ دېلوغا پىڭلى ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، ئىسپات ئېلىپ، دەۋادىن بۇرۇنقى تەرتىپنى ئادا قىلدى.
ئەنكاڭ تۆمۈريول تىرانسىپورت سوت مەھكىمىسى ئەنكاڭ رايونىدا مەمۇرى، ئايلانما مەبلەغ قاتارلىق دېلولارنى مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى يولغا قويغانلىقى ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بۇ دېلو پىڭلى ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئەنكاڭ تۆمۈريول ترانسىپورت تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
ئەنكاڭ تۆمۈريول تىرانسىپورت تەپتىش مەھكىمىسى ئەرزىدە، پىڭلى ناھىيىلىك ئىقتىساد- سودا ئىدارىسى، پىڭلى ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسى سابىق پىڭلى ناھىيەلىك «دوخې» بىئولوگىيىلىك خىمىيە زاۋۇتىنىڭ يالغان ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىپ، مەركەز مالىيەسىگە تاقالغان كىچىك كارخانىلارنىڭ تولۇقلىما تۈر مەبلىغىنى ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا، تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، 3 مىليون 430 مىڭ يۈەن مالىيە مەبلىغىنى يالغان مەلۇم قىلىپ، زىيانغا ئۇچراتتى، دىيىلدى.
پىڭلى ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سابىق پىڭلى ناھىيەلىك «دوڭخې» بىئوخىمىيە زاۋۇتىنىڭ ۋاڭ X مەبلەغ سالغۇچىسىنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىلىش دېلوسىدا، يالغان مەلۇم قىلىپ زىيان سالغان مەبلەغدىن 1 مىليون يۈەن قانۇن بويىچە قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن، ئىككى قېتىم پىڭلى ناھىيەلىك ئىقتىسادىي سودا ئىدارىسى، پىڭلى ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسىغا تەپتىش تەكلىپى بېرىپ، قېپقالغان مەبلەغنى قانۇن بويىچە قايتۇرۇپ كېلىشنى تەلەپ قىلغان، بىراق ئىككى جاۋاپكار ئىزچىل قۇلاق سالماي، بىر- بىرىگە ئىتتىرىپ، دۆلەت مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچراش ھالىتىدە تۇرغۇزغان.
باشقا مەلۇماتلاردىن ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ئەنكەڭ تۆمۈريول تىرانسىپورت سوت مەھكىمىسى ھۆكۈمنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەم دۆلەت زىيىنىنى بالدۇرراق قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن، تۇنجى قېتىم 3 نەپەر سوتچى ۋە 4 نەپەر خەلق زاستاتېللىرىدىن 7 كىشىلىك كېڭەشمە سوت تەشكىللىگەن ھەمدە كېڭەشمە سوت ئەزالىرىغا سوتتىن ئىلگىرىكى يىغىن ئېچىپ، دېلوغا چېتىشلىق قانۇن- بەلگىلىمىلەر ھەم ئالاقىدار قىلىپلاشقان ھۆججەتلەرنى توپلاپ، رەتلەپ ۋە مۇھاكىمە قىلىپ، قانۇن بويىچە ئاممىۋى پاراۋانلىق دەۋاسىنى قىلغۇچى بىلەن جاۋاپكار ئىككى تەرەپنى سوتتىن بۇرۇن ئىسپات ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللەپ، خەلق زاستاتېللىرىنىڭ بۇ دېلوغا بولغان پىكرىنى ئەتراپلىق ئاڭلىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى