قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئامما قەلبىنى ئىللىتىدىغان قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى

2018-07-10 19:27:23     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

غۇلجا ناھىيەسى ئاۋۇزان مەنزىرە رايونىنىڭ يولى كەلكۈن تەسىرىدىن بۇزۇلۇپ، ساياھەتچىلەر قاپسىلىپ قالغان. غۇلجا ناھىيەسى قاراياغاچ يېزىسىنىڭ جىرغىلاڭ كەنتى ئاۋۇزان ئورمان باغچىسى غۇلجا ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىغا 23 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، شۇ كۈنى قاتتىق يامغۇر يېغىپ، مەنزىرە رايونىغا كىرىش مەنئىي قىلىنغان، ساقچىلار كۆپ خىل يوللار بىلەن جەمئىيەتكە ئۇقتۇرغان ھەم يولنى بويلاپ ئۇقتۇرۇش چاپلىغان. ئېنىقكى، قاپسىلىپ قالغان ساياھەتچىلەر ئۆزلىرى باشباشتاقلىق قىلىپ كىرگەنىكەن.
دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، گو شياۋلېي بىلەن 3 نەپەر خىزمەتدىشى دەرھال ئارغامچا قاتارلىق قوراللارنى ئېلىپ، شۇ جايدىكى ساقچىخانا، خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئاپتوموبىللىق ئاۋۇزان مەنزىرە رايونى يولىنىڭ 26 كىلومېتىرلىق جايىغا بېرىپ قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى. شۇ پەيتتە، كەچ كىرىپ قالغان بولۇپ، قۇتقۇزغۇچى خادىملار ئەڭ تېز سۈرئەت بىلەن تاغ رايونىغا كىردى. قۇتقۇزۇش نۇقتىسىدىكى يول بۆلىكىگە يېقىنلاشقاندا، كەلكۈن كىلىۋاتقان بولغاچقا، قۇتقۇزغۇچى خادىملار ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ يامغۇرغا قارىماي پىيادە ماڭدى.
سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ كۈچىيىشى، چوڭ چوڭ يامغۇر تامچىلىرىنىڭ يۈز كۆزىگە توختىماي ئۇرۇلۇشى بىلەن ئۇلار كۆزلىرىنى ئاچالماي، يولنىمۇ پەرقلەندۈرەلمەي قالدى. يولنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تاغ گۆمۈرۈلۈش، يول ئويولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەندى. كۆپ يىللىق خىزمەت تەجرىبىسى ۋە يولغا پىششىق تونۇشلۇقى بىلەن گو شياۋلېي قاتارلىقلار پەقەت 15 مىنۇت سەرپ قىلىپلا كەلكۈندىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى.
7- ئاينىڭ 3- كۈنى، قاپسىلىپ قالغان كىشىلەرنى قۇتقۇزۇپ چىققاندىن كېيىن، قۇتقۇزغۇچى خادىملار ھەمكارلىشىپ، قورال سايمانلاردىن پايدىلىنىپ لاي لاتقىغا پېتىپ قالغان ئاپتوموبىلنى تارتىپ چىقتى. ساياھەتچى قاپسىلىپ قالغان يول بۆلىكى، يول يۈزىنى لاي- لاتقا ۋە ئۇششاق تاشلار قاپلىغان بولۇپ، بىر كۆك رەڭلىك سانتانا ماركىلىق پىكاپنىڭ يېرىمى لاي قۇمغا پېتىپ قالغان، پىكاپ سىرتىدا 3 كىشى، پىكاپ ئىچىدە 2 كىشى باركەن. پىكاپ ئىشىكى لاي قۇم بىلەن كۆمۈلۈپ ئېچىلماي قالغاچقا، ئىككەيلەن پىكاپ ئىچىدە قاپسىلىپ قالغانىكەن.
يامغۇر تېخى توختىمىغان بولۇپ، لاي قۇم ئېقىمى يەنىلا ئالدىغا قاراپ سۈرۈلۈپ، كەلكۈن ئۇلغىيىپ، پىكاپ ئۈستىگىچە يامراۋاتقانىكەن. ئەھۋال بەكلا خەتەرلىك بولۇپ، گو شياۋلېي بىلەن خىزمەتداشلىرى بەدىنىگە ئارغامچا باغلاپ، بېلىگىچە كېلىدىغان مۇزدەك سوغۇق لاي سۇنى كىچىپ، قاپسىلىپ قالغان پىكاپقا بىر قەدەم بىر قەدەمدىن يېقىنلاشتى. پىكاپقا يېقىن كەلگەندە بىرنەچچەيلەن ئارغامچا بىلەن، پىكاپ ئىچىگە قاپسىلىپ قالغانلارنى پىكاپ دېرىزىسىدىن تارتىپ چىقىرىپ بىخەتەر جايغا يۆتكىدى.
قۇتقۇزۇلغانلار قۇتقۇزغۇچى خادىملارغا كەينى تەرەپتە يەنە خېلى كۆپ ماشىنىلارنىڭ قاپسىلىپ قالغانلىقى، قاپسىلىپ قالغان كىشىلەرنىڭ 10نەچچىگە يېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. گو شياۋلېي دەرھال كۈرەكلىك ئاپتوموبىلنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىش توغرىسىدا ئالاقىلىشىپ، نەق مەيدان تەرەپكە قاراپ ماڭدى، ئۇ لايقۇم بىلەن توسۇلغان يوللارنى راۋانلاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا قۇتقۇزغۇچى خادىملارنى يېتەكلەپ يولنى بويلاپ قاپسىلىپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇپ ماڭدى.
ھەربىر قاپسىلىپ قالغان پىكاپنى كۆرگەندە قۇتقۇزغۇچى خادىملار دەرھال لاي سۇغا كىرىپ گۈرجەك، كالتەك قاتارلىق سايمانلار بىلەن پىكاپنىڭ ئەتراپىدىكى لاي قۇم، شېغىل تاشلارنى يۆتكىدى ئاندىن باشقا ماشىنىلارغا سۆرىتىپ قۇتقۇزۇپ چىقتى. قۇتقۇزغۇچى خادىملارنىڭ كىيىم- كېچەكلىرى ئاللىقاچان لاي- قۇم دەستىدىن چىلىق- چىلىق ھۆل بولغان، چاچ ۋە تىرناقلىرىدا قاپ قارا لاي پاتقاقلار تۇرۇپ قالغانىدى.
شۇ كۈنى سائەت 22 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، قاپسىلىپ قالغان باشقا 4 پىكاپمۇ بىر- بىرلەپ تارتىپ چىقىرىلىپ، بىخەتەر جايغا يۆتكەلدى، شۇ قېتىملىق قۇتقۇزۇشتا 5 پىكاپ، 20 دىن ئارتۇق ئادەم مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇلدى. قۇتقۇزۇلغان ئاممىنىڭ رەھمەت تەشەككۈرلىرىگە قارىتا گو شياۋلېي ۋە ئۈچ نەپەر خىزمەتدىشى «بۇ خەلق ساقچىلىرىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى» دەپلا قويدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى