قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

نۇر قاسىملارنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى

2018-07-10 19:29:29     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

باشىكنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدە مۇنداق دىيىلدى: ھازىر شىنجاڭ يەنىلا «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» ئالاھىدە تارىخىي مەزگىلدە تۇرماقتا، پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بايرىقىم روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، قەتئىي پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقىم ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇم بىلەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى كەم- كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشان بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.
شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچى، ئىجتىمائىي ئاكتىپ كۈچنى يەتكۈزگۈچىلەردىن بولۇپ، خىزمەتتە ئۈلگە بولۇپ، قوشۇننى ياخشى يېتەكلەپ، ھەر مىللەت كادىر ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە سىياسىي مەيداننى چىڭىتىش، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىمەن ۋە يېتەكلەيمەن؛ تۇرمۇشتا بايرىقىم روشەن ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ئىتتىپاق، مۇقىم بولغان كۈچلۈك ئاكتىپ كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئەتراپىمدىكى كەسىپداشلار، ئائىلەمدىكىلەرنى تەسىرلەندۈرۈپ، تەسىر كۆرسىتىپ ۋە يېتەكلەپ، ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمەن.
پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىقتىدارىمنى داۋاملىق، ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاممىنى توغرا يېتەكلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتچان بولۇش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ كۈچلۈك مۇداپىئە سېپى ۋە پولات سېپىلىنى مۇستەھكەم قۇرۇپ چىقىمەن. «ئەڭ ئەستايىدىل بولۇش» روھىم ۋە «ئەڭ مەسئۇلىيەتچان بولۇش» تەك ھەرىكىتىم بىلەن، باشلامچىلىق رولۇمنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەتنى قەتئىي ياخشى، ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەپ، تېررورلۇق، زوراۋانلىق خەۋپى بار تۇپراقنى پاكىز تازىلايمەن؛ ئەۋزەللىكىمنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇپ، دىلىم بىلەن، كۈچۈم بىلەن ۋە رىشتىم بىلەن ئاممىغا تايىنىپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى» لەر، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى ۋە رەزىل ئەپت- بەشىرىسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئاشكارىلاپ تەنقىد قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى كۆزىنى يوغان ئېچىش، ھەق- ناھەقنى ئايرىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە ئاكتىپ يېتەكلەپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە ۋە بۇزغۇنچىلىقىغا ئاڭلىق قارشى تۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىشىغا تەسىر كۆرسىتىمەن ۋە ئۇلارنى يېتەكلەيمەن.
بىز چوقۇم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق بولمىسا، شىنجاڭنىڭ گۈزەل كەلگۈسى، بىزنىڭ گۈزەل ئەتىمىزنىڭ بولمايدىغانلىقىنى تولۇق تونۇشىمىز، بۇ بەختلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى، سوتسىيالىستىك تۈزۈم كاپالىتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا ماڭغاندىلا، ئاندىن بەخت يولىغا ماڭغىلى بولىدىغانلىقىنى تولۇق تونۇشىمىز كېرەك. ھەر مىللەت كادىر ۋە ئامما دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، «زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەش، ئەسەبىي ئىدىيەگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش» نىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەم قۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىپ، جەمئىيەتنىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى قوغدىشىمىز كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىلىم- پەنگە ھۆرمەت قىلىپ، يېڭى بىلىم ئۆگىنىشكە ئىنتىلىپ، گۈزەل يۇرت- ماكانىمىزنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تىگىشلىك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.
▲ نۇر قاسىمنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدە مۇنداق دىيىلدى: ھازىر «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى بۇ مەيدان ھايات- ماماتلىق، قانلىق كۈرەشتە، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئامما جەزمەن مەيدانىنى مۇستەھكەم، بايرىقىنى روشەن قىلىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك.
پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قوشۇنىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى» لەر سەھنىدە بىر خىل مۇقام توۋلىسا، سەھنىدىن چۈشكەندە قارشى مۇقام توۋلىدى، بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچىلىككە، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە مۈجمەل پوزىتسىيەدە بولدى، ھەتتا «ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ قولچوماقچىسى ۋە پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچىسى بولدى. «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى كۆپ خىل بولۇپ، بەزىلەر دىنغا ئىشەنمەيدىغان قىياپەتكە كىرىۋالغان بىلەن ئاستىرتىن يەنىلا ئىشەندى، خىزمەت قىلىۋاتقاندا ئىشەنمىگەن بىلەن، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئىشەندى؛ بەزىلەرنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى پوزىتسىيەسى مۈجمەل بولدى، ئۇلار كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلدى، ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل مۇئامىلە قىلدى؛ بەزىلەر «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى زەھەرلەپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ۋەقە تۇغدۇردى؛ ھەتتا بەزىلەر «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن بىۋاسىتە ئېغىز- بۇرۇن يالىشىپ، تىل بىرىكتۈرۈپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىي ھەرىكەتلەرنى پىلانلىدى، ئۇنىڭغا قاتناشتى، ئۇنى قوللىدى. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۈپ قويدى، ئۇلار «ئۈچ خىل كۈچ» تىنمۇ قەبىھ، تېخىمۇ خەتەرلىك، ئۇلارنى چوقۇم پاكىز قېزىپ، پاكىز تازىلاپ، ئۈزۈل- كېسىل يوقىتىشىمىز كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئامما چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرى ئالدىدا، چوقۇم دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداپ، «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنى دادىل پاش قىلىشى ۋە تەنقىد قىلىشى كېرەك.
پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئامما غايە- ئېتىقادى ۋە سىياسىي مەيدانىنى چوقۇم مۇستەھكەملەپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، «مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە مۇناسىۋەتسىز رايون، مۇناسىۋەتسىز ئورۇن، مۇناسىۋەتسىز كىشى يوق» دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەرۋاقىت چىڭىتىپ، بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم، تونۇشى بىردەك، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدىشى كېرەك.
مەن پارتىيەنىڭ ئىللىق نۇرىدا، پارتىيەنىڭ تەربىيەسى ۋە يېتىشتۈرۈشىدە رەھبىرىي كادىر بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدىم. پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، تەربىيەسى ۋە يېتىشتۈرۈشى بولمىغان بولسا، مېنىڭ بۈگۈنۈم بولمىغان بولاتتى، مەن پارتىيەنىڭ مېھىر- شەپقىتىدىن چەكسىز مىننەتدار. پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا، ھەر مىللەت ئامما شەھەر- بازار داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولماقتا، ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولماقتا، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ بىزگە قىلغان ئىنئامى، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك.
مەن پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە، بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، پوزىتسىيەمنى كەسكىن، ئىچىم بىلەن تېشىمنى بىردەك قىلىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «بىرىكمە مۇشت» نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئاكتىپ كۈچنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىپ، ئۇلارغا قىلچە دەم ئېلىش پۇرسىتى بەرمەي، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاش، ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي- ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەيمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى