قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كەشتىچىلىككە بولغان قىزىقىش تەرەققىياتقا يول ئاچتى

2018-07-10 19:39:06     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇ يىل 4- ئايدىن 6- ئايغىچە، ئورلىمجاۋ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2017- يىللىق جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋارىسىنى تەربىيەلەش پىلانىنىڭ شىنجاڭ ئالىي مەكتەپ تۈرى تەرىپىدىن تەۋسىيە قىلىنىپ، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەت سەنئەت فوندى قوللىغان تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشتى.
بۇ يىل 45 ياشقا كىرگەن ئورلىمجاۋ خېجىڭ ناھىيەسى بالغۇنتاي بازىرى بالغۇنتاي كەنتىدىن بولۇپ، ئۆيدىكىلىرىنىڭ تەسىرىدە، يەتتە يېشىدىن باشلاپلا مومىسى، ئاپىسى ۋە ھاممىسىدىن كەشتە تىكىشنى ئۆگىنىشكە باشلىغان. ئۇ توختىماستىن تىرىشىپ ھەرخىل كەشتە تىكىشنى ئۆگىنىش نەتىجىسىدە كەشتىچىلىك ھۈنىرى بارغانسېرى كامالەتكە يەتتى. ئۈزۈكسىز ئۆگىنىش جەريانىدا، ئۇ ئۆزىنىڭ كەشتىچىلىك ھۈنىرىنىڭ يەنىلا ئەنئەنىۋى لاھىيە بىلەنلا چەكلىنىپ قالغانلىقى ھازىرقى زامانىۋى ئىستېتىك گۈزەللىك تەلىپىگە ماسلىشالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، 2010- يىلى، ئورلىمجاۋ ئىچكى موڭغۇل مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا سەنئەتتىن ھۇزۇلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كەشتىگە رەڭ تەڭشەش سەۋىيىسىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى.
2016- يىلى ۋە 2017- يىلى، ئۇ شىنجاڭ داشۆسى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كەشتىچىلىك تەربىيەلەش سىنىپىنىڭ ئادەتتىكى تەربىيىلەش سىنىپى ۋە پۇختىلاش سىنىپلىرىغا قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ رەڭ تەڭشەش ۋە كەشتە تىكىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مۇنەۋۋەر كۇرسانت بولۇپ باھالاندى. بۇ يىل، ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن كەشتىچى يېتىشتۈرۈش كۇرسىغا ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىندى.
2016- يىلى 8- ئايدا، ئورلىمجاۋ كەشتىچىلىك دۇكىنى ئېچىپ، ئاساسلىق زىننەت بۇيۇملىرى، خۇش پۇراقلىق كىچىك خالتا، ئاسما رەسىم قاتارلىق بۇيۇملارنى كەشتىلەپ بازارغا سالىدى، ئۇلار كەشتىلىگەن بۇيۇملار سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ سېتىۋىلىشىغا ئېرىشتى ھەمدە يىلىغا 20 مىڭ يۈەنگە يېقىن ساپ كىرىم قىلدى. ئۇ ئۆزى كەشتە مەھسۇلاتلىرىنى ئىجاد قىلىپلا قالماستىن، يەنە كەنتتىكى ئاچاـ سىڭىللارنىڭ كەشتە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋىلىپ ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.
2013- يىلى ئورلىمجاۋ «شىنجاڭ ھۈنەر- سەنئەت ئۇستىسى» دېگەن نامغا ئېرىشتى، كەشتىلىگەن ئەسەرلىرىدىن «مودەنگۈل ۋە جۈپ كەپتەر» «چىڭ مەلىكىسى»، «ئەجدىھا سۈرىتى» قاتارلىق ئەسەرلىرى كۆپ قېتىم بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ساياھەت تاۋارلىرىنى لايىھىلەش مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئۇنىڭدىن باشقا «چىڭ مەلىكىسى» كەشتىلەنگەن ئەسىرى كۆپ قېتىم دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى كۆرگەزمىلەردە مۇكاپاتقا ئېرىشىپ كەلدى.
2015- يىلى، ئورلىمجاۋ شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى موڭغۇل ئەل ئىچى نەقىشلىرى سەنئىتىدە بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ئوبلاست دەرىجىلىك ۋارسلىق قىلغۇچىسى بولۇپ باھالاندى.
ئورلىمجاۋ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن دۇكىنىمنىڭ تىجارىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، كەنىتتىكى ئاچاـ سىڭىللارنى يېتەكلەپ بىرلىكتە بېيىش يولىغا قاراپ ماڭىمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى