قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«ئىناقلىقتىن سۆيۈنگەن دىللار»

2018-07-11 18:47:31     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قومۇل شەھىرىنىڭ ئىۋىرغول رايونى راھەتباغ يېزىسى قاراتال كەنتىدىكى ليۇ خۇاگاڭ 80 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بولۇپ، نەچچە يىل ئىلگىرى خوتۇنى مېڭە قان تومۇر توسۇلۇش كېسىلى سەۋەبىدىن چاقلىق ئورۇندۇققا چۈشۈپ قالدى. شۇنداقتىمۇ ليۇ خۇاگاڭ يالغۇزلۇق ھېس قىلمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ئەتراپىدا مېھرىبان «قېرىنداش»لىرى، قوشنىلىرى بار ئىدى.

ليۇ خۇاگاڭ 1966 ـ يىلى ئىچكىرىدىن كېلىپ راھەتباغ يېزىسىنىڭ قاراتال كەنتىدە تۇرۇپ قالغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن كەنتتىكى ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر ئۇنىڭغا ئىش تېپىپ بەردى. 1970 ـ يىلى كەنتتىكىلەر ئۇنىڭغا بىر يۈرۈش ئۆي سېلىپ بەردى. كەنت رەھبەرلىكى ئۇنىڭغا تېرىلغۇ يەر تەقسىم قىلدى.

مۇشۇ ئۆينى ئەينى ۋاقىتتا يۇرتداشلار سېلىپ بەرگەن، ئۇلارنىڭ بۇ ياخشىلىقىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن، دېدى ليۇ خۇاگاڭنىڭ ئۆيىگە كىرگىنىمدە، قوشنىلىرىم تۇرمۇشۇمغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى. ئۇزاق يىللاردىن بۇيان كەنتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار بىلەن ئېجىل - ئىناق ئۆتۈپ كېلىۋاتىمەن.

«قول قولنى يۇيسا، قول كېلىپ يۈزنى يۇيار»دېگەندەك، ليۇ خۇاگاڭمۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلاردىن ياردىمىنى ئايىمىدى. كىم ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا يولۇقسا، قولىدىن كېلىشىچە ياردەم بەردى. تىراكتورى بىلەن مەھەللىدىكى قىيىنچىلىقى بار يۇرتداشلىرىنىڭ ئىشلىرىنى ھەقسىز قىلىپ بەردى. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى بىلەن ئۇزاق يىل ئارىلىشىش جەريانىدا ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى پىششىق ئۆگىنىۋالدى.

قاراتال كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى قاھار ئابدۇراھمان بىلەن ليۇ خۇاگاڭنىڭ قوشنىسى ئىمىن ئوسماننىڭ ئۆيىگە كىرگىنىمىزدە، ئىمىن ئوسمان ئىككى ئائىلىنىڭ ئىناقلىقى توغرىسىدا ئاغزى ـ ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى.

ئىككى ئائىلە قوشنا بولغاچقا ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشتا ئۆزئارا ياردەملىشىپ، ئىناق ئۆتۈپ كەلدۇق. مەيلى قايسى مىللەتتىن بولايلى، مۇشۇنداق ئېجىل ـ ئىناق ئۆتكەنگە يەتمەيدىكەن. دوستلۇقىمىزنىڭ مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ليۇ خۇاگاڭنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ خوتۇنى ئاغرىپ قالغاندىن بۇيان، ئىمىن ئوسمان ئائىلىسىدىكىلەر ئۇلارغا كۆپ يار ـ يۆلەك بوپتۇ. ليۇ خۇاگاڭ خوتۇنىنى دوختۇرخانىدا داۋالاتقان مەزگىلدە ئۇلارنىڭ قويلىرىنى بېقىپ بېرىپتۇ. بىر قېتىم ليۇ خۇاگاڭ سىرتقا ئىش بېجىرگىلى چىقىپ كەتكەندە، ئۇنىڭ خوتۇنى ۋاڭ فۇيىڭ چاقلىق ئورۇندۇقتىن يىقىلىپ كېتىپ، نەچچە سائەت يېتىپ قاپتۇ. شۇ چاغدا ئىمىن ئوسماننىڭ خوتۇنى ئامىنەم ئېلى ئەھۋال سورىغىلى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، يەردە ياتقان ۋاڭ فۇيىڭنى دەرھال يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، دورىسىنى ئىچكۈزۈپ قويۇپتۇ. ليۇ خۇاگاڭ قايتىپ كېلىپ، بۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن ئامىنەم ئېلىنىڭ ھالقىلىق پەيتتە خوتۇنىغا ياردەم قىلغىنىدىن سۆيۈنۈپتۇ.

ليۇ خۇاگاڭ گەپ ئارىلىقىدا قوشنىسى ئىسھاق سايىم بىلەن بولغان دوستلۇقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ قاراتالغا يېڭى كەلگەندە ئىسھاق سايىم ئۇنىڭغا ئىش تېپىپ بېرىپتۇ، ئۆيىدە تۇرغۇزۇپتۇ. خوتۇنىنى داۋالىتىش ئۈچۈن زور چىقىم تارتىپ تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ئىككى قوي بېرىپتۇ.

ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمدىن باشقا كەنت رەھبەرلىرىمۇ ھالىمدىن ياخشى خەۋەر ئالدى، دېدى ليۇ خۇاگاڭ، مەن ئىناقلىققا ۋە مېھىر ـ مۇھەببەتكە تولغان بۇ ماكاندا ياشىغىنىمدىن تولىمۇ سۆيۈنىمەن، بىزگە مۇشۇنداق ئەۋزەل تۇرمۇش شارائىتى يارىتىپ بەرگەن پارتىيە، ھۆكۈمەتكە رەھمەت ئېيتىمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى