قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا كارتا ئالغاندا قانداق قىلغاندا بىخەتەر بولىدۇ؟

2018-07-11 18:57:26     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا كىرگەندە، ئەگەر كارتا ئېلىش ماشىنىسى بولسا، قانداق قىلغاندا ئەڭ بىخەتەر بولىدۇ؟ بەلكىم نۇرغۇن شوپۇرلار ئاپتوموبىل توختاتقاندا خاتالىق سادىر قىلىشى مۇمكىن. نۇرغۇن شوپۇرلار كارتا ئالغاندا، ۋاقىتنى تېجەش ئۈچۈن، تورمۇزنى دەسسەپ تۇرۇپ كارتا ئېلىشقا ئادەتلەنگەن، گەرچە ئاپتوموبىل بىلەن كارتا ئېلىش ماشىنىسىنىڭ ئارىلىقى نىسبەتەن يىراق بولسىمۇ، يەنىلا ئاپتوموبىلنى D خوتتا تۇرغۇزۇپ، تورمۇزنى دەسسەپ تۇرۇپ، بەدىنىنى سىرتقا چىقىرىپ تۇرۇپ كارتا ئالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، شوپۇرنىڭ پۇتى ناھايىتى ئاسانلا تورمۇز تەپكىسىدىن ئايرىلىدىغان ياكى ماي تەپكىسىنى دەسسەپ سالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈپ، سەللا دىققەت دىققەت قىلمىغاندا ئاپتوموبىل كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، ئېغىر ھادىسە پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

قاتناش ساقچىلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئەڭ بىخەتەر ئۇسۇل ئاپتوموبىلنى N خوتقا سېلىش (قول خوتلۇق ئاپتوموبىللارنى خالاستايغا سېلىش)، قول تورمۇزنى تارتىش، كارتىنى ئالغاندىن كېيىن خوتقا سېلىپ ھەيدەش. بۇنىڭدىن باشقا، نۆۋەتتە بارغانسېرى كۆپ ئاپتوموبىللارغا ئېلېكتىرونلۇق قول تورمۇز سەپلىنىۋاتقان بولۇپ، شوپۇرلار ئاپتوموبىل توختاتقاندا ئېلېكتىرونلۇق قول تومۇز كۇنۇپكىسىنى بېسىپ قويسا، ئاپتوموبىل D خوتتا بولغان تەقدىردىمۇ مېڭىپ كەتمەيدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى