قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 «چۆل ساياھىتى. مايتاغ- كۇچا سەپىرى» ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش پائالىيىتى قاراماي شەھىرىدە باشلاندى

2018-07-11 19:08:46     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇشۇ ئاينىڭ 8- كۈنى 2018- يىللىق «چۆل ساياھىتى. مايتاغ- كۇچا سەپىرى» ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش پائالىيىتى قاراماي شەھىرىدە باشلاندى. مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 100 كىشىلىك ئاپتوموبىل ئەترىتى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ تىيانشان مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىشقا ئاتلاندى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە 10 ئائىلە ئاپتوموبىلى، 26 دالا ئاپتوموبىلىدىن تەشكىللەنگەن 100 كىشىلىك ئاپتوموبىل ئەترىتى قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونىدىن يولغا چىقىپ، مايتاغ- كۇچا تاشيولىنى بويلاپ 4 كۈندە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا ناھىيەسىگە يېتىپ بارىدۇ. بۇ لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 561 كىلومېتىر بولۇپ، ساياھەتچىلەر يولنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىشتىن باشقا، يەنە يول بويىدىكى چورما مەنزىرە رايونى، نارات يايلىقى، بايىنبۇلاق يايلىقى، كۇچا تيانشان سىرلىق جىلغىسى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىنى ساياھەت قىلالايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى