قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 «زامانىۋىي شەھەر، رومانتىك داليەن» ئاساسىي تېما قىلىنغان داليەن ساياھەتچىلىكىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ 9- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

2018-07-11 19:09:12     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

«زامانىۋىي شەھەر، رومانتىك داليەن» ئاساسىي تېما قىلىنغان داليەن ساياھەتچىلىكىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ 9- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. داليەن شەرقىي شىمالنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۈچ تەرىپى دېڭىز بىلەن قورشالغان، «جۇڭگودىكى ئەڭ ياخشى ساياھەت شەھىرى»، «مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر» ۋە تۇنجى تۈركۈمدىكى جۇڭگو ساياھەت ئىستىراھەت ساياھەتچىلىكى بويىچە ئۈلگىلىك شەھەرلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىدىكى تەجرىبە رايونى. بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش يىغىنى بۇلتۇر داليەن بىلەن ئۈرۈمچى ئۆز- ئارا ساياھەتچىلەرنى تونۇشتۇرۇش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش ئاساسىدا ئېلىپ بارغان يەنە بىر قېتىملىق كېڭەيتىش پائالىيىتى. بۇنىڭدا ئىككى جاينىڭ ساياھەتچىلىك ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىي مەقسەت قىلىندى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى