قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 «بالىلاردىكى سۆرەلمىلىك ئەيىپمۇ؟»

2018-07-11 19:10:09     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

- بالام، ئورنۇڭدىن تېز تۇرغىن، بولمىس مەكتەپكە كېچىكىپ قالىسەن....

- تېخىچە چاپىنىڭنى كىيمەپسەنغۇ؟ مەكتەپكە كېچىكىپ قالساڭ كارىم يوق....

- مۇشۇنداق سۆرەلمىلىك قىلساڭ كېيىن قانداق قىلىسەن؟ قارىغىنە، 10 مىنۇت بولدى، تېخىچە پايپىقىڭنى كىيىپ بولالماپسەن....

يۇقىرقىدەك سۆزلەرنى ئاتا- ئانىلار دائىم تەكرارلايدۇ، چۈنكى ئاتا -ئانىلارغا بالىلىرىنىڭ ھەرىكىتى، ئىش قىلىش سۈرئىتى ناھايىتى ئاستا بىلىنىدۇ. ئۇنداقتا بالا ھەقىقەتەن سۆرەلمىلىك قىلىۋاتامدۇ؟

@ يەنە مىسالغا ئالساق: ئاينۇر بالىسىنىڭ ئاستا ئىش قىلىدىغانلىقىغا تاقەت قىلالمايدىغان بىر ئانا، چۈنكى ئۇنىڭ نەزىرىدە بالىسى ئەزىمەت كۈندە كىيىم كىيىش، تاماق يېيىش، تاپشۇرۇق ئىشلەش قاتارلىق ئىشلارنى ئاستا قىلىدۇ. ئاينۇر كۈندە ئوغلىغا بۇ توغرىدا تاپا-تەنە قىلغاندا، ئەزىمەت ئىشلارنى شۇنداق تېز قىلىۋاتقانلىقى، ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۇنى توختىماي ئالدىرىتىشىدىن ئاغرىنىدۇ.

بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا ئوقۇتقۇچى مۇنداق دەيدۇ: باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-، 2 -يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۈرئىتى ئەسلىدىنلا سەل ئاستا بولىدۇ، ئۇلار ۋاقىت ئۇقۇمىغا ئانچە ئېتىبار بېرەلمەيدۇ، ۋاقىتنى مۆلچەرلىيەلمەيدۇ. ئاتا- ئانىلار بۇ تەرەپلەرنى ئويلاشمايلا بالىلىرىنىڭ ھەرىكەت سۈرئىتىنى ئۆزشىنىڭكىگە سېلىشتۇرۇپ كايىيدۇ، ئۇلارنى دۈشكەللەيدۇ. ئاتا- ئانىلار ئۇنداق قىلماي، بەلكى بالىلارنىڭ ۋاقىت كۆز قارىشى شەكىللەندۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى لازىم.

@ كۆپىنچە ئاتا- ئانا بالىلىرىنىڭ تاپشۇرۇقنى ئاستا ئشلىتىشىدىن نارازى بولىدۇ. بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقنى ئاستا ئىشلىشىدە ھەر خىل سەۋەپ بار، مەسىلەن، مۇھىت مەسىلىسى، بالىنىڭ ئويۇنغا ئالدىراپ تاپشۇرۇققا كۆڭۈل قويماسلىقى دېگەندەك، بۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى بالىلاردا ھەددىدىن زىيادە مۇكەممەلىكنى تەلەپ قىلىدىغان خاراكتېر بولىدۇ، شۇڭا ئاتا- ئانىسىنىڭ تەلىپىدىكىدەك يېزىشقا تىرىشىدۇ، لېكىن ئۆزىگە ئانچە ئىشەنمەيدۇ. بۇنداق بالىلارنى ئامال بار ئالدىراتماسلىق كېرەك، ئاتا- ئانىلار ئالدى بىلەن ئۇلارنى ئۆزىگە ئىشىنىشكە ئىلھاملادۇرۇش، ئانچە- مۇنچە خاتالىقلارنى سادىر قىلغاندا زىغىرلىماسلىق، توغرا يېتەكلەش كېرەك. بەزى بالىلار تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە بىردەم سۇ ئىچىپ، بىردەم تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ، ۋاقىت ئىسراپ قىلىدۇ. ئاتا- ئانىلار بۇنداق چاغدا بالىنىڭ بۈگۈنكى تاپشۇرۇق ئەھۋالىنى ئېنىق سوراپ، قايسى تاپشۇرۇقنى ئاۋۋال ئىشلەش، ئاندىن قايسىسىنى ئىشلەشنى ئايدىڭلاشتۇرغۇزۇپ يېتەكلەش لازىم. بالىنىڭ دىققىتى چېچىلماسلىقى ئۈچۈن تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقاندا بىر نەرسە يېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئەسكەرتىش كېرەك.

@ بالىلاردىكى سۆرەلمىلىكنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۇنى ياقتۇرمايدىغان ئىشلىرىغا زورلىشى، بۇنداق ئەھۋالدا ئاتا- ئانىلار بالىلار بىلەن چوقۇم دوستانە پاراڭلىشىشى، مۇشۇ ئىشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى چۈشەندۈرۈش، بالىدا قىزىقىش پەيدا قىلىشى كېرەك.

ئاتا- ئانىلار بالىنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشىگە، سۆرەلمىلىكنى تۈگىتىشىگە ياردەم قىلماقچى بولسا، «تېزرەك بول» دېگەن بۇيرۇق جۈملىنى ئىشلەتمەستىن «سېنىڭ سەل تېزرەك بولۇشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن، سەن قىلالايسەن» دەپ رىغبەتلەندۈرۈپ يېتەكلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى لازىم.

ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلارغا ئۆزى تاللاشنى ئۈگىتىشى كېرەك، مەسىلەن، ئەگەر10 مىنۇت ئىلگىرى ئۆيدىن چىقساق، كىنوغا ئۈلگۈرەلەيمىز، تېخى قوناق ئېتىلدۈرمىسى ئېلىشقا ۋاقتىمىز چىقىدۇ، 10 مىنۇت كېچىكىپ چىقساق، كىنو باشلىنىپ كېتىدۇ. بىز كىنونىڭ بېشىنى كۆرەلمەيمىز، ئۇنداقتا قانداق قىلساق ياخشى بولىدۇ؟ دېيىش ئارقىلىق، پايدا- زىياننى دەڭسەشنى ئۈگىتىش كېرەك. بالا ۋاقىتنى ئورۇنلاشتۇرغان، سۆرەلمىلىك قىلمىغان ۋاقىتتا چوقۇم ئالاھىدە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك، مۇشۇنداق بولغاندا بالىلار بۇنى ئادەتكە ئايلاندۇرىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى