قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 بورتالا ئوبلاستىدىكى چېگرا قوغدىغۇچى تۇرسۇنبېك ئەنىلەنىڭ 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، چېگرانى چارلاپ قوغدىغانلىق ھىكايىسى

2018-07-11 11:35:27     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى ئالاتاۋ تېغىدا، چېگرا قوغدىغۇچى تۇرسۇنبېك ئەنىلەنىڭ چېگرانى چارلاپ قوغداۋاتقىنىغا 30 نەچچە يىل بولدى.
ئەتىگەن سائەت 9 دا، بورتالا شەھىرىنىڭ شويىڭپەن بازىرى مىڭڭىن تولغا كەنتىدىكى چېگرا قوغدىغۇچى تۇرسۇنبېك ئەنىلە ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى بىر كۈنلۈك چېگرا چارلاش خىزمىتىنى باشلايدۇ. ئۇلار كۈندە بىر ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئۆيىدىن يەنە بىر ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئۆيىگىچە سەككىز كىلومېتىر يول يۈرىدۇ. بۇ يىل 56 ياشقا كىرگەن تۇرسۇنبېك ئەنىلە 20 ياشتىن تارتىپلا چېگرا قوغدىغۇچىسى بولغان. ئۇ مۇنداق دېدى: چېگرانى قوغداش خىزمىتى بەك جاپالىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىشتا سوغۇق، يازدا ئىسسىق بولۇپ، چارلاشقا چىققاندا ئات ماڭالمايدىغان يەرلەردە پىيادە مېڭىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بەزىدە چۈشتە تاماق يېيىشكىمۇ ۋاقتىمىز چىقمايدۇ.
بىر قېتىم تۇرسۇنبېك ئەنىلە ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى چارلاش جەريانىدا بىنورمال ئاياغ ئىزى ۋە بىر قىسىم قالدۇق بۇيۇملارنى بايقاپ، دەرھال چېگرا مۇداپىئە قىسمىغا دوكلات قىلدى. تۇرسۇنبېك ئەنىلە 30 نەچچە يىللىق چارلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلەش جەريانىدا دادىسىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن تەلىمىنى ئىزچىل ئېسىدە چىڭ ساقلاپ كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: داداممۇ ئىلگىرى چېگرا قوغدىغۇچى ئىدى. دادام ماڭا كىچىكىمدىن باشلاپلا ماڭا دۆلىتىمىزنىڭ زىمىنىنى قوغداش مەسئۇلىيتىمنىڭ بارلىقى توغۇرىسىدا تەربىيە بىرىپ كەلگەن. ھازىر مەن ھەر كۈنى چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتىمەن. چارلاش تۇرمۇشۇمنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلىدى. دۆلىتىمىزنىڭ سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلىرىنى كۆرگىنىمدە ئۆزۈمدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن.
بۈگۈنكى كۈندە بورتالا شەھىرىنىڭ شويىڭپەن بازىرى مىڭڭىن تولغا كەنتىدىكى چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن- كۈنگە ياخشلاندى. تۇرسۇنبېك ئەنىلە چېگرانى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ غەيرەتكە كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن بەھرىمان بولدۇم. ھازىر يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردىم، مائاشىممۇ ئۆستى. پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى بولغاچقا، تۇرمۇشىمىزمۇ بارغانسېرى ياخشىلانماقتا. مەن تېخىمۇ تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، چېگرانى ياخشى ساقلاپ، تېخىمۇ كۆپ چېگرا قوغدىغۇچىنى ۋەتىنىمىزنىڭ چېگراسىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشقا يېتەكلەيمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى