قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يېرىم ئەسىردىن ھالقىغان مېھىر- شەپقەت

2018-07-11 11:36:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
يېقىندا، قۇمۇلدىكى 74 ياشقا كىرگەن پېنسىيەگە چىققان ئىشچى ئەۋەيدۇل 53 يىل جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىلىق، ئىلگىرى دادىسى ۋە ئۆزىگە ياردەم بەرگەن شەپقەتچىسى ۋاڭ شياڭليەن بىلەن قايتا ئۇچرىشىپ، يېرىم ئەسىردىن ھالقىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېسسىياتىنى داۋاملاشتۇردى.
مۇشۇ ئاينىڭ 8- كۈنى كەچ سائەت 8 دە، ئەۋەيدۇل بىر ئائىلە كىشىلىرى تېلېۋىزوردىن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «سىزنى ساقلايمەن» ناملىق چوڭ تىپتىكى تۇغقان ئىزدەش پروگراممىسىنى كۆردى. چاچلىرى ئاقارغان ۋاڭ شياڭليەن پىروگرامما نەق مەيدانىدا ئىشىكتىن كىرىپ، ئەۋەيدۇل بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەن چاغدىكى كۆرۈنۈش پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنى كۆزىگە ياش ئالدۇردى.
1965- يىلى 1- ئايدا، ئەۋەيدۇل كۆپ قوزغىلىدىغان ئۆسمە كېسللىكىگە گىرىپتار بولغان دادىسىنى ئېلىپ قۇمۇل دوختۇرخانىسىدىن ئايرىلىپ، پويىزغا ئولتۇرۇپ ليۇشۇچۈەن دېھقانچىلىق مەيدانىغا قايتىش يولىدا، شىنجاڭغا تۇغقان يوقلاپ كەلگەن شىئەندىكى بىر ھەربىي تىببىي پەنلەر مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ۋاڭ شياڭليەن بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ. ئەۋەيدۇل مۇنداق دېدى: ـــ شۇ چاغدا ھەربىي فورما كىيگەن بىر قىز كېلىپ، بىزدىن «قەيەرگە ماڭدىڭلار، بۇ يەردە يېتىپسىلەرغۇ؟» دەپ سورىدى، مەن «دادام ئاغرىپ قالغان، ئورنىدىن تۇرالمايدۇ» دېسەم، ئۇ «كېسەلنى چوقۇم ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك، ئادرېسىڭلارنى ماڭا دەپ بېرىڭلار، ئەگەر ئۈرۈمچىدىكى تىببىي پەنلەر شۆيۈەنىگە بارساڭلار، مەن ئالدىن ئالاقىلىشىپ بېرىمەن» دېدى.
ليۇشۇچۈەن دېھقانچىلىق مەيدانىغا قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئەۋەيدۇل دادا- بالا ئويلىمىغان يەردىن ۋاڭ شياڭليەننىڭ تۇنجى خېتىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. خەتتە ئۇنىڭ شىنجاڭ تېببىي پەنلەر شۆيۈەنى بىلەن ئالاقىلىشىپ بولغانلىقى يېزىلغان بولۇپ، كونۋېرتنىڭ ئىچىدە يەنە 20 يۈەن بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەۋەيدۇل دادىسىنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ. ۋاڭ شياڭليەننىڭ ياردىمىدە شىنجاڭ تېببىي پەنلەر شۆيۈەنىدە كېسەل كۆرسىتىش ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. ئەمما شارائىت چەكلىمىسى بولغاچقا، دادسىنى يەنە ئىچكىرىگە ئاپىرىپ داۋاملىق داۋالىتىشقا توغرا كەلدى. ۋاڭ شياڭليەن ئۇلارغا ياردەملىشىپ شىئەندىكى بىر دوختۇرخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ بېرىدۇ ھەم مۇتەخەسسىسلەرنى دىياگنوز قويۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ، يەنە داۋالاش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەۋەيدۇلنىڭ دادىسىنىڭ كېسىلى پۈتۈنلەي ساقايغۇچە ياردەم بېرىدۇ. دەل مۇشۇ چاغدا ۋاڭ شياڭليەن قىسىم بىلەن شەرقىي شىمالغا كېتىدۇ، بۇ مەزگىلدە، ئۇ ئىزچىل تۈردە ئەۋەيدۇل دادا- بالا بىلەن خەت ئالاقىسى قىلىپ تۇرىدۇ. ھەر قېتىم خەت يازغاندا، ۋاڭ شياڭليەن خەتكە ئازراق نەق پۇل قىستۇرۇپ قوياتتى. تۆت ئاي ئىچىدە ۋاڭ شياڭليەن جەمئىي 15 پارچە خەت يېزىپ، ئۇلارغا 140 يۈەن ئەۋەتىدۇ.
1966- يىلىدىن كېيىن ۋاڭ شياڭليەن بىلەن ئەۋەيدۇل دادا- بالا ئوتتۇرىسىدىكى خەت ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئالاقىلىشالمەي قالىدۇ. 1981- يىلى، ئەۋەيدۇلنىڭ دادىسى ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا ئوغلىغا ۋەسىيەت قىلىپ، چوقۇم شەپقەتچىسى ۋاڭ شياڭليەننى تېپىشنى تاپىلايدۇ. ئەۋەيدۇل مۇنداق دېدى: ــــ 1981- يىلى دادام ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا گەپنىمۇ ئېنىق دېيەلمەيدىغان بولۇپ قالغانىدى، شۇنداقتىمۇ ئۇ ماڭا «ئوغلۇم، ۋاڭ شياڭليەن بىزگە كۆپ ياردەم قىلدى، بىز ئۇنىڭ پۇلىنى قايتۇرالمىدۇق ھەم يۈز تۇرانە رەھمەت ئېيتالمىدۇق» دېدى. مەن «دادا، خاتىرجەم بولۇڭ، بۇ ئىشنى ماڭا تاپشۇرۇڭ، مەن چوقۇم ئۇنى تېپىپ يۈز تۇرانە رەھمەت ئېيتىمەن» دېدىم.
ئەۋەيدۇل دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدىكى ھاۋالىسىنى ئىزچىل ئېسىدە تۇتۇپ، كۆپ قېتىم ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن ياردەم سوراپ، ئاخىرىدا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن ئالاقىلىشىدۇ. بۇ يىل 3- ئايدا، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «سىزنى ساقلايمەن» دېگەن پروگرامما گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئۇنىڭغا تېلېفون بېرىپ، ۋاڭ شياڭلىيەننى ئىزدەپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. 4- ئاينىڭ بېشىدا، ئەۋەيدۇل پىروگرامما ئىشلەش نەق مەيدانىغا كېلىدۇ، ئىشىك ئېچىلغان شۇ دەقىقىدە، تۇيۇقسىز كەلگەن خۇشاللىقتىن ھاياجانلانغان ئەۋەيدۇل بىلەن ۋاڭ شياڭليەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشىدۇ. ۋاڭ شياڭليەن مۇنداق دەيدۇ: ــــ مەن ئىنتايىن مىننەتدار، ھەم ئىنتايىن خۇشال، مېنىڭ ئازغىنە ياردىمىم ئۈچۈن ئۇلار مېنى 53 يىل ئىزدەپتۇ. بۇ يىل 80 ياشقا كىردىم، مەن چوقۇم بالام بىلەن بېرىپ ئۇلارنى يوقلايمەن، ئۇلار بولغاچقا مېنىڭ شىنجاڭدا يەنە بىر ئۆيۈم بار بولدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى