قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 جېڭىس مۇقانلارنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى

2018-07-11 11:38:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

7-ئاينىڭ 11-كۈنى نەشردىن چىققان شىنجاڭ گېزىتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئاخبارات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى (باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك) جۇۋ گۇ، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق مىللەت- دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ جىڭ ناھىيەسى داخېيەنزى بازىرى مەدەنىيەت مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1- شۇجىسى جېڭىس مۇقانلارنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى.
جۇۋ گۇنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: كۆپ يىللاردىن بۇيان ئاخبارات، تەشۋىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەشۋىقات، مەدەنىيەت خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزىمەن؛ «مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، نادىر ئەسەر يارىتىش» روھى بىلەن قەلەمنى قورال قىلغان جەڭچىلەردىن بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى ئىدىيەۋى يېتەكچىلەردىن بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇساپىسىدە بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە، تەكشى قەدەم بىلەن بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ تەڭ ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيمەن. 
جېڭىس مۇقاننىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: مەن ئۇزاق يىل پارتىيەنىڭ تەربىيەسىنى ئالغان كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەر مىللەت ئاممىغا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىمەن؛ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭدا يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى تەشۋىق قىلىمەن؛ تەربىيە ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، دۈشمەنگە ئورتاق قارشى تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەيمەن. ئۆزۈمنىڭ نەمۇنىلىك ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى