قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

گىگانت ئادەمنىڭ بېغى

2018-07-11 17:53:51     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇرۇن بىر كەنتتە ناھايىتى چىرايلىق بىر باغ بولغان ئىكەن. بۇ باغدا ئەتىيازدا رەڭمۇ- رەڭ گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلسا، يازدا دەل- دەرەخلەر بۈككىدە ئۆسىدىكەن، كۈزدە مېۋىلەرنىڭ شېرىن ھىدى ئەتراپقا تارىسا، قىشتا ئاپئاق قارغا پۈركۈنىدىكەن.
باغنىڭ ئىگىسى بولسا بىر گىگانت ئادەم بولۇپ، ئۇ سىرتقا ساياھەتكە چىقىپ كەتكەچكە، باغ ئىچىدىن دائىم بالىلارنىڭ شاد كۈلكىلىرى ياڭراپ تۇرىدىكەن.
بىر يىلى كۈز پەسلىدە، گىگانت ئادەم تۇيۇقسىز قايتىپ كەپتۇ. ئۇ بالىلارنىڭ باغ ئىچىدە ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ئاچچىقلىنىپتۇ ۋە: «كىم سىلەرگە بۇ يەرگە كېلىپ ئويناشقا رۇخسەت قىلدى. دەرھال يوقىلىڭلار!» دەپ ۋارقىراپتۇ. بالىلار قورقۇشۇرۇپ، تەرەپ- تەرەپكە قېچىشىپتۇ. گىگانت ئادەم بالىلارنى قوغلىۋەتكەندىن كېيىن، باغ ئەتراپىغا تام سوقۇپ، «ئىچىگە كىرىش مەنئىي قىلىنىدۇ» دېگەن تاختاينى تىكلەپ قويۇپتۇ.
ئۇزۇن ئۆتمەي، شىمال شامىلى قىش پەسلىنى باشلاپ كەپتۇ ۋە سۆڭەكتىن ئۆتكۈدەك سوغۇق بىلەن قار لەپىلدەپ چۈشۈشكە باشلاپتۇ. گىگانت ئادەم ئۇزۇن قىش پەسلىنى تەنھالىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈپتۇ.
ئەتىياز پەسلى يېتىپ كەپتۇ. كەنتتىكى خۇشپۇراق گۈللەر ئېچىلىپ، قۇشلار توختىماي سايراشقا باشلاپتۇ. ئەمما نېمە ئۈچۈنكى، گىگانت ئادەمنىڭ بېغى يەنىلا قىش پەسلىدە بولۇپ، ھەر كۈنى شىۋىرغان چىقىپ، قار ئۇچقۇنداپ تۇرۇپتۇ. گىگانت ئادەم ئەدىيالىغا ئورىنىپ، تىترەپ ئولتۇرۇپ كۆڭلىدە: «بۇ يىلقى ئەتىياز پەسلى نېمىنداق سوغۇق، ھەيران قالغۇدەك ئىشقۇ بۇ...» دەپ ئويلاپتۇ.
بىر كۈنى سەھەردە، گىگانت ئادەم ئەتراپتىكى ۋاراڭ- چۇرۇڭدىن ئويغىنىپ كېتىپتۇ. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا، ئۇ نەچچە ئايدىن بېرى كۆرۈشكە ئىنتىزار بولغان قۇياش نۇرى دېرىزىدىن چۈشۈپ تۇرغۇدەك. گىگانت ئادەم خۇشاللىقىدىن باغقا يۈگۈرۈپ چىقىپ قارىسا، باغ ئىچىدە گۈللەر ئېچىلىپ، باغنىڭ بۇزۇلغان تام يوچۇقلىرىدىن كىرىشكەن بالىلار خۇشال ئوينىشىۋاتقان، بالىلارنىڭ شاد كۈلكلىرى باغ ئىچىنى باھار ھىدىغا تولدۇرغانىكەن. بۇنى كۆرۈپ گىگانت ئادەمنىڭ يەنە ئاچچىقى كەپتۇ- دە: «باھار پەسلى ئاران يېتىپ كەلگەندە، سىلەر يەنە كىرىپ قالايمىقان قىلىشىۋاتامسىلەر. يوقىلىڭلار!» دەپ ۋارقىراپتۇ. بالىلار بۇ قورقۇنچلۇق ئاۋازدىن ئەندىكىپ، بەدەر قېچىشىپتۇ. دەل شۇ چاغدا، گۈللەر سولىشىشقا، دەرەخ يوپۇرماقلىرى يەرگە چۈشۈشكە باشلاپتۇ ھەم باغ ئىچى بىردىنلا قار- مۇز بىلەن قاپلىنىپتۇ.
گىگانت ئادەم ئەتراپتىكى ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ ھەيران قاپتۇ. ئۇ تۇيۇقسىز دەرەخ تۈۋىدە تۇرغان بىر كىچىك ئوغۇل بالىنى كۆرۈپ قاپتۇ- دە ئۇنىڭغا:
- ھەي! سەنمۇ تېز يوقال!،- دەپ ۋارقىراپتۇ. ئۇ بالا قېچىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە نۇرلۇق كۆزلىرىنى گىگانت ئادەمگە تىكىپ قاراپ تۇرۇپتۇ. گىگانت ئادەم ئۇنىڭ كۆزىگە قارىغانسىرى قەلبىدە بىر ئوت يالقۇنجاپتۇ. بالا قولىنى دەرەخكە شۇنداق سوزۇشىغا، شاپتۇل دەرىخى شۇھامان كۆكلەپ، چېچەكلەشكە باشلاپتۇ.
«بۇ نېمە ئىش ئەمدى!»
گىگانت ئادەم شۇ چاغدىلا بالىلار بولمىغان جايدا باھارنىڭ بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىپتۇ. ئۇ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي بالىنى مەھكەم قۇچاقلاپ تۇرۇپ: «قىشنى باشلاپ كەلگەن مېنىڭ تەتۈرلۈكۈم، تاش يۈرەكلىكىم ئىكەن ئەمەسمۇ. سەن ماڭا بىلدۈرمىگەن بولساڭ، مەن باھارنى مەڭگۈگە قوغلىۋەتكەن بولاتتىمكەن. رەھمەت ساڭا!» دەپتۇ.
بالا گىگانت ئادەمنىڭ كېلەڭسىز مەڭزىگە سۆيۈپ قويۇپتۇ. بۇ چاغدا گىگانت ئادەم تۇنجى قېتىم ئىللىقلىق ۋە خۇشاللىقنى ھىس قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال باغ ئەتراپىدىكى تاملارنى چېقىۋېتىپ، بالىلارنى بېغىغا تەكلىپ قىپتۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن، گىگانت ئادەمنىڭ بېغى بالىلارنىڭ كۆڭۈللۈك باغچىسىغا ئايلىنىپتۇ. بالىلار گىگانت ئادەمنىڭ پۇتلىرىغا ئېسىلىپ، مۈرىلىرىگە يامىشىپ خۇشال- خورام ئوينىشىپتۇ. گىگانت ئادەممۇ چىرايلىق بېغىدا بالىلار ئارىسىدا يۈرۈپ ئۆزىنى چەكسىز بەختلىك ھېس قىپتۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى