قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قەرز پۇلنى توختامغا خىلاپلىق قىلىپ ئىشلىتىشنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى

2018-07-11 18:49:09     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شايار ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا، بىر ئەلئىچى ئېلىم-بېرىم ماجىراسى دېلوسىغا قاراپ چىقتى. دەۋاگەر جاڭ لىڭ بىلەن جاۋابكار جاڭ پىڭ بىر قورساق ئاكا-سىڭىل بولۇپ، 2015- يىلى 3- ئايدا جاۋابكار دەۋاگەردىن 200 مىڭ يۈەن قەرز ئالغان. كېيىن دەۋاگەر كۆپ قېتىم سۈيلىگەن بولسىمۇ نەتىجىسى بولمىغان ئەھۋالدا، دەۋاگەر ئاچچىقىغا پايلىماي ئۆزىنىڭ ئاكىسى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنۇپ، جاۋابكاردىن دەرھال قەرزنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
ئەھۋالنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جاڭ لىڭ ئاكىسى جاڭ پىڭغا 2014- يىلى يەر ھۆددىگە ئېلىشنى ھاۋالە قىلىپ 200 مىڭ يۈەن پۇل ئەۋەتىپ بەرگەنلىكى، شۇنىڭدىن كېيىن جاڭ پىڭ يەرنى جاڭ لىڭنىڭ تېرىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەنلىكى، ئەكسىچە ئۆتكۈزۈۋالغان يەرنى ئۆز ئالدىغا تۈزلەپ، تېمىتىپ سۇغىرىش ئەسلىھەلىرىنى ئورناتقانلىقى ئېنىقلانغان. 2015- يىلى 3- ئايدا جاڭ پىڭ جاڭ لىڭغا قەرز ئېلىش ھۆججىتىدىن بېرنى يېزىپ بەرگەن. قەرز ئېلىش ھۆججىتىگە جاڭ لىڭدىن 200 مىڭ يۈەن قەرز ئالغانلىقى، بۇنى ئۈچ يىلغىچە قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېنىق يازغان. لېكىن مۆھلەت توشقاندىن كېيىنمۇ قەرزنى قايتۇرمىغان.
سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا قاراپ چىققاندىن كېيىن، دەۋاگەر جاڭ لىڭ جاۋابكار ۋاڭ پىڭغا پۇل ئەۋەتىپ بېرىپ ئۆزىگە يەر ھۆددە ئېلىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان. ئەمما جاۋاپكار جاڭ پىڭ پۇلنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ ئۇنى جاڭ لىڭغا ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەن. ئۆزى يەرنى تۈزلەپ، تىمىتىپ سۇغۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى ئورناتقان. 2015- يىلى 3- ئايدا جاڭ لىڭغا قەرز ئېلىش ھۆججىتى يېزىپ بېرىپ بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن دەۋاگەر ۋە جاۋاپكارنىڭ مۇناسىۋىتى ئىلگىرىكى ھاۋالە قىلىش مۇناسىۋىتىدىن قەرزدارلىق مۇناسىۋىتىگە ئۆزگەرگەن. جاۋاپكارنىڭ بۇ قەرز ھۆججىتىگە قول قويۇشىنىڭ ئۆزى بۇ خىل مۇناسىۋەتنى ئېتىراپ قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىككى تەرەپكە نىسبەتەن قانۇنىي جەھەتتىن چەكلەش رولىنى ئوينايدۇ. سوت ئۈستىدە جاۋاپكار بۇ قەرزنى ئېتىراپ قىلدى. قانۇنلۇق ئۈنۈملۈك قەرز مۇناسىۋىتى قانۇننىڭ قوغدىشىغا ئېرىشىدۇ. جاۋاپكار بەلگىلەنگەن مۆھلەت بويىچە قەرز قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. شۇڭا دەۋاگەرنىڭ جاۋاپكارنىڭ قەرزنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ قىلغان ئەرزىنى قوللاشقا تېگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى توختام قانۇنى»نىڭ 196-، 206- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جاۋابكار جاڭ پىڭغا ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ كۈن ئىچىدە دەۋاگەرگە 200 مىڭ يۈەن قەرز پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى. سوتچى دەۋاگەر بىلەن جاۋابكارغا قېرىنداشلىق مېھرىنىڭ چوڭقۇر بولىدىغانلىقى، پۇل-مال ئۈچۈن قىممەتلىك مېھىر-مۇھەببەتتىن مەھرۇم قالماسلىقنى تەۋسىيە قىلدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى