قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، رەڭدار نۇر چاچقان ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)  ئەنەنچۈي بازىرى ئەدلىيە ئورنىنىڭ ئەدلىيە ياردەمچىسى كې لىلى

2018-07-11 18:50:15     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

6- ئاينىڭ 24- كۈنى سەھەردە ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ئەنەنچۈي بازارلىق ئەدلىيە ئورنىنىڭ ئەدلىيە ياردەمچىسى كې لىلى ئەدلىيە ئورنىنىڭ باشلىقى ياڭ خەيمىڭ بىلەن بىللە بىر ماجىرانى مۇرەسسە قىلىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ بۇ ماجرانى مۇرەسسە قىلىۋاتقىنىغا ئۈچ كۈن بولغان ئىدى. بۇ كۈنى سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر نىسى قالدۇرۇلغان ئىش ھەققىنىڭ بىر قىسىمىنى ئالالايتتى. شۇڭا بۇ ئىككەيلەن ئەتىگەندىن كەچكىچە ئالدىراش يۈردى. ئاخىرى ماجرالاشقان ئىككى تەرەپ مۇرەسسە كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى.
كې لىلى 90- يىللاردا تۇغۇلغان ئاساسى قاتلام سىياسى قانۇن كادىر ساقچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بارلىق زېھنىنى ئاساسى قاتلام ئەدلىيە مەمۇرىي خىزمىتىگە بېغىشلىغان مەملىكەتلىك ئۈلگىلىك ئەدلىيە ئورنىنىڭ باشلىقى ياڭ خەيمىڭنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ كەلگەن. ئۇ دائىم مۇنداق دەيتتى: ھازىر خەلق مۇرەسسەسى، قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىقاتى قاتارلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئالالايدىغان بولدۇم. بۇنىڭ ھەممىسى ياڭ باشلىقنىڭ يېتەكلەكلىشىنىڭ نەتىجىسى. كې لىلى 2016- يىلى 7- ئايدا، سىياسىي-قانۇن ئورنىغا مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقاندا، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ( يېڭىشەھەر رايونى ) ئەنەنچۈي بازارلىق ئەدلىيە ئورنىنىڭ باشلىقى ياڭ خەيمىڭنى تونۇشتۇرۇپ بەرگەن خەۋىرىنى كۆرگەن. ياڭ خەيمىڭنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان كې لىلى ئەنەنچۈي بازارلىق ئەدلىيە ئورنىغا ئىمتىھان بەرگەن. شۇ يىلى 11- ئايدا، كې لىلى ئارزۇسى بويىچە ئەنەنچۈي بازارلىق ئەدلىيە ئورنىغا كىرگەن. كې لىلىنىڭ ھېچقانداق ئاساسى قاتلام خىزمەت تەجرىبىسى بولمىغان بولغاچقا، ياڭ خەيمىڭ ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكلەپ تەربىيىلىگەن. ھازىر ئۇ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈپ، مەھەللىدىكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىپ، تەربىيلەشنى قانات يايدۇرۇپ، خەلق مۇرەسسە خىزمىتىنى ئۆزى مۇستەقىل ياخشى ئىشلىيەلەيدىغان بولغان.
كې لىلى ئۆزى مۇۋەپپەقىيەتلىك مۇرەسسە قىلغان تۇنجى ماجىرانىڭ ھېلىھەم ئېسىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر 12- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ليۇ X ئەدلىيە ئورنىغا ئەرز قىلىپ كەلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچى ۋاڭ X كە ئىجارىگە بەرگەن ئۆيىنىڭ ئۇلى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىسى ماجىرالىشىپ قىلىپ، ئەدلىيە ئورنىنىڭ مۇرەسسە قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن». كې لىلى دەرھال ئەدلىيە ئورنىدىكى يەنە بىر خىزمەتچى خادىم بىلەن بىللە نەق مەيدانغا بېرىپ ئۆينىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئۆينىڭ ئۇلىنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىش سەۋەبىنى ئىگىلىگەن. ئەسلىدە كالا قېرىنى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋاڭ X ھەر كۈنى كۆلچەكتە كالا قېرىنى يۇيىدىكەن. سۇ كۆلچىكىنىڭ سۇدىن مۇداپىئەلىنىشى ياخشى بولمىغاچقا، ئۆينىڭ ئۇلى ئۇزاق مۇددەت سۇغا چىلىشىپ تۇرغانلىقتىن ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن. كې لىلى ئىككى تەرەپنى چاقىرىپ كېلىپ سەۋرچانلىق بىلەن خىزمەت ئىشلىگەن. ئاخىرى ئىككى تەرەپ كېلىشىم ھاسىل قىلغان: ۋاڭ X ليۇ X نىڭ ئۆيىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىقى ئۈچۈن 12 مىڭ يۈەن زىيان ھەققى تۆلەيدىغان، دەسلەپتە 6 مىڭ 400 يۈەن بېرىدىغان، قالغان 5 مىڭ 600 يۈەن پۇلنى چاغاندىن كېيىن تۆلەيدىغان بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ قول ئېلىشىپ يارىشىپ قالغان.
كې لىلى مۇنداق دېدى: «يېڭى بىر ئەۋلاد سىياسىي قانۇن خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ياڭ باشلىقنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن تەربىيىلىشى نەتىجىسىدە، مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىش، تۆھپە قوشۇشنى خۇشاللىق دەپ بىلىشنىڭ قىممىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ياشلىق باھارىم ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامدا نۇر چېچىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئاددىي ئىش ئورنۇمدا چىڭ تۇرۇپ، پارلاق كىشىلىك ھايات يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىمەن!».

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى