قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

گۈلجامال ئەختەملەرنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى

2018-07-11 18:51:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كۆلەشنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدە مۇنداق دىيىلدى: مەن پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، يېتىشتۈرۈشىدە قەدەممۇقەدەم ئۆسۈپ يېتىلگەن پارتىيەلىك كادىر، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە قوللىشىدا، شىنجاڭدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئايال كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلگەن، ئەھمىيەت بەرگەن ۋە يېتىشتۈرگەن ياخشى سىياسەتلىرىگە شاھىت بولدۇم. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىغان بولسا، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈگۈنكىدەك يۈكسىلىشى ۋە گۈللىنىشى بولمىغان بولاتتى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بولمىغان بولاتتى.
قۇدرەتلىك ۋەتىنىمىز بىزگە بىخەتەر مۇھىت يارىتىپ بەرگەچكە، بىز خاتىرجەم ياشاۋاتىمىز. ۋەتەن ئانىمىزغا ئوخشايدۇ، ئۇ بىزنىڭ بارلىقىمىز، ۋەتەن بولمىسا بىزنىڭ ھېچنېمىمىز بولمايدۇ.
ۋەتەننى سۆيۈش بىر خىل شەرەپلىك مەسئۇلىيەت، بىر خىل سادىق ئېتىقاد. بىز چوقۇم «ئۈچ خىل كۈچ»كە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ماركسىزملىق «بەش قاراش»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ «مىللەت»نى دەستەك قىلىپ، «دىن» تونىغا ئورىنىۋېلىپ مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز. بىز چوقۇم «ئۈچ خىل كۈچ»كە، بولۇپمۇ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشىمىز كېرەك. ۋەتەننى سۆيۈش ئېغىزدا دېيىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقى، ھەر ۋاقىت ۋەتەننىڭ مەنپەئىتىنى، ۋەتەننىڭ شان- شەرىپىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش كېرەك، بىزنى بېقىپ چوڭ قىلغان جۇڭخۇا زېمىنىنى سۆيۈشىمىز، ۋەتىنىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە پارلاق مەدەنىيىتىنى سۆيۈشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ قان قېرىنداشلىرىنى سۆيۈشىمىز، دۆلەتكە، خەلققە، كەسىپكە ئاداققىچە سادىق بولۇپ، جان- دىلىمىز بىلەن بارلىق كۈچىمىزنى بېغىشلاپ، ۋەتەننى، خەلقنى سۆيۈشنى قان تومۇرلىرىمىزغىچە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك.
ۋەتەننى سۆيۈش بىر خىل مۇستەھكەم ھەرىكەت، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىدىغان مەسئۇلىيەتتىن ئىبارەت. بىز ۋەتەن، جەمئىيەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىمىز ۋە مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلىشىمىز، ۋەتەننى سۆيۈشتە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى، شان- شەرىپى ۋە مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشىمىز، ۋەتەننىڭ مۇقەددەس زېمىنى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى سىرتنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغاندا، ۋەتەننى قوغداشتەك مۇقەددەس مەسئۇلىيەتنى ئاڭلىق زىممىمىزگە ئېلىشىمىز؛ دۆلەت مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىغاندا، دۆلەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق قىلمىشلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. ۋەتەنپەرۋەرلىك باشتىن- ئاخىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى بولۇپ كەلدى، بىز چوقۇم بۇ خىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز، بۇنداق روھنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.
پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، سىياسىيدا جەزمەن زېرەك ئادەم بولۇپ، سىياسىي مەيداندا قەتئىي بولۇشنى ئۆزىمىزگە قويۇلىدىغان بىرىنچى تەلەپ قىلىپ، پارتىيەۋىلىكىمىزنى نازارەت قىلىشنى، روھىمىزنى پاكلاشنى ھەر ۋاقىت بوشاشتۇرۇپ قويماي، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۆنىلىشنى ئىگىلەش، سىياسىي ئىرادىنى چىڭىتىش، سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي سەزگۈرلۈكنى ساقلاش سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك، ھەق- ناھەقنى ئايرىش ئىقتىدارىمىز، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ماھارىتىمىز ۋە ئۇنىۋېرسال ساپايىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى باشلامچىلاردىن بولۇپ، بارلىقىمىزنى پارتىيەگە، دۆلەتكە بېغىشلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مەۋقەنى ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا قويۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.
پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات كادىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مۇھىم كۆۋرۈكلۈك ۋە ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاياللارنى تەربىيەلەش، ئاياللارنى تەشكىللەش، ئاياللارنى سەپەرۋەر قىلىشتەك مۇھىم ۋەزىپىنى ئاڭلىق زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. بارلىق ئايال كادىرلارنى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ھەققانىيەت سادايىمىز، قەدىمىمىز بىردەك بولغان ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق بارلىق بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى ۋە سۆز- ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىشقا، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا، «كومپارتىيەنىڭ تامىقىنى يەپ، كومپارتىيەنىڭ قازىنىنى چاقىدىغان» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي تازىلاشقا، «ئۈچ خىل كۈچ» پەيدا قىلغان سەپسەتىنىڭ زەھىرىنى قەتئىي تازىلاپ، ئۇلارنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاشقا، ئۇلار بىلەن ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇشىمىز ۋە يېتەكلىشىمىز كېرەك؛ ھەر مىللەت ئايال، ئاچا- سىڭىللارنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا، توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى ۋە «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسىلىق تەۋەلىك تۇيغۇسىنى، غۇرۇر تۇيغۇسىنى، شەرەپ تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئاياللارنىڭ يېرىم دۇنيالىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بارلىق كۈچىنى تەقدىم قىلىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.
گۈلجامال ئەختەمنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدە مۇنداق دىيىلدى: پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەگە قەتئىي سادىق بولىمەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدايمەن، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرىمەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدايمەن.
پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، سىياسىي جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىمەن، ئومۇملۇققا ئېتىبار بېرىمەن، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىمەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلققە چەكسىز سادىق بولۇشنى تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. غايە- ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.
پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى چېنىقىشنى، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، باشلامچىلىق بىلەن سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولىمەن. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ 1- سېپىدە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، دادىل ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى دۈشمەننى بىردەك ئەيىبلەيدىغان، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرىدىغان، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىدىغان، قەتئىي كۈرەش قىلىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىشقا يېتەكلەيمەن. مەن ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەشۋىق- تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا كۆيۈنگەنلىكى، كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى جايىدا تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنىڭ پارتىيەنىڭ مېھىر- شەپقىتىنى بىلىش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزۈمنىڭ نەمۇنىلىك ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى بۆلگۈنچىلىككە، ئەسەبىيلىككە، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە قاتنىشىشقا يېتەكلەيمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى پائال قوغدايمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، مەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسرايمەن، ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمەن. مەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئەستايىدىل ياخشى قانات يايدۇرۇپ، سەمىمىي قەلب ئارقىلىق ئىتتىپاقلىقنى، سەمىمىي نىيەت ئارقىلىق ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاكا- ئىنى، ئاچا- سىڭىللارنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرىمەن، ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇپ، گۈزەل يۇرت- ماكانىمىزنى ئورتاق قوغدايمەن.
شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە. مەن «تۆت ئاڭ»نى باشتىن- ئاخىر مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدايمەن، قەتئىي تەۋرەنمەي شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللامنى قوراللاندۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە كاللامنى باشتىن- ئاخىر سەگەك تۇتۇپ، بايرىقىمنى روشەن قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى