قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز يېشىللىق ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇنى بايلىققا ئايلاندۇردى

2018-07-11 18:53:30     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، «يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى تۇرغۇزۇش ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش؛ يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلغان، تۇرمۇش باياشات، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز مەۋقەنى ئىكولوگىيە بايلىق ئەۋزەللىكىگە قارىتىپ، يېشىللىق ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇنى بايلىققا ئايلاندۇرماقتا.
شەنبە كۈنى ئەتىگەندە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ داۋانچىڭ رايونى سەيۋوپۇ تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش كومىتېتى سەييۈەن كەنتىدىكى دېھقان ما جۇڭ ئۆزى ئاچقان ئاشخانىدا، كىلىشىپ قويغان مېھمانلارنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن كۆكتاتلارنى يۇيۇپ تازىلاش، توغراش، خۇرۇچ تەييارلاش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
ما جۇڭنىڭ ئۆيى سەيۋوپۇ كۆلىنىڭ يېنىدا ئىدى. داۋانچىڭ رايونى سەيۋوپۇ كۆلى ئەتراپىدا چارۋا بېقىشنى چەكلىگەندىن بۇيان، سەيۋوپۇ كۆلىنىڭ سۇ يۈزى كۆلىمى ئەسلىگە كېلىپ، 17.54 كۋادرات كىلومېتىرغا، سەيۋوپۇ كۆلى رايونىدا ياشاۋاتقان قۇش تۈرلىرىنىڭ سانى 132 خىلغا يەتتى. شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى، يېقىن ئەتراپتىكى شەھەر ئاھالىلىرى بۇ يەرگە كېلىپ، ساياھەت قىلىدىغان بولدى. سودا پۇرسىتىنى كۆرۈپ يەتكەن ما جۇڭ ئاشخانا ئېچىشنى قارار قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل، كۆلنىڭ سۇيى ئاۋۇپ، ئوت- چۆپلەرمۇ بۇلۇق ئۆسۈپ، يايلاق ئېكولوگىيەسى ئوبدانلا ئەسلىگە كەلدى. ئىكولوگىيەنىڭ ياخشىلىنىشى سەۋەپلىك، ساياھەتچىلەرنىڭ سانىمۇ كۆپىيىپ، تىجارىتىمىز ياخشىلاندى. بۇلتۇر، كۈندىلىك كىرىمىمىز مىڭ يۈەندىن ئىككى مىڭ يۈەنگىچە بولغان.
يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇنىڭ ئۆزى بىر بايلىق. نۆۋەتتە، دۆلەتلىك «5 ئا» دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى-- قاناس كۆلى ساياھەتچىلىكنىڭ بېسىق مەزگىلىگە قەدەم قويدى، ئېگىز تاغ، دەريا، ئورمان، كۆل، يايلاق قاتارلىق 33 خىل تەبىئىي مەنزىرە رايونى جاي- جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. قاناس كۆلى مەنزىرە رايونى قاناس كۆلى بويىدىكى قاناس كەنتىنى قوغداش يىرىك پىلانى ۋە گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇلۇشى تەلىپى بويىچە، «ساننى كۆپەيتمەسلىك»، «چېقىش- كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىش» تىن ئىبارەت تۈزەش تەدبىرىنى قوللاندى. ئەنئەنىۋى كەنتلەرنىڭ تارىخىي قىياپىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ساقلاپ قېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەنت ئاھالىلىرىنى ساياھەتچىلىك كەسپىگە پائال قاتنىشىپ، ئەنئەنىۋى ئۆرپ- ئادەتلەرنى قاناسنىڭ يەنە بىر ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
قاناس مەنزىرە رايونىدىكى «زارات» دېھقان- چارۋىچىلار ساياھەت ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، موڭغۇل مىللىتىنىڭ ئۆزگىچە ناخشا ۋە ئاتباشلىق غىجەك مۇزىكىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق ھەر كۈنى دىگۈدەك نەچچە يۈز ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى شۇ جايدىكى 10 ئائىلىلىك ئاھالىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئىلگىرى، ئاددىي ھالدىكى تاماق- ياتاق مۇلازىمىتى بىلەنلا تەمىنلەيتتى. ھازىر، ئۇلار ساياھەتچىلەرنى مىللىي ئۆرپ- ئادەت كۆرگەزمىسى، ناخشا- ئۇسسۇل، ئوتلاق مەدەنىيىتىدىن تەسىرات ئېلىشتەك كۆپ مەنبەلىك ئۆزگىچە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان بولدى. خۇبىيدىن كەلگەن ساياھەتچى لى خانىم مۇنداق دېدى: بۇ يەر بەك ياخشى ئىكەن. شۇنچە يىراق يەردىن بۇ يەرنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەنىدۇق. بۇ قېتىمقى سەپىرىمىز بەكمۇ ئەھمىيەتلىك بولدى.
ئاقسۇ ۋىلايىتى تۆمۈر چوققا دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننىى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ئۈچۈن، ئېكولوگىيەلىك كۆچمەنلەر قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، مۇھاپىزەت رايونىدىكى دېھقان- چارۋىچىلارنى كۆچۈرۈپ، ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتتى، كۆچۈرۈلگەن چارۋىچىلارمۇ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى سىرتىدا يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى.
ئونسۇ ناھىيە كۆكيار باشقۇرۇش رايونىنىڭ پاكلىق كەنتىدىكى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندىن كۆچۈپ كەلگەن ئەخەت خېلىل چېگرا قوغدىغۇچىسى بولۇپ قالدى. بىر ئائىلىدىكى تۆت جان 84 كۋادرات مېتىرلىق يېڭى ئۆيگە ھەقسىز كۆچۈپ كىرىپلا قالماي، يەنە 60 كۋادىرات مېتىرلىق قوتان ۋە سەككىز مو ياڭاقلىق باغقا ئېرىشتى. كەينىدىنلا قورۇسىدا ياغ تارتىش ئورنى ۋە دۇكان ئېچىپ، ھەر ئايدا 7 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىدىغان بولدى. ئەخەت خېلىل مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىزگە شۇنداق ياخشى ئۆي بەردى، قوتان سېلىپ بەردى. بۇ يەرگە كېلىپ بەكمۇ خۇش بولدۇق. ئەمدى بۇرۇنقىدەك جاپا تارتمايدىغان بولدۇق.
تۆمۈر چوققا دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ سۈنلياڭ مۇنداق دېدى: ئەتراپتىكى دېھقان- چارۋىچىلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننى قوغداشنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىغا مەسئۇل بولۇش، ياشاش مۇھىتىنى قوغداشنى مەقسەد قىلغانلىقىنى تەدرىجىي تونۇپ يەتتى. تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننىڭ مۇھىت ئېكولوگىيەسى ياخشى قوغدالسا، ئۇلارنىڭ ياشاش مۇھىتىمۇ بارغانسېرى گۈزەللىشىپ، مەڭگۈلۈك تەرەققىياتقا ئېرىشىدۇ. ئەتراپتىكى دېھقان- چارۋىچىلار يەنە تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننى قوغداش جەھەتتە پايدىلىق شارائىتقا ئىگە بولۇپ، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننى قوغداش ئىشلىرىغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قاتنىشىدىغان بولدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى