قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تولى ناھىيەسى چارۋا نەسلىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتتى

2018-07-11 18:54:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تولى ناھىيەسى چارۋا نەسلىنى ئەلالاشتۇرۇشنى-- زامانىۋى چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ۋە دېھقان- چارۋىچىلار كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك تەدبىر قىلىپ، مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئۈزۈكسىز ئاشۇرۇپ، چارۋا نەسلىنى ياخشىلاشتەك ئۇللۇق قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، چارۋا نەسلىنى ياخشىلاش سالمىقىنى ئۈزۈكسىز زورايتتى.
تولى ناھىيەسىنىڭ كۇپ يېزا ئاقتايىنچا كەنت ئاھالىسى ئۆمۈرئۇزاق ئۇلخىپەننىڭ 4 سىيرىنى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ھايۋانات پەنلىرى شۆيۈەنىدىكى كەسپىي خادىملار تەكشۈرۈپ، سۈنئىي نەسىللەندۈردى، كىلەر يىلىلا ئۈنۈمىنى كۆرىدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن ئۆمۈرئۇزاق بەكلا خۇش بولۇپ كەتتى. يەنە كېلىپ بۇ قېتىمقى نەسىل ياخشىلاش ئىشلىرى ئاقتايىنچا كەنتىنىڭ ئۆزىدىلا ئېلىپ بېرىلغاچقا، ئۇنىڭغا ھەر جەھەتتىن قۇلاي بولغانىدى.
ئۆمۈرئۇزاق ئۇلخىپەن بۇ توغرىدا: بۇرۇنلاردا چارۋىلىرىمىزنىڭ نەسلىنى ياخشىلاشنى ئويلىساقمۇ ئامال يوقتى. مانا ئەمدىلىكتە مۇتەخەسسىسلەر ئۆيىمىزگىچە كېلىپ، سىيىرلىرىمىزنىڭ نەسلىنى ياخشىلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدا تۇرمۇش سۈپىتىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ، بىز چارۋىچىلارنىڭ غېمىنى يىگەن مۇتەخەسىسىسلەرگە كۆپتىن- كۆپ رەھمەت -دېدى. ئۆمۈرئۇزاق كېلەر يىلى قوتىنىدىكى بارلىق سىيىرلىرىنىڭ نەسلىنى ياخشىلاپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشتىن، ھاللىق سەۋىيەگە قەدەم تاشلاشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ. ئۇ يەنە: يەرلىك سىيىرلارنىڭ مۇزايلىرىنى ئەڭ يۇقىرى دېگەندىمۇ 3 مىڭ يۈەنگە ساتقىلى بولىدۇ، نەسلى ياخشىلانغاندىن كېيىن توغۇلغان مۇزايلارنى 9 مىڭ يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگىچە ساتقىلى بولىدۇ- دېدى.
بۇ قېتىمقى نەسىللەندۈرۈشتە ئاساسلىقى توڭلىتىلغان ئىسپىرما بىلەن نەسىللەندۈرۈش ئاساس قىلىنىپ، شىنجاڭ قوڭۇر كالىلىرى ئامېرىكا قوڭۇر كالىسىنىڭ، يەرلىك سىيىرلار سېمىنتال كالىنىڭ توڭلىتىلغان ئىسپىرمىسى بىلەن نەسىللەندۈرۈلدى. ئامېرىكا قوڭۇر كالىسىنىڭ جۇغى چوڭراق، گۆش، سۈت مەھسۇلاتىمۇ يۇقىرى بولۇپ، بۇرۇنقى قوڭۇر كالىلارنىڭ گۆش، سۈت مەھسۇلاتىدىن ئاز دېگەندىمۇ 5 كىلوگرامىدىن 10 كىلوگرامغىچە ئارتۇق گۆش، سۈت بېرىدۇ، موشۇ ئارقىلىقلا كەڭ دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئائىلە كىرىمىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ھايۋانات پەنلىرى شۆيۈەنىنىڭ پىرۇفىسسۇرى جۆكىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ قوڭۇر كالىسىنىڭ سۈت ۋە گۆش مەھسۇلات مىقدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بۇ بىر قېتىمدىلا 400 نەچچە سىيىرنى نەسىللەندۈردۇق، بۇمۇ، تولى ناھىيەلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دەل جايىدا نامراتلىقتىن قوتۇلدۇرۇش تۈرىنىڭ بىۋاستە قوللىشىدىن بولدى، بۇنىڭ چارۋىچىلار كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا زور ياردىمى تېگىدۇ.
ئىگىلىنىشچە، سۈنئىي نەسىللەندۈرۈش ئارقىلىق توغۇلغان مۇزايلار، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا تولىمۇ ماسلاشقان بولۇپ، ئۆسۈشى تېز، بويى ئېگىز، باھاسى ياخشى بولغاچقا، تولى ناھىيەسىدىكى چارۋىچىلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۈرۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىنغان.
تولى ناھىيەلىك چارۋىچىلىق- مالدوختورلۇق ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ئېرجان ماناس مۇنداق دېدى: بۇ يىل ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى نەسىل ياخشىلاش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يەرلىك مالىيەدىن 900 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى بىلەن 500 باش ئامېرىكا قوڭۇر كالىسىنى نەسىللەندۈرۈش كېلىشمى ئېمىزالىدى. بۇ ئارقىلىق ئاساسلىقى نەسىل ياخشىلاش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قوتۇلدۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى