قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بىڭتۈەن 12- شىسى سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ مىڭ مو شاپتۇللۇقىدىكى شاپتۇللار ئاۋات ئۈزۈش پەسلىنى كۈتىۋالدى

2018-07-11 18:55:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 12- شىسى سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ مىڭ مو شاپتۇلزارلىقىدىكى شاپتۇللار ھازىر دەل ئاۋات ئۈزۈش مەۋسۈمىنى كۈتىۋالدى، ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان خىرىدار- ساياھەتچىلەر بىر تەرەپتىن يېڭى ئۈزۈلگەن شاپتۇللارنى تېتىشىپ ماختاشسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئارامگاھلاردا شاپتۇل ئۈزۈش شاتلىقىغا جور بولدى. شاپتۇل ئۆستۈرگەن باغۋەنلەر يېڭىلا ئۈزۈلگەن ئەنجۇر شاپتۇللارنى دەرىجىگە ئايرىپ يەشىكلەرگە قاچىلاش، جىڭلاپ قاچىلاش ئارقىلىق، ئالدىنئالا زاكاز قىلغان خىرىدار ۋە ئىستېمالچىلارغا ئۇدۇللۇق يەتكۈزۈپ بېرىشتەك ئىشلار بىلەن بىر قولىنى ئىككى قىلالمايلا قالغانىدى.
ئەنجۇر شاپتۇل -- ئۇزۇقلۇق قىممىتى تولىمۇ يۇقىرى مېۋىلەرنىڭ بىرى، ئېتى يۇمشاق، تاتلىق ھەم يېيىشلىك بولۇپلا قالماي، مەززىلىك ھىدى ئىشتىھانى ئاچىدۇ. تەركىبىدە ئاقسىل، ياغ، شېكەر، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر ۋە ۋىتامىن B، ۋىتامىن C قاتارلىق كۆپ خىل ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بولۇپ، قاننى جانلاندۇرۇپ، ئىسسىقنى ياندۇرۇش؛ ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش رولىغا ئىگە.
يېزا ئىگىلىك 12- شىسى سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى ئۈرۈمچى- سانجى مەركىزى رايونىغا جايلاشقان. مول سۇ بايلىقى ۋە يىتەرلىك كۈن نۇرى بايلىقى بولۇشتەك ئەۋزەل تەبئىي شارائىتى سەۋەپلىك، بۇ يەرنىڭ ئەنجۇر شاپتۇللىرى بەك ئوخشايدۇ. سەنپىڭ ئەنجۇر شاپتۇللىرى شەكلى، رەڭگى چىرايلىق، تەمى ياخشى، ئېتى يۇمران، پوستى ئاسان سويۇلىدۇ، شىرنىلىك، مەززىلىك ھىدى ئىشتىھانى ئېچىشتەك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە بولۇپلا قالماي، شاپتۇل مېۋىسىدە بولۇشقا تىگىشلىك دانىسى چوڭ، رەڭگى ھال رەڭ، ئېتى چىڭ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇش دېگەندەك شەرتلەرنى ھازىرلىغان.
ئىگىلىنشىچە، يېزا ئىگىلىك 12- شىسى سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى 20 نەچچە يىللىق ئەنجۇر شاپتۇل ئۆستۈرۈش تارىخىغا ئىگە بولۇپ، ھازىر 1 مىڭ 200 مو كۆلەمدە شاپتۇللۇق باغ بىنا قىلىنغان. نۆۋەتتە ئاساسلىق ئۆستۈرۈلىۋاتقان سورتلاردىن: شىرنىلىك شاپتۇل، توغاچ شاپتۇل، شىۋېتسارىيە ئەنجۈۇر شاپتۇلى، سېرىق ئەنجۇر شاپتۇل، قىزىل ئەنجۇر شاپتۇل قاتارلىق ئون نەچچە خىل شاپتۇل سورتى بار ئىكەن.
ئۇزاق يىللىق شاپتۇل ئۆستۈرۈش تەجرىبىسىگە ئىگە سەنپىڭ دېھقانلىرى ھەر يىلى كۈز ۋە ئەتىيازدا ئازراق مەبلەغ سېلىپ قوي قىغى، كۈنجىرە قاتارلىق ئورگانىك ئوغۇتلارنى سېتىۋېلىپ، شاپتۇل تۈپلىرىنى ئايلاندۇرۇپ ئوغۇتلايدۇ. شاپتۇللىرى بولۇققا كىرگەندىن كېيىن، يەنە كېسەللىك، زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ بىئولوگىيەلىك ئالدىنى ئېلىش تېخنىكىسى، شاپتۇل دەرىخى ئۈستىدىن سىم ئېسىشتەك تەدبىرلەر ئارقىلىق چۈشكەن شاپتۇللارنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
نۆۋەتتە، سەنپىڭ ئەنجۇر شاپتۇللىرىنىڭ ھەر كىلوگرامى 15 يۈەندىن سېتىلىۋاتقان بولۇپ، تاكى 8- ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە سېتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېيىشىلىك ھەم تەملىك شاپتۇللىرىدىن باشقا، «شاپتۇل يەپ چوڭ بولغان» يېشىل، زىيانسىز شاپتۇل توخۇمۇ- سەنپىڭنىڭ يەنە بىر چوڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتىغا ئايلاندى. شاپتۇلزارلىقتىكى ئارامگاھلار ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەرنى تۈرلۈك سەھراچە قۇرۇما، تائاملار بىلەن كۈتىۋالماقتا.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى