قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جىڭ ناھىيەسىدىكى 20 يىل ھەسەل ھەرىسى باققان ئەر- خوتۇن، ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ كۆپچىلىكنى بېيىش يولىغا يېتەكلىدى

2018-07-11 18:58:05     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ھازىر دەل قىچا گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلغان، سانسىز ھەسەل ھەرىلىرى گۈللەردىن شىرنە يىغىدىغان مەزگىل. بورتالا ئوبلاستى جىڭ ناھىيەسىنىڭ ماندانبۇلاق يېزا باشى جاڭزا كەنتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىدىغان ھەسەل ھەرىسى بېقىش ماھىرلىرىدىن ليۇچاڭخېڭ بىلەن ئايالىمۇ موشۇ كۈنلەردە گۈلزارلىققا چىدىر قۇرۇپ ھەسەل ھەرىلىرىنى قويۇپ بېرىپ، ھەسەل يېغىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.
بۇ يىل 63 ياشقا كىرگەن ليۇ چاڭخېڭ 1998- يىلدىن باشلاپ ھەرە بېقىشنى ئۆگىنىشكە كىرىشكەن بولۇپ، ھەش- پەش دېگۈچە بۇ ئىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 20 يىل بوپقالدى. مۇخبىر ئەينى ۋاقىتتا قانداق بولۇپ ھەرە بېقىش ئويىغا كەلگەنلىكى ھەققىدە سۆز ئاچقىنىدا، ليۇچاڭخېڭ جاۋابەن: ئەينى ۋاقىتتا مۇنداقلا قىزىقىپ بۇ ئىشقا كىرىشىۋىدىم، بۇ ئىش بىلەن ھازىرغىچە شۇغۇللىنىدىغىنىمنى، ئىگىلىك تىكلەيدىغانلىقىمىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن- دېدى. دەرۋەقە ئەينى چاغدا، ليۇ چاڭخېڭ كەنتتە ھىچكىمنىڭ ھەسەل ھەرىسى باقمايدىغانلىقىنى بايقاپ، قىزىقىش تۈپەيلى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئىھتىياجىنى قامداش يۈزىسىدىن، ھەسەل ھەرىسى بېقىش پىلانىنى سوققان ئىكەن.
شۇ چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ ھەرە بېقىش ئويىنى ئايالى چيەن لەنيىڭغا ئېيتقاندا، ئايالى ئۇنىڭغا: «ناتونۇش كەسىپنى قىلىمەن دەپ جاپا تارتقاندىن كۆرە، قۇرۇلۇش مەيدانىغا بېرىپ ئىشلەپ پۇل تاپقىنىڭىز ياخشىراقمىكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرە چېقىۋالسا قانداق قىلغۇلۇق؟ دەپ ئۇنى توسۇپتۇ. لېكىن، ليۇ چاڭخېڭ دېگىنىنى قىلماي قويمايدىغان ئىرادىلىك كىشى بولغاچقا، دېگىنىدىن يانمايلا قالماستىن، يەنە ئىلىنىڭ نىلقا ناھىيەسىگە بېرىپ، 800 يۈەن خەجلەپ، شۇ يەردىكى بىر كەسپىي ھەسەل ھەرىسى باقمىچىسىدىن 10 ساندۇق ھەسەل ھەرىسى سېتىۋېلىپ كەپتۇ.
ھەسەل ھەرىسى باققان دەسلەپكى چاغلاردا، ليۇچاڭخېڭ ھەرە ساندۇقىنى تەكشۈرگەندا، دائىم ھەسەل ھەرىسى چىقىۋالىدىكەن، يېرىم يىلدىن كېيىن، ئۇ ئاستا- ئاستا ھەسەل ھەرىسىنىڭ مىجەزىنى بىلىۋاپتۇ.
بىر كۈنى، ليۇ چاڭخېڭ تۇيۇقسىز ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ بارغانسېرى ئازلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقاپتۇ. ھەرە ساندۇقىنى ئېچىپ تەكشۈرۈپ، ساندۇق تېگىنىڭ قۇرتلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپتۇ. شۇندىلا، ئۇ ھەرە بېقىشنىڭ ئۆزى ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەسلىكى، بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە ھەسەل ھەرىسى بېقىش تېخنىكىسىنى بىلمىسە بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپتۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن، ليۇ چاڭخېڭ مەخسۇس تەربىيەلەش كۇرسىلىرىغا قاتنىشىپتۇ ھەم ئىلمىي ئۇسۇلدا ھەسەل ھەرىسى بېقىشقا ئائىت بىر قىسىم كىتابلارنى سېتىۋىلىپ، بىر تەرەپتىن بېقىپ، بىر تەرەپتىن تەتقىق قىلىپتۇ. «كۆڭۈل قويغان ئادەمگە، قىيىن ئىش يوق ئالەمدە» دېگەندەك نەچچە ئاي موشۇنداق باش قاتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ۋە كەمتەرلىك بىلەن باشقىلاردىن مەسلىھەت سوراپ ئۆگىنىش ئارقىلىق، ليۇچاڭخېڭ ئىشچى ھەرە بىلەن ئانا ھەرىلەرنى پەرقلەندۈرۈش، ئانا ھەرىلەرنى كۆپەيتىش؛ ھەسەل ھەرىلىرىدە كۆپ كۆرىلىدىغان كېۋەز قۇرتى، كانىلارغا قانداق دورا ئىشلىتىش؛ شۇنىڭدەك چوڭ سېرىق ھەرە ۋە مۈڭگۈزلۈك ھەرىگە قانداق تاقابىل تۇرۇشتەك تېخنىكىلارنىڭ ھەممىسىنى بەش قولدەك ئىگەللەپتۇ.
ھەسەل ھەرىسى بېقىش تېخنىكىسىنى تولۇق ئىگىلىگەن ليۇ چاڭخېڭ ئۆزىنىڭ ھەرىلىرىنى تېخىمۇ تۈجۈپىلەپ بېقىشقا باشلاپتۇ. شۇ يىلى، ليۇ چاڭخېڭ 10 ساندۇق ھەسەل ھەرىسىدىن، 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىپتۇ.
تۇنجى قېتىم ھەسەل ھەرىسى بېقىشنىڭ بالدەك تەمىنى تېتىغان ليۇ چاڭخېڭ، باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىش قارارغا كەپتۇ. ھەسەل مەھسۇلات مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ليۇ چاڭخېڭ ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى پەسىل خاراكتېرلىك ئېچىلىدىغان گۈللەرنى قوغلىشىپ ھەريان چېپىپ، بىر يىلنىڭ كۆپ قىسمىدا، ئاساسەن مۇقىم تۇرماي دېگۈدەك كۈن ئۆتكۈزۈپتۇ.
ليۇ چاڭخېڭنىڭ ئايالى چىيەن لەنيىڭ بۇ توغرىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: 4- ئاينىڭ باشلىرىدا غۇلجىنىڭ ياۋا تاغ گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىدۇ، بىزنىڭ ھەسەل يىغىش خىزمىتىمىز دەل مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ. 5- ئاينىڭ باشلىرىدا ئارىشاڭ ناھىيەسىگە بېرىپ جىگدە چېچىكىدە، ئارقىدىن تولى ناھىيەسىدىكى ئۆرۈك چېچىكىدە ھەرە باقىمىز. 6- ئايدا ساۋەن ناھىيەسىگە بېرىپ يانتاق گۈلى، يۇلغۇن چېچەكلىرىگە ھەرىلەرنى قويىۋىتىمىز. قىسقىسى، قەيەردە گۈللەر پۈرەك ئاچسا، ليۇ چاڭخېڭلار ھەرە ساندۇقىنى ئېلىپ شۇ يەرنى ماكان تۇتىدىكەن.
لىيۇچاڭخېڭ ھەسەل ھەرىسى باققان 20 يىلدىن بۇيانقى كۈنلەرنى ئەسلەپ «جاپالىق» دېگەن بىرلا سۆزگە يېغىنچاقلىدى. دالىدا ھەسەل ھەرىلىرىنى قويىۋەتكەندە، ليۇ چاڭخېڭ ۋە ئايالى ھەمىشە چېدىر تىكىپ شۇ يەرنى ماكان قىلىدۇ، بەزى كېچىلىرى قارا يامغۇر يىغىپ، چېدىرنىڭ ھەممە يېرى ھۆل بولۇپ كەتكەچكە، سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندا، ئۇلار ھەتتا ئاياغلىرىنىڭمۇ چىلىق- چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تاماقلىرى بەكلا ئاددىي بولۇپ، ئادەتتە كۆپىنچە دالا ساياھەتچىلىرى ئېلىپ يۈرىدىغان كىچىكرەك گاز ئوچىقى بىلەن ئاددىيلا چۆپ سېلىپ، تاماق قىلىدۇ. سەي قورۇغاندىمۇ، كەرەپشە، تۇخۇم، پىنتوزىدىنلا سەي قورۇپ چۆپ سېلىپ يەيدۇ.
گەرچە تۇرمۇشى مانا موشۇنداق جاپالىق بولسىمۇ، بۈگۈنگە كەلگەندە ليۇ چاڭخېڭ ۋە ئۇنىڭ ئايالى تۆلىگەن بەدىلىگە چۇشلۇق نەتىجىگە ئېرىشتى. ھەسەل ھەرىسى بېقىش تېخنىكىسىنىڭ بارغانسىرى پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ئالىدىغان پايدىمۇ يىلدىن- يىلغا كۆپەيدى. دەسلىۋىدە ئۇلار 10 ساندۇق ھەسەل ھەرىسى باققان بولسا، ھازىر 170 ساندۇق ھەسەل ھەرىسى باقىدىغان بولدى، ئەر -خوتۇن ئىككىيلەننىڭ يىللىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.
نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، بۈگۈنگە كەلگەندە ليۇ چاڭخېڭ جىڭ ناھىيە «ئالتۇن ھەرە» باقمىچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، ماركا ئارقىلىق ئۆز ئىناۋىتىنى تىكلەپ، ساپ ھەسەل، ھەرە يېلىمى، ئانا ھەرە شېرنىسى، ئانا ھەرە لىچىنكىسى ھارىقى، ھەرە گۈل چېڭى، ھەسەل مەلھىمى قاتارلىق ئون نەچچە خىل ھەسەل مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقارغاندىن باشقا يەنە، شۇ جايدىكى 13 دېھقان ئائىلىسىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە «بالدەك شېرىن» ھەسەلچىلىك كەسپىنى تەرەققى قىلدۇردى.
ھەرە بېقىش تەجرىبىسىنى تىلغا ئالغاندا، ليۇ چاڭخېڭ كەمتەرلىك بىلەن: پەقەت بىر قەدەم- بىر قەدەمدىن ئىلگىرلەپ، جاپاغا چىداپ ئەجىر قىلغاندىلا، كىچىكلىكتىن زورايغىلى بولىدۇ، كۆپچىلىك چوقۇم جاپالىق ئەجىرىنىڭ مېۋىسىنى كۆرۈپ كىرىمىنى ئاشۇرالايدۇ- دېدى. ھازىر، ليۇ چاڭخېڭ دائىم دېگۈدەك خۇشنا- خولۇم، يۇرتداشلارغا ئۆزىنىڭ ھەسەل ھەرىسى بېقىشتىكى مەخپىي رىتسىپلىرىنى سۆزلەپ، ئەتراپىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەرنى ھەسەل ھەرىسى بېقىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلىمەكتە.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى