قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كەلگۈسى بەش يىلدا ئاپتونوم رايون دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق رايونلىرىغا جىددى كىرەكلىك 1 مىڭ 500 نەپەر تېببىي خادىمى يېتىشتۈرۈپ بېرىدۇ

2018-07-11 18:59:36     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇ يىل، ئاپتونوم رايون 2- نۆۋەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سەۋىيەسىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلغان مەخسۇس كۇرس قاتلىمىدىكىلەر تېببىي مائارىپى تۈرىنى يولغا قويۇپ، 5 يىلدا 1 مىڭ 500 نەپەر تېببىي خادىم يېتىشتۈرۈشنى پىلانلىدى. يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى 2 مىليون 280 مىڭ يۈەن تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى ئاجرىتىپ، بۇ يىل تەربىيەلىنىدىغان 300 ئوقۇغۇچىغا تولۇقلىما ياردەم پۇلى تارقاتتى.
بۇ تۈر بويىچە نىشانلىق تەربىيەلەشتە «2+3» تەربىيىلەش ئەندىزىسى قوللىنىلىدۇ. بۇ دېگەنلىك قوبۇل قىلىنىپ نىشانلىق تەربىيلىنىدىغان ئوقۇغۇچى، شىنجاڭ تېببىي پەنلەر داشۆسىنىڭ كىلىنىكىلىق داۋالاش كەسپىدە ئۈچ يىل ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن داۋاملىق تەربىيەلەش بازىسىغا بېرىپ، پۈتۈن پەنلەر بويىچە 2 يىللىق ياردەمچى تەربىيەلەشكە قاتنىشىدۇ. قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايلار بىلەن نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كېلىشىمى ئېمىزالاپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى بەلگىلەنگەن يېزا- بازار شىپاخانىسىغا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، سەككىز يىلغىچە يۆتكەلمەي ئىشلەيدۇ.

نىشانلىق تەربىيلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ 3 يىللىق ئوقۇش ھەققى، ياتاق ھەققى، تەربىيەلىنىش ھەققى قاتارلىقلارغا ئاپتونوم رايون مالىيەسى تولۇقلىما ياردەم پۇلى ئاجرىتىدۇ، ھەر بىر ئوقۇغۇچى يىلىغا 7 مىڭ 588 يۈەن ياردەم تولۇقلمىسىدىن بەھرىمان بولىدۇ. بۇ يىل 300 ئوقۇغۇچىغا ئاجرىتىلغان جەمئىي 2 مىليون 280 مىڭ يۈەن تولۇقلىما ياردەم پۇلى، ھازىر ھەر قايسى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىغا چۈشۈرۈپ بىرىلدى.
نۆۋەتتە، بۇ تۈرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلاندى، كىلەر ئاينىڭ 5- كۈنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاخىرلىشىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى