قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يەسىمەن چېيى

2018-07-11 19:03:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يەسىمەن چېيى گەرچە داڭلىق چاي بولمىسىمۇ، مېنىڭ قەلبىمدە ئۇ ئەڭ گۈزەل مىنۇتلاردىكى ھوزۇرلۇق چاي ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: چاغاندا، ساھىپخان يوغان چاي چاشكىسىغا چاينى قېنىق دەملەپ، ئەينەك ئىستاكانلاردا مېھمانلارغا سۇنىدۇ. قىشنىڭ ئىللىق كۈنلىرىدە، سۇ ھورى تولغىنىپ تۇرۇپ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، چاڭ- توزانلار بوشلۇقتا لەيلەيدۇ. يازنىڭ گۈزەل ئاخشاملىرىدا، ھويلىلارغا تېرىلگەن يەسىمەن گۈلىنىڭ خۇش ھىدى كىشىنى مەستخۇش قىلىدۇ. ئۇنىڭ ياپراقلىرىدىن بىر نەچچە تال ئېلىپ چەينەكلەرگە سېلىپ چاي دەملىنىدۇ. ساياھەتكە چىققاندا، كۆپىنچە كىشىلەر سەپەر خالتىسىغا «جىڭخۇا» ماركىلىق يەسىمەن چېيىدىن بىر بولاق سېلىۋېلىشىدۇ. بۈگۈنكىدە كۈندە، جۇڭگۇچە تەم ھېسابلانغان يەسىمەن چېيىنىڭ خۇش ھىدى يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقلىرىدا، كىشىگە سالقىن ھەم راھەت تۇيغۇ بېغىشلايدۇ.
خەن سۇلالىسىدىكى «تارىخى كىتاب» لاردا خاتىرلىنىشىچە، يەسىمەن گۈلى ئەسلى قەدىمكى رىم ئىمپىرىيەسىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، خەن سۇلالىسى دەۋرىدە، دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى ئارقىلىق پېرىسيە، ھىندىستانغا تارقىلىپ، ئاندىن ھىندىستان ئارقىلىق فۇجۇغا يېتىپ كەلگەن.
يەسىمەن گۈلى تاڭ دەۋرىدە، ئېسىللىق، نام- مەنپەئەتكە بېرىلمەسلىكنىڭ سىمۋولى قىلىنىپ، ئۆلىمالارنىڭ پەزىلىتىگە ۋەكىللىك قىلاتتى. كىشلەرنىڭ قارىشىچە، يەسىمەن گۈلىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ئۇنىڭ ھىدى باشقا گۈللەرنىڭ پۇراقلىرىنى بېسىپ چۈشىدۇ.
يەسىمەن گۈلى يۇقىرى تېمپراتورىغا ماس كېلىدىغان بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە يۈننەن، فۇجىيەن ئۆلكىلىرىدە تىكىلگەن، كېيىن ئۆستۈرۈش تېخكىنىسىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن جىياڭنەن رايونلىرىغىمۇ كېڭەيتىپ تىكىلگەن.
خۇددى سىرتتىن كىرگۈزۈلگەن سورتلارغا ئوخشاش، يەسىمەن گۈلى دەسلەپتە خان جەمەتى، ئېسىلزادىلەرنىڭ ئۆيلىرىدىكى تەشتەكلەردە بېقىلاتتى. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئوردىدىكى تومۇز ئىسسىقنى بېسىش ئۈچۈن، يەسىمەن گۈلىگە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان جەنۇب تەرەپنىڭ گۈللىرىنى ئوردىغا تىزىپ، چاقپەلەك بىلەن يەلپۈپ ئۇنىڭ ھىدىنى ئوردا ئىچىگە تارىتاتتى. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىن، يەسىمەن گۈلى خەلق ئىچىدە ئۆستۈرۈلۈشكە باشلىدى. بولۇپمۇ جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، يەسىمەن گۈلى بىلەن گۈل چاي ياساشقا باشلىدى. مانا بۇ ئەڭ دەسلەپكى يەسىمەن چېيىنىڭ بارلىققا كەلگەن ۋاقتى دېيىشكە بولىدۇ.
يەسىمەن گۈلى خەلق ئارىسىدا تېز سۈرئەتتە ئومۇملىشىش بىلەن ھەر بىر جۇڭگۇ ئائىلىلىرىنىڭ تەشتەكلىرىدە ئېچىلىدىغان بولدى ھەم نەچچە مىڭ يىللاردىن كېيىن، «يەسىمەن گۈلى» ناملىق بىر كوبلىت شېئىر جۇڭگۇنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى.
يەسىمەن گۈلى ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ بىر قسىمىغا ئايلانغان بولۇپ، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شائىر جۆ داجۈن «ئىنسان گۈزەللىكى» دېگەن شېئىرىدا: «گۈلنىڭ گۈزەل ھۆسىنى بىلەن، خۇش ھىدى ئىنسانغا ھوزۇر» دەپ تەرىپلىگەنىدى. يەسىمەن ئالاھىدە بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىكى نەپىسلىككە سۆز يەتمەس.
مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى «بەش ئارىلاش گۇرۇپپا» ناملىق روماندا «گۈلنىڭ سېھىرلىك پۇرىقى شورپىغا ئوخشار»دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇ يەردىكى «شورپا» نى «چاي» دېيىشكە بولىدۇ. يەنى گۈلنى بىۋاستە قاينىتىپ چاي قىلىش دېگەنلىكتۇر. يەسىمەن گۈلى چېيى ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بىۋاستە شورپا قايناتقانغا ئوخشىمايدۇ. يەسىمەن چېيى يەسىمەن گۈلىنى ئىسلاش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. «سۈرلەنگەن چاي» قول ھۈنەرۋەنچىلىكتە «سۈرلەش» دەپ ئاتىلىپ، ئۇنىڭ سۈمۈرۈش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، چاي يوپۇرماقلىرىغا گۈلنىڭ خۇش ھىدىنى سۈمۈرگۈزىدۇ.
جۇڭگونىڭ چايچىلىقىدا، يەسىمەنگۈل چېيى بەلكىم خەلققە ئەڭ يېقىن چاي بولۇشى مۇمكىن، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ يەسىمەنگۈل چېيى ئىشلەپچىقىرىش رايونى گۇاڭشىنىڭ خېڭشىيەن ناھىيەسىدە بولۇپ، كۆپ قىسىم يەسىمەنگۈلى چېيى مۇشۇ يەردە ئىشلەنگەن. ئۇنڭدىن باشقا يەنە، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ فۇجۇ شەھىرى، جىياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇجۇ شەھىردىمۇ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. يەسىمەن گۈلىنىڭ ئېچىلىش مەزگىلى 5- ئايدىن باشلىنىدۇ. لېكىن، 7- ئاي بىلەن 8- ئايدا يەسىمەن گۈلىنىڭ ماي مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا، ياخشى بولغان گۈل چاي ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن، چوقۇم يازنىڭ ئەڭ ئىسسىق كۈنلىرىدىكى تېخى ئېچىلمىغان يەسىمەن گۈلىنى ئىشلىتىش كېرەك. بولۇپمۇ چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككى ياكى ئۈچلەردە گۈل ئۈزگىلى بارسا بولىدۇ. گۈلنى يىغىپ ئەكەلگەندىن كېيىن گۈلنىڭ ئېچىلىشىنى ساقلاش كېرەك، ئاندىن گۈلنى غەلۋىردىن ئۆتكۈزۈش، چاي گۈلىنى تىزىش، شەكىل چىقىرىش، گەمىگە يېيىش، گۈل شەكلىگە كەلتۈرۈش، قاقلاش قاتارلىق باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتىدۇ. گۈل چاي تەييارلاشنى يادروسى بولسا، يېڭى ئۈزگەن يەسىمەن گۈلى بىلەن چاي كېسەكنى ئارلاشتۇرۇش بولۇپ، بۇنداق بولغاندا چاي كېسەك گۈلنىڭ خۇشپۇرىقىنى سۈمۈرىدۇ. مىقدارى چاي بىلەن تەڭ بولغان يەسىمەن گۈلى يىغىش ئۈچۈن ئالدى كەينى يەتتە قېتىم گۈل ئۈزۈش كېرەك. بىر جىڭ چاي ئىشلەپچىقىرش ئۈچۈن تەخمىنەن يەتتە جىڭ ياسىمەن گۈلى ئىشلىتىش كېرەك.
جۇڭيى تىبابىتىدە يەسىمەن گۈلىنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ئىقتىدارى بار دەپ قارىلىدۇ. ئادەتتە يەسىمەن گۈل چېيىنى ئىچكەندە جىگەرنى تازلاپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈپ، ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ. يەسىمەن گۈلى چېيى تەركىبىدە كوففىئېن ۋە قەھۋە ئىشقارى قاتارلىق ماددىلا بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ماي سېرىش، ھەزىم قىلىش رولىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار. شۇڭا، مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، كۈندە يەسىمەن گۈلى چېيى ئىچىپ بەرسە، ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. يازنىڭ تومۇز ئىسسىقلىرىدا، چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن، بىر ئىستاكان خۇشپۇرىقى ئۆرلەپ تۇرغان يەسىمەن گۈلى چېيى ئىچسىڭىز شۇنچىلىك ھوزۇرلىنىسىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى