قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ چيۇبېي ناھىيەسىگە جايلاشقان پۇجېخېي

2018-07-11 19:04:11     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

پۇجېخېي، يىزۇ تىلىدا «بېلىق، راك كۆپ جاي» دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. پۇجېخېي مەنزىرە رايونى ئۆلكە مەركىزى كۈنمىڭغا 280 كىلومېتىر كىلىدىغان بولۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك داڭلىق مەنزىرە رايونى، دۆلەت A4 دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى، دۆلەتنىڭ سۇلۇق يەر باغچىسى شۇنداقلا بازارنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىدىكى مۇھىم ساياھەت مەركىزى ھەمدە يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ ساياھەتچىلىكىدىكى «ئۈچ لىنىيە ئالتە رايون» ئىچىدىكى كۇنمىڭ- تاشزارلىق- ئالۇگۇ غارى- پۇجېخېي- لوپىڭ، يۈننەننىڭ شەرقىي جەنۇبى رايونىدىكى مۇھىم ساياھەت مەنزىلى. مەنزىرە رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 388 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، سۇ ئۈستى ئېتىزى، يىزۇ سۇ ماكانى، كارست سۇلۇق يەر، كۆل ئورمانلىق، نىلوپەر گۈلى دۇنياسى، بېلىق قۇشلار ماكانى قاتارلق مەنزىرە رايونلىرى بىلەن داڭقى چىققان.
بۇ يەردە نۇرغۇن سازلىق ۋە كۆللەر بار، بۇ يەرنىڭ بېلىقى ۋە راكلىرى بەك ياۋايى بولۇپ، سۇ بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، دائىم تۇتۇپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. پۇجىخېيدا ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان كارست سۇلۇق يەر بار، بۇ يەردە ھەم تاغ ھەم سۇ بار، تاغ ۋە سۇلار ئۆز ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپلا قالماي، تەڭدىشى يوق. بۇ يەردە «دادا، قەيەرگە بارىمىز؟» دېگەن پروگرامما ۋە «ئۈچ ئون چاقىرىملىق شاپتۇل چېچىكى» دېگەن فىلىم سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، توردىكى قىزىق نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردە سۇ ئۈستى ئېتىزى، كۆل ۋە ئورمانلىق، يىزۇ سۇ ماكانى، كارست سۇلۇق يەر، نىلوپەر گۈلى دۇنياسى، قۇشلار ماكانى قاتارلىق ئالتە چوڭ مەنزىرە نۇقتىلىرى بار، مەنزىرە رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 388 كۋادرات كلومېتىر، يادرولۇق مەنزىرە رايونى 165 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئوينىغىلى بولىدىغان جايلار بەك كۆپ. پۇجېخېيدا كۆللەر كۆپ، سۇ كۆپ، 20 نەچچە مىڭ مو يەردە ياۋا نىلوپەر گۈلى بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى نىلۇپەر گۈلى تاماشا قىلىدىغان كۆۈلدىكىدەك جاي. نىلوپەر گۈلى 5- ئاينىڭ ئوتتۇرىدىن 9- ئايغىچە ئېچىلىدۇ، چېچەكلەش مەزگىلى ئەڭ ئۇزۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاماشا قىلىش مەزگىلى 6- ئايدىن 8- ئايغىچە بولۇپ، ھەر خىل ئىمتىھانلار تۈگەپ، دەپ ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەن ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ. بۇ يەرنىڭ نىلوپەر گۈللىرى گەرچە ياۋا بولسىمۇ لېكىن تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ، پۇجېخېي مەنزىرە رايونىدا نەچچە 10 مىڭ مو قەدىمىي ياۋا نېلۇپەر ئۆسىدۇ، پۇجېخېي نىلۇپەر گۈلىنىڭ 145 مىليون يىللىق تارىخى بار ھەمدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 269 داڭلىق نېلۇپەر سورتلىرىنى كىرگۈزۈپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نىلۇپەر گۈللۈكى بەرپا قىلغان. ئەگەر نىلوپەر گۈلىنى تاماشا قىلماقچى بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى پاراخوتقا ئولتۇرۇپ تاماشا قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تاماشا قىلىش باشقىچە بىر تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ، ياكى بولمىسا كۆل بويىنى بويلاپ تاماشا قىلسىمۇ بولىدۇ. بۇ يەردە چوڭ نىلۇپەر، كىچىك نىلۇپەر، سېرىق نىلۇپەر، قىزىل نىلۇپەر، ئاق نىلۇپەر، ھال رەڭ نىلۇپەر قاتارلىق ھەرخىل تۈرلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. يازلىق تەتىل پۇجېخېينىڭ ئەڭ ياخشى پەسلى، گەرچە كۈندۈزى ئىسسىقراق بولسىمۇ، لېكىن ئەتتىگىنى ئاخشىمى سالقىن، بۇ پەسىل سۇ چۈمۈلۈشكە ئىنتايىن باب كېلىدۇ، پۇجېخېيدىكى سۇغا چۈمۈلۈش سۇ ئۈزۈش بولماستىن، بەلكى كېمىگە ئولتۇرۇپ كۆل يۈزىدە داس ياكى سۇ تاپانچا بىلەن سۇ چېچىشىپ ئويناشنى كۆرسىتىدۇ. سۇ چۈمۈلۈش ۋە نېلۇپەر گۈلىنى تاماشا قىلىشتىن باشقا يەنە يېزا تۇرمۇشى مەنزىرىسىنى، يېزا تۇرمۇشىنى ھېس قىلالايدۇ، شۇ جايدىكى دېھقانلار ئىنتايىن جاپالىق ئىشلەيدۇ، سىزمۇ تېرىقچىلىق قىلىپ، مايسا كۆچۈرۈپ، ھوسۇل ئېلىشنى سىناپ باققۇڭىز بارمۇ؟ بالىلارغا چىڭقى چۈشتە شال ئوتاپ تامچە-تامچە تەر ئاققۇزۇشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.
«ئالا بايرىمى» بولسا يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ چيۇبېي ناھىيەسىدىكى يىزۇ مىللىتىنىڭ ئۆزگىچە ئەنئەنىۋى بايرىمى بولۇپ، قەدىمقى كىشىلەرنىڭ قازاننىڭ ئاستىدىكى قارىنى يۈزىگە سۈركىۋېلىپ ئالۋاستى زىيانداشنى يوقىتىدىغان ئادىتىگە ئاساسەن شۇنداق ئاتالغان، «ئالا بايرىمى» نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە. بۇ بايرام 1998- يىلى يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ، ھەر يىلى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىنى جەلپ قىلىدىغان بولۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «يۈننەننىڭ ئون چوڭ مىللىي بايرام داڭلىق ماركىسى» ۋە «يىللىق ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە ساياھەت بايرىمى پائالىيىتى» دېگەن شەرەپلەرگە ئېرىشىپ، 2009- يىلى جنىس رىكورتى ياراتقان. 7- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 8- ئاينىڭ 18- كۈنىگىچە، يىلدا بىر قېتىم يۈننەن پۇجېخېينىڭ «ئالا بايرىمى» ئۆتكۈزىلىدۇ. بۇ مەزگىلدە يەنە ئۆزگىچە شىيەنزى ئۇسۇلى، پۇجېخېي قەلەمكەشلەر يىغىنى ۋە ئەڭ گۈزەل ئالا يۈزنى باھالاش پائالىيىتى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. 7-، 8- ئايلاردا پۇجېخېيدىكى نېلۇپەر گۈللىرى بەس- بەستە ئېچىلىپ كېتىدۇ، نېلۇپەر گۈلىنى تاماشا قىلىدىغان ئەڭ ياخشى پەسىل، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان سۇ چېچىشىپ ئويناشمۇ مۇشۇ ۋاقىتتا باشلىنىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، خېلى ئۇزۇن يىللار بۇرۇن، چيۇبېيدا ئۆز ئارا مۇھەببەتلەشكەن ئانەي بىلەن ئاخېي توي قىپتۇ. كىم بىلسۇن ئاق ئەجدىھا شاھزادە گۈزەل ئانەينى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، قىزنى ئېلىپ قاچماقچى بوپتۇ. پۈتۈن كەنتتىكى قىز يىگىتلەر ھەممىسى قازاننىڭ تېگىدىكى قارىلارنى يۈزلىرىگە سۈرتۈشۈپ، ئاق ئەجدىھا شاھزادىسىنى ياندۇرۋېتىپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ «ئالا بايرام» پەيدا بولغانمىش. ئېيتىشلارغا قارىغاندا دەسلەپكى يىللاردا، يىزۇ كەنتىدىكى قىز يىگىتلەر ئۆز-ئارا مۇھەببەت ئىزھار قىلىشقاندا بىر بىرىگە سۇۋاق سۈركەپ بىر-بىرىنى قوغلىشىدىغان ئەنئەنىسى بار بولۇپ، ئۇلار قوللىرىنى قاپقارا قىلىپ قارشى تەرەپنىڭ يۈزىگە سۈركەيدۇ، قارىنى قانچە قېنىق سۈركىگەنسېرى، بىر بىرىگە بولغان مۇھەببىتى شۇنچە چوڭقۇر بولغان بولىدۇ. ئەگەر قارشى تەرەپ بىلەن ئالاقە قىلىشنى خالىمىسا، ئامال بار قېچىپ كېتىپ، قارشى تەرەپكە پۇرسەت بەرمەيدۇ. ئالا بايرىمى مەزگىلىدە ئەڭ كاتتا تەنتەنىلىك پائالىيەت دەل شىيەنزى ئۇسۇلى ئويناش. شىيەنزى ئۇسسۇلنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، شۇنىڭغا ئاساسەن خەلق ئارىسىدا «كىشىلەر شىيەنزى ئۇسۇلى ئوينىمىسا، ئون يىل بىكار ياشىغان بولىدۇ»، «ئاگېنىڭ راۋابى چېلىنىشى بىلەنلا، ئامېينىڭ تاپىنى قىچىشىشقا باشلىدى» دېگەنگە ئوخشاش قالتىس ھەم مۇبالىغە قىلىنغان ماقال تەمسىللەر بارلىققا كەلگەن. ھەر قېتىم بۇ بايرام ئۆتكۈزۈلگەندە، يىزۇ قىزلىرى مىللىيچە كىيىملىرىنى بالدۇرلا كىيىپ، توپ- توپ بولۇشۇپ ھەر تەرەپتىن كېلىپ خەلق مەيدانىغا جەم بولۇشۇپ، ئۆز ئارا ھوزۇرلىنىپ، ئېچىلىپ يېيىلىپ پاراڭغا چۈشىدۇ. مۇزىكا قۇيۇلۇشى بىلەنلا، ئۇلار قىلچە ھودۇقماستىن، مۇزىكىنىڭ رېتىمى ۋە مىلودىيەسىگە ئەگىشىپ، قول تۇتۇشۇپ ئۇسۇلغا چۈشىشىدۇ. كىشىلەر جاي- جايلاردىن كېلىپ بۇ يەرگە توپلىشىپ، مەيلى سىز ئوينىيالاڭ ياكى ئوينىيالماڭ، قىزغىن يىزۇ قىزلىرى سىزنىڭ ئىككى قولىڭىزدىن تارتىپ سىزنى ئۇسسۇل ئويناشقا تەكلىپ قىلىدۇ.
پۇجېخېينىڭ ئىلگىرى قاتنىشى قولايسىز بولۇپ، سىرتتىكى كىشىلەر بۇ يەرنى ئانچە بىلىپ كەتمەيتتى، ھازىر كۇنمىڭدىن نەننىڭغا بارىدىغان يۇقىرى سۈرەتلىك تۆمۈر يول بۇ يەردىن ئۆتىدىغان بولۇپ، كۇنمىڭدىن بۇ يەرگە كېلىشكە پەقەت يېرىم سائەتلا ۋاقىت كېتىدۇ، ئىنتايىن قولايلىق. بىر نەچچە يىللىق ئېچىش ۋە ئۇل مۇئەسسە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، ھازىر ياتاق، تاماق ۋە تۇرالغۇلار ئىنتايىن قولايلىق بولۇپ، بالىلارنى ئېلىپ كېلىشكە ئىنتايىن قولايلىق، بۇ يەرگە كېلىپ سالقىن يازلىق تەتىل ئۆتكۈزۈپ كېلىڭ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى