قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل، بەختلىك سۈرەتلەرنى سىزىپ چىقتى

2018-07-11 19:12:31     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
باش شۇجى شى جىنپىڭ: «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا مۇھىمى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، مۇھىمى نامرات ئاھالىلەر مەركەزلەشكەن يېزا- كەنتلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. نامراتلارنى كۆچۈرۈپ ياردەم بېرىشنى ئاساس قىلغان نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش تەدبىرى- نامرات ئاھالىلەرنى «ئۆيىنى كۆچۈرۈپ، قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، كەسپىنى ئالماشتۇرۇپ، نامراتلىقنى يىلتىزىدىن تۈگىتىش» نىڭ تۈپ تەدبىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل، بەختلىك سۈرەتلەرنى سىزىپ چىقتى.
باي ناھىيەسىنىڭ قىزىل يېزا چۇناقمەھەللە كەنتىدىكى كۆچمەنلەر يېڭى كەنتىگە كىرگەندە، قاتار- قاتار رەتلىك ئەمىن ئۆيلەر يېشىل دەرەخ، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلار بىلەن قوشۇلۇپ ناھايىتى چىرايلىق كۆرۈنەتتى. كەنت ئاھالىسى تۇراگۈل مەمەت قوشنىلار ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە يېڭى ئۆيگە كۆچۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بىز تۇرغان ئۆي قاراڭغۇ ھەم كىچىك بولغاچقا، تۆتىمىز بىرگە تۇرساق قولايسىز ئىدى. ئىلگىرى 40 كۇۋادرات مېتىرلىق ئۆيدە ئولتۇراتتۇق، ھازىر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىزگە 80 كۇۋادرات مېتىرلىق چوڭ ھەم يورۇق ئۆي سېلىپ بەردى. بۇ ئۆي ھەقسىز، بىز بىر تىيىنمۇ تۆلىمىدۇق، بەك خۇش بولدۇم. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە كۆپتىن- كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.
تۇراگۈل مەمەت ئىلگىرى ئولتۇراقلاشقان چۇناقمەھەللە كەنتى 2- گۇرۇپپىسىدا 39 ئائىلىلىك دېھقان بولۇپ، بۇ يەر قىزىل سۇ ئامبىرىنىڭ چېتىگە جايلاشقان. يەر ئاستى سۇ ئورنىنىڭ ئۆرلىشى بىلەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شورلىشىشى ئېغىر بولۇپ، نۇرغۇن ئاھالىنىڭ تۇرالغۇسى خەتەرلىك ئۆي بولۇپ قالغانىدى. شۇ سەۋەبتىن باي ناھىيەسى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش خىزمىتىنى يولغا قويۇپ، مەركەزلىك تۇتاشتۇرۇپ كۆچمەنلەر يېڭى كەنتى قۇرۇپ، كۆچۈرۈلگەن ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسىگە سۇ، توك يەتكۈزۈپ، يوللارنى تۇتاشتۇرۇپ، سىملىق تېلېۋىزىيە ئۇلاپ بېرىپ، يۇقىرى ئۆلچەمدە ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. كېيىنكى قەدەمدە باي ناھىيەسى بۇ كۆچۈرۈلگەن دېھقانلارنى تېخنىكا جەھەتتىن مەركەزلىك تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشىغا ياكى قىزىل مىڭ ئۆي مەنزىرە رايونىدا سەھرا ئارامگاھى تىجارىتى قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇردى. بۇلتۇرلا، ئاپتونوم رايون بويىچە 110 مىڭ كىشىنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى تاماملاندى. ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل 9 ناھىيە (شەھەر)، 47 يېزا- بازار، 517 كەنتتە 30 مىڭ كىشىنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق تاماملايدۇ.
بۇلتۇر 5- ئايدا، ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى قىرغىز چارۋىچى تۇرغان مامۇت 406 نەپەر يۇرتدىشى بىلەن بىللە سوغۇق تاغلىق رايونغا جايلاشقان تۇيۇن يېزىسىدىكى چارۋىچىلىق نۇقتىسىدىن تورغات چېگرا ئېغىزى بويىدىكى چارۋىچىلارنى كۆچۈرۈش نۇقتىسىغا كۆچۈپ كەلدى. ھەر بىر ئائىلە 10 مىڭ يۈەن تاپشۇرۇپلا، 80 نەچچە كۋادىرات مېتىرلىق ئۆي ۋە 50 مىڭ يۈەن ئۆسۈمسىز قەرز بېرىلىدىغان دۇكانغا ئېرىشتى. يۇرتداشلار ئەمگەك كۈچىنى چىقىرىش، تىجارەت، چېگرا ئېغىزىدىكى ئىدارىلەردە ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللاردا تېزلا مۇقىم تۇرمۇشقا ئېرىشتى. تۇرغان مامۇت مۇنداق دېدى: مەن ھازىر ئاپتوموبىلغا يۈك قاچىلاش- چۈشۈرۈش ئورنىدا ئىشلەۋاتىمەن، ئايالىم ئاشخانىدا ئىشلەيدۇ. دۇكىنىمىزدىن يىلدا 10 مىڭ يۈەن ئىجارە ھەققى ئالىمىز. ھازىر ئولتۇراقلىشىش شارائىتىمىز ئىلگىرىكىدىن كۆپ ياخشى، كىرىمىمىزمۇ مۇقىم. مەن يەنە بىر نەچچە كىشىلىك ئىش قىلىپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئىككى بالامنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشنى ئويلاۋاتىمەن.
باش شۇجى شى جىنپىڭ: «نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتە تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاپلا قالماستىن، مۇھىمى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.
ماناس ناھىيەسى خانكازىتان يېزىسى فۇجيەن- ماناس ئېكولوگىيە كەنتى ئاپتونوم رايونىمىزدا خېلى بۇرۇن قۇرۇلغان چارۋىچىلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەنت بولۇپ، تاغدىن تۈزلەڭلىككە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن قاتناش قولايلىق بولۇپ، ئۇچۇر راۋانلىشىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئىدىيەسىمۇ بارغانسېرى ئىلغارلاشتى. فۇجيەن- ماناس ئېكولوگىيە كەنتى ساياھەتچىلىك، پارنىكتا كۆكتات تېرىش، بورداقچىلىق قاتارلىق بىر قانچە تۈۋرۈك كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇردى. ھازىر، كەنتتە 5 دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلۇپ، 15 ئائىلە ئارامگاھ ئاچتى. بۇ يىل كەنت قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى سىناق تەرىقىسىدە تېرىدى. كەنت ئاھالىسى لۈ دابىڭ ئالدى بىلەن 300 مو يەرگە چۈچۈكبۇيا ۋە ئۇچقات تېرىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىر مو يەرگە 3 مىڭ 500 يۈەندىن 4 مىڭ يۈەنگىچە پۇل كېتىدۇ، نۆۋەتتە كەسپداشلىرىمىز كېلىپ بۇ يەرنى كولاپ باقتى. يىل ئاخىرىدا كولىساق بىر مو يەردىن بىر يېرىم توننا ھوسۇل چىقىدۇ. ھازىرقى بازار باھاسىدا 6 يۈەن 2 مودىن 6 يۈەن 5 موغىچە باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بىر مو يەردىن 8، 9 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ. ھەممە تەننەرخنى چىقىرىۋەتكەندە ساپ پايدا 3 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى