قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قەشقەر ۋىلايىتى داۋالاشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ساغلاملىقنى «ئەڭ يىراق بىر ئائىلە كىشىلىرى» گىچە يەتكۈزۈشكە تىرىشتى

2018-07-11 19:13:22     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
باش شۇجى شى جىنپىڭ: «ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ساغلاملىقنى ئاشۇرۇش كېرەك. خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ساغلاملىقتىن ئايرىلالمايدۇ» دەپ كۆرسەتتى. باش شۇجىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، قەشقەر ۋىلايىتى داۋالاشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ساغلاملىقنى «ئەڭ يىراق بىر ئائىلە كىشىلىرى» گىچە يەتكۈزۈشكە تىرىشتى.
يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئىشقۇل يېزىسىدىن بېلىقىز سەمەت بۆرەككە سۇ يىغىلىپ قېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ھەر يىلى ئاز دېگەندە بىر قېتىم دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىناتتى. ناھىيە بويىچە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا شەھەر- يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، مۇقىم كىرىمى يوق بېلىقىزمۇ خاتىرجەم كېسەل كۆرسىتەلەيدىغان بولدى. ئىككى كۈندىن بۇيان، ئۇ يېزىلىق شىپاخانىغا كېلىپ، ناھايىتى تېزلا بالنىتسىدا يېتىش رەسمىيىتىنى بېجىردى ھەمدە تۈرلۈك سالامەتلىك تەكشۈرتۈشلەرنى تاماملىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن دائىم دوختۇرخانىدا يېتىپ قالىمەن، ھازىر بالنىستتىن چىققاندا بىراقلا ئاتچوت قىلىپ بېرىدۇ، ئۆزۈم كۆپ پۇل خەجلىمەيمەن. مەسىلەن، بالنىستتا يېتىپ داۋالىنىش ئۈچۈن مىڭ يۈەن كەتكەن بولسا، ئۆزىمىز 150 يۈەندىن 200 يۈەنگىچىلا تۆلەيمىز. ھازىرقى سىياسەت بەك ياخشى.
مۇشۇ بىرقانچە يىلدىن بۇيان، دۆلەتنىڭ قوللىشىدا، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خىزمىتى قەدەممۇ- قەدەم چوڭقۇرلاشتى. ئالدى بىلەن كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئارقىدىن يەنە شەھەر- بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ۋە يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمى بىرلەشتۈرۈلۈپ، شەھەر بىلەن يېزىدىكى ئاممىنىڭ نوپۇس تەۋەلىك پەرقى تۈگىتىلىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى.
ئاساسىي قاتلامدىكى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ داۋالىنىش ئىشىدا، خىراجەت مەسىلىسىدىن سىرت، ئۆزىنىڭ ساغلاملىق ئېڭى كۈچلۈك بولماسلىق مەسىلىسىمۇ ئىنتايىن گەۋدىلىك. قەشقەر ۋىلايىتى ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئارخىپىنى رەتلەپ، تەھلىل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ساغلاملىققا ئەھمىيەت بېرىشكە يېتەكلىدى. قەشقەر شەھىرىنىڭ قوغان يېزا ساپئېرىق كەنتىدىكى دېھقان پاشاخان بارات مۇنداق دېدى: ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش جەريانىدا، بالامنىڭ تۇغما يۈرەك كېسىلى بارلىقى ئېنىقلىنىپ، ھەقسىز داۋالاندى. ھازىر سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلدى، مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان بولدى. يەنە بوۋام بىلەن دادامنىڭ كېسەللىرىنىمۇ بايقاپ ۋاقتىدا داۋالاتتۇق.
بۇنىڭدىن باشقا، ئاساسىي قاتلام داۋالاش- سەھىيە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۈزۈكسىز ئېشىۋاتقان ئېھتىياجى ئوتتۇرىسىدا بەلگىلىك پەرق بار. شۇڭا، قەشقەر ۋىلايىتى داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر ۋە شىنجاڭدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىلەن ناھىيە، يېزا ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ خادىم، بايلىق ۋە داۋالاش ئالاقىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ تۆۋەنگە يەتكۈزۈلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. پوسكام ناھىيەسىنىڭ پوسكام يېزا سۆگەتئېرىق كەنتىدىكى بۇخەلچەم مامۇتنىڭ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، ئۆپكە ياللۇغى، شاخچە كاناي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلىرى بولۇپ، ئىلگىرى كېسىلى قوزغۇلۇپ قالسا ئاپتوموبىل تېپىپ ناھىيە، ھەتتا قەشقەر شەھىرىگە ئاپىرىپ داۋالىتىشقا توغرا كېلەتتى. بۇلتۇر پوسكام يېزىلىق شىپاخانا قاراماي شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانا بىلەن رايون ئىچىدىكى داۋالاش بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش مېخانىزمىنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇنىڭ بىلەن، بۇخەلچەم مامۇت يېزا شىپاخانىسىدىلا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يىراقتىن دىئاگنوز قويۇشىدىن بەھرىمەن بولالايدىغان بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: قارامايدىكى مۇتەخەسسىسلەر كېسىلىمگە دىياگنوز قويۇپ، ئۈنۈمى ياخشى بولدى. شىپاخانىدىكى دوختۇرلارنىڭ سەۋىيەسىمۇ ئۆستى، بىز ئۇلارنىڭ مۇلازىمىتىدىن ئىنتايىن رازى.
قەشقەر ۋىلايىتى ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل ئالاقىدار يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ يولغا قويدى. قەشقەر شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شېڭ شىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش بۆلەكلىرى ۋە ئاساسىي ئاممىۋى ساغلاملىق مۇلازىمەت تۈرلىرى بۆلەكلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئارقىلىق كۆپ قوزغىلىدىغان كېسەللىك، سوزۇلما كېسەللىك، ئېغىر كېسەللىك دەپ گۇمان قىلىنغان كىشىلەر توپىنى ماس قەدەمدە ئايرىپ، ئۇچۇر ئارقىلىق ئەسكەرتىمىز ۋە يوللاپ بېرىمىز. كەنت، مەھەللىنى بىرلىك قىلىپ ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىپ، ئائىلە دوختۇرى كېلىشىم ئىمزالاش قاتارلىقلار ئارقىلىق دائىرىسى مول بولغان كۆپ خىل مۇلازىمەتنى ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى