قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يۇقىرى قان بېسىم كىسەللىرىنىڭ چېنىققاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلىرى

2018-07-11 19:15:17     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1. ئەڭ مۇھىم نۇقتا شۇكى، چېنىقىشنى ئاز- ئازدىن، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ئادەتتە ئانچە چېنىقمايدىغان كىشىلەر باشلىنىشىدىلا كۈچلۈك ھەرىكەتلەرنى ئىشلىمەسلىكى لازىم. بۇ يۇقىرى قان بېسىم كىسەللىرىگە پايدىسىز، چېنىقىش جەريانىدا يۈرەك سوقۇشى بىردىنلا تېزلىشىپ كەتسە، قان بېسىم بىراقلا ئۆرلەپ، خەۋپ پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا، چېنىققاندا، بەدەننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ھەرىكەت مىقدارىنى بارغانسېرى كۆپەيتىش كېرەك.
ھەرىكەت سىجىللىقىغا سېلىشتۇرغاندا ئەڭ مۇھىمى چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇشتۇر. ئەگەر شارائىت يار بەرسە ھەر كۈنى چېنىقىنىشنى يېرىم سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشتۇرۇش لازىم.
2. ھەرىكەت سىجىلللىقىنى ياخشى كونتىرول قىلىش، يۇقىرى سىجىللىقتىكى ھەرىكەتلەرنى ئىشلىمەسلىك، يۇقىرى دەرىجىدىكى ئوكسېگىنلىك ھەرىكەتلەرنى، مەسىلەن، تەيجى گۇمبىسى، سۇ ئۈزۈش، پىيادە مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش قاتارلىقلارنى تاللاش كېرەك. بەدىنى بىر قەدەر ياخشى كىشىلەرنىڭ ھەرىكەتتىن كېيىنكى يۈرەك رېتىمى 120 دىن 180 ئەتراپىدا بولسا، بۇنى ئوتتۇرا دەرىجە سىجىللىقىدىكى ھەرىكەت دەپ ئاتايمىز. ياشانغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ قىممەتنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىشكە بولىدۇ.
3. چېنىققاندا قان بېسىمىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدىن ساقلىنىش لازىم. ئەتىگەندە قان بېسىمى ئۆرلەيدىغانلار بولۇپمۇ، تېخى دورا يېمىگەنلەر ئەتىگەندە چېنىقماسلىقى كېرەك. شۇڭا، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى چېنىققاندا، قان بېسىمىنىڭ قانۇنىيىتىنى ئېنىق تونۇپ يېتىپ، قان بېسىمىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە چېنىقىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى