قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

12- نۆۋەتلىك سايرام كۆلىنى ئايلىنىش تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى باشلاندى

2018-07-16 18:25:23     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 جۇڭگو شىنجاڭ 12- نۆۋەتلىك سايرام كۆلىنى ئايلىنىش تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى 7- ئاينىڭ 14- كۈنى بورتالا شەھىرىدە باشلاندى. ئىگىلىنىشىچە، 2007- يىلىدىن ھازىرغا قەدەر، سايرام كۆلىنى ئايلىنىش تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ساياھەتچىلىكنى تونۇشتۇرۇش، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك بايرام سۈپىتىدە، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يېپيېڭى ئوبرازى ۋە ھالقىما تەرەققىياتىنى نامايان قىلىدىغان گۈزەل ئىسىم كارتىسىغا ئايلانغان.

    سۈرەتتە: ماھىرلار 7- ئاينىڭ 14- كۈنى تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسىدە. (مۇخبىرىمىز خەن لياڭ فوتوسى)

  مۇخبىرىمىز دۇڭ لياڭ خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو شىنجاڭ 12- نۆۋەتلىك سايرام كۆلىنى ئايلىنىش تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «كۆلنى ئايلىنىش مۇسابىقىسى» دېيىلدى) 7- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت- تەنتەربىيە باشقۇرۇش مەركىزىدە باشلاندى.

  بۇ نۆۋەتلىك كۆلنى ئايلىنىش مۇسابىقىسى «مىنىش، ھالقىش، يېشىل بولۇش، ساغلام بولۇش»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، ئۈچ كۈن داۋاملىشىدۇ، مۇسابىقە لىنىيەسى «جۇڭگودىكى مۇنەۋۋەر ساياھەت شەھىرى» بورتالا، «غەربىي يۇرتتىكى تېغى ھەيۋەت، سۈيى ئەلۋەك ئارشاڭ يۇرتى» ئارشاڭ ناھىيەسى، «ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە كۆز يېشى» سايرام كۆلىدىن ئۆتىدۇ، مۇسابىقە ئۈچ بۆلەككە بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئومۇمىي مۇساپىسى 207 كىلومېتىر. مۇسابىقىگە شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن 32 ۋېلىسىپىت كوماندىسى، 169 ماھىر قاتنىشىدۇ.

  بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئەن تاۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2007- يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك كۆلنى ئايلىنىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان، ئون نەچچە يىللىق ئۆسۈپ يېتىلىش، تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق، كۆلنى ئايلىنىش مۇسابىقىسى رايون خاراكتېرلىك مۇسابىقىدىن دۆلەت دەرىجىلىك مۇسابىقىگە ئايلىنىپ، مەملىكەتلىك ئىشتىن سىرتقى تاشيول ۋېلىسىپىت كۆپ كۈنلۈك مۇسابىقىسىنىڭ 1- كۇرسلۇق مۇسابىقىسى، دەپ تەرىپلەندى. كۆلنى ئايلىنىش مۇسابىقىسىنىڭ ئۇدا 12 يىل ئۆتكۈزۈلۈشى شىنجاڭ ئۈچۈن ئونمىڭلىغان ۋېلىسىپىت مىنىش ھەۋەسكارىنى يېتىشتۈرۈپ بېرىپلا قالماي، سايرام كۆلىنىڭ گۈزەل نامىنى كىشىلەرگە كەڭ تونۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ يېپيېڭى ئوبرازى ۋە ھالقىما تەرەققىياتىنى نامايان قىلىدىغان گۈزەل ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندى.

  شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى بۆلەك مۇسابىقىدە، بىرلەشمە كوماندىدىن 32- نومۇرلۇق ماھىر گاۋ لياڭ 2 سائەت 24 مىنۇت 28 سېكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن، ئاخىرقى نۇقتىغا تۇنجى بولۇپ يېتىپ بېرىپ، بۇ بۆلەك مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. سېندىكې شىنيۈەنخۇڭ ۋېلىسىپىت كوماندىسىدىن 22- نومۇرلۇق ماھىر شۈ شۈەنپىڭ بىلەن بورتالا شەھەرلىك تەنتەربىيە لاتارىيەسى ۋېلىسىپىت كوماندىسىدىن 301- نومۇرلۇق ماھىر جاڭ ۋېنلۇڭ ئايرىم- ئايرىم ھالدا 2- لىككە ۋە 3- لىككە ئېرىشتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى