قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

12- نۆۋەتلىك سايرام كۆلىنى ئايلىنىش تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى

2018-07-18 13:33:06     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

سۈرەتتە: ماھىرلار قاتتىق يامغۇردا باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە

(مۇخبىرىمىز خەن لياڭ فوتوسى) 

7- ئاينىڭ 16- كۈنى، جۇڭگو شىنجاڭ 12- نۆۋەتلىك سايرام كۆلىنى ئايلىنىش تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى 3- بۆلەك مۇسابىقىسىنىڭ قاتتىق يامغۇردا تاماملىنىشى بىلەن، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى. ئۈچ مۇسابىقە بۆلىكىدە كەسكىن رىقابەتلىشىش ئارقىلىق، تۇرسۇنجان بىرلىك 6 سائەت 10 مىنۇت 5 سېكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن شەخسلەر ئومۇمىي نەتىجىسىدە چېمپىيون بولدى. كوللېكتىپ ماسلىشىش ۋە ۋېلىسىپىت كوماندىسىدىكى ماھىرلارنىڭ ئۇنىۋېرسال نەتىجىسى بويىچە باھالاشتا، «سېندىكې شىنيۈەنخۇڭ» ۋېلىسىپىت كوماندىسى، بىرلەشمە ۋېلىسىپىت كوماندىسى ۋە بورتالا شەھىرى تەنتەربىيە لاتارىيەسى ۋېلىسىپىت كوماندىسى ئايرىم- ئايرىم ھالدا كوللېكتىپ ئومۇمىي نەتىجە بويىچە 1- ، 2- ۋە 3- لىككە ئېرىشتى.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى