قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چاچ ئاسراشنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلى

2018-07-19 18:01:43     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئەتىگەن چاچ يۇيسا ياخشىمۇ ياكى كەچتە چاچ يۇيسا ياخشىمۇ؟ ئىلگىرى بىز كەچتە چاچ يۇيسا چاچ ئاسان قۇرىمايدۇ، چاچنى قۇرۇتماي ئۇخلاپ قالسا باش ئاغرىيدىغان بولۇپ قالىدۇ... دېگەندەك گەپلەرنى كۆپ ئاڭلىغان. بەزى كىشىلەر سەھەردە چاچ يۇيۇشقا ئادەتلەنگەن، يەنە بەزى كىشىلەر بولسا كەچتە چاچ يۇيۇشقا ئادەتلەنگەن. ئەمەلىيەتتە، چاچنى قايسى ۋاقىتتا يۇيۇڭ، ۋاقتىدا قۇرۇتساقلا بولىدۇ.
ئۇنداقتا، چاچ چۈشۈش چاچنى كۆپ يۇيۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟ چاچ چۈشۈش چاچنى كۆپ يۇيۇش بىلەن مۇناسىۋەتسىز. چۈنكى چاچ چۈشۈش فىزىئولوگىيەلىك چاچ چۈشۈش ۋە كېسەللىك مەنبەلىك چاچ چۈشۈش دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. چۈشۈپ كەتكەن چاچلار توختاش مەزگىلىگە ياكى قېرىش مەزگىلىگە كىرگەن چاچلار بولۇپ، چاچنى يۇيمىغان تەقدىردىمۇ ئوخشاشلا تەبىئىي چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، چاچنى كۆپ يۇيۇش سەۋەبلىك چاچ چۈشۈش ئېغىرلىشىپ كەتكەن بولسا، بۇ چاچ يۇيۇش ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. چاچقا ئوزۇقلۇق يېتىشمىسە كۆڭۈل قويۇپ ئاسراش، پەرۋىش قىلىش كېرەك، بولمىسا چاچ تېخىمۇ كۆپ چۈشۈپ كېتىدۇ.
چاچنى قانچە كۈندە بىر قېتىم يۇيسا مۇۋاپىق؟ قانچە كۈندە بىر قېتىم چاچ يۇيۇشنىڭ بەلگىلىك ئۆلچىمى يوق. نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئادەم ئۆزىنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ئادىتىگە ماس كەلسە، راھەت، ساغلام ھېس قىلسىلا چاچنى يۇيۇش قېتىم سانى بىلەن بەك ھېسابلىشىپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ. ئىلمىي ھەم ساغلام بولغان چاچ يۇيۇش قېتىم سانى، چاچ سۈپىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى ۋە پەسىلگە ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ.
مايلىق چاچنىڭ تېرە مېيى ئاجرىتىپ چىقىرىشى بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ، يازدا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا يۇيمىسا، تەر تۆشۈكچىلەر توسۇلۇپ قالىدۇ، ئادەمنىڭ ئوبرازىغىمۇ تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا، مايلىق چاچنى كۈندە بىر قېتىم يۇيسا بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا كۈندە چاچ يۇيغاندا چاچنىڭ تېخىمۇ مايلىشىپ كېتىدىغان ۋە چۈشىدىغان بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز. ئەكسىچە، نەچچە كۈنگىچە يۇيمىغاندا چاچ تېخىمۇ كۆپ چۈشىدىغان بولۇپ قالىدۇ. كۈز ۋە قىش پەسلىدە، ئەگەر چېچى مايلىق كىشىلەر بەك تەرلەپ كەتمىسىلا، ئىككى كۈندە بىر قېتىم چېچىنى يۇيسا بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، چېچى مايلىق كىشىلەر مۆتىدىل چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىشى كېرەك، ئەگەر چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئىشقارلىقى بەك كۈچلۈك بولسا، چاچنى يۇيغاندا راھەت ھېس قىلغان بىلەن باش تېرىسىنى غىدىقلايدۇ. ئۇزۇن مەزگىلگە نىسبەتەنمۇ، چاچنىڭ ئاسان مايلىشىش ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا نىسبەتەن ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ.
چېچى قۇرغاقلارغا نىسبەتەن، چاچ مايلىشىش ۋە چاچ چۈشۈش مەسىلىسى ئۇلارنىڭ باش قېتىنچىلىقى ئەمەس. ئەكسىچە تېرە مېيىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئاز بولغانلىقتىن، چاچ قۇرغاقلىشىش، قىچىشىش، كىپەكلىشىش مەسىلىلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى چېچى قۇرغاقلارنىڭ باش قېتىنچىلىقى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، چېچى قۇرغاقلار چاچ يۇيۇش قېتىم سانىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە ئازلىتىشى كېرەك. چېچى قۇرغاق كىشىلەر پەسىل ئايرىماستىن ئۈچ كۈندە بىر قېتىم چاچ يۇيسا بولىدۇ. ئەلۋەتتە، چېچىم قۇرغاق دەپ بىر ھەپتىگىچە چاچ يۇيماي يۈرۈشكە بولمايدۇ. ئەگەر چېچىڭىزنىڭ بالدۇر قېرىپ كېتىشىنى خالىمىسڭىز، ھېچ بولمىغاندا ئۈچ كۈندە بىر قېتىم يۇيۇپ تۇرۇڭ.
مۆتىدىل چاچ بارلىق چاچلارنىڭ ئىچىدە، مايلىقمۇ، قۇرغاقمۇ بولمىغان چاچ ئەڭ ياخشى. چۈنكى يۇقىرىقى مەسىلىلەر ئۈستىدە باش قاتۇرۇش ھاجەتسىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى