قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سانجى شەھىرىدە تۇنجى يېزا كوللېكتىپ پاي ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلدى

2018-07-19 18:47:26     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، سانجى شەھىرىنىڭ جۇڭسەن يولى كوچا باشقارمىسى شياۋچۈزى 1- كەنتىدە «كوللېكتىپ پاي ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى» ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى. بۇ سانجى شەھىرى بويىچە تۇنجى قۇرۇلغان «يېزا كوللېكتىپ پاي ئىقتىسادى ھەمكارلىق كوپىراتىپى» ھېساپلىنىدۇ.
2016- يىلى 4- ئايدا، جۇڭسەن يولى كوچا باشقارمىسى شياۋچۈزى 1- كەنتى ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نوقتىدا سىناق قىلىش كەنتى قىلىنىپ، يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈش، مۈلۈكنى ئېنىقلاش، نوپۇسنى تەكشۈرۈش، ئەزالارنى بېكىتىش، پاي ھوقۇقىنى تەسىس قىلىش ۋە تەقسىم قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەردە نۇقتىلىق ئىزدىنىشكە باشلىغان ئىدى.
شياۋچۈزى 1- كەنتى كەنت كوللېكتىپ مەبلىغىنى ئېنىقلاپ ھېسابلاش ۋە كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىدىكى 407  ئەزانىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش ئاساسىدا، تىجارەت خاراكتىرلىك مۈلۈكنى 407 پاي قىلىپ كىشى بېشىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى ئېنىق بولماسلىق، يېزا كوللېكتىپ كىرىمىنى تەقسىملەش قىيىن بولۇشتەك مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، يېزا كوللېكتىپىنىڭ «مۈلۈك» نى «پاي ھوقۇقى» غا، «كەنت ئەزالىرى» نى «پايچىك» لارغا ئايلاندۇردى.
 سانجى شەھىرى جۇڭسەن يولى كوچا باشقارمىسىدىكى باشقا 11 كەنتىمۇ بۈگۈنكى كۈندە شياۋچۈزى 1- كەنتىنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئۆرنەك قىلىپ، كاپتال تىجارىتى، پايچىكلار ھەمكارلىقى، خەتەرنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش، مەنپەئەتتىن تەك بەھرىمان بولۇشتەك ئىسلاھات پىكر يولى بويىچە، يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، كوللېكتىپ ئىقتىسادىنى تىرىشىپ زورايتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دېھقانلارنىڭ مال- مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، يەنە دېھقانلارنىڭ بەخت تويغۇسى ۋە ئېرىشىش تويغۇسىنى كۈچەيتتى. 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى