قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قۇمۇل شەھىرى «ساياھەت بىلەن قاتناش»، «ساياھەت بىلەن يېزا» قاتارلىقلار ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ئەندىزە ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، رايون خاراكتېرلىك ساياھەتچىلىكنىڭ يېڭى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى

2018-07-23 11:58:52     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، قۇمۇل شەھىرى «ساياھەت بىلەن قاتناش»، «ساياھەت بىلەن يېزا» قاتارلىقلار ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن بىر قاتار يۇغۇرۇلما تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ئېشىش نۇقتىسى ياراتتى.
«تيەنجىن- خوتەن» ناملىق شىنجاڭغا ساياھەت ئارقىلىق ياردەم بېرىش مەخسۇس پويىزى مۇشۇ ئاينىڭ 19- كۈنى قۇمۇل شەھىرىگە يېتىپ كەلدى، تيەنجىندىن كەلگەن 500 تىن ئارتۇق ساياھەتچى قۇمۇل مۇزېيى، قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسى ۋە 12 مۇقامغا ۋارىسلىق قىلىش مەركىزى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، قۇمۇلنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت، ئۆرپ- ئادەتلىرىدىن قانغۇچە ھوزۇرلاندى. ساياھەتچى ۋۇ شيۇيىڭ مۇنداق دېدى: قۇمۇلنىڭ تائاملىرى ياخشى بولۇپلا قالماي، ساياھەت نوقتىللىرىمۇ بەك كۆپكەن. مەن ناھايىتى خۇشال بولدۇم. مەن تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ قۇمۇلغا كېلىپ ساياھەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.      
ھازىرغىچە، قۇمۇل شەھىرى شىنجاڭغا ساياھەت ئارقىلىق ياردەم بېرىش مەخسۇس پويىزىدىن 22 نى، ساياھەتچىدىن 13 مىڭ ئادەم قېتىمنى كۈتۈۋالدى. بۇنىڭ بىلەن قۇمۇلنىڭ ساياھەتچىلىكى جانلىنىپلا قالماي، بەلكى يېزا ئىقتىسادىمۇ جانلاندى. قۇمۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىنىڭ شەھەر ئىچى يېزا ئالتۇن كەنتىنىڭ ئۆزگىچە مىللىي پۇراققا تولغان ئۆرپ- ئادىتى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. ئالتۇن كەنتى ئولتۇراقلىشىشقا باپ كېلىش تەلىپى بويىچە بەرپا قىلىنغان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى تۈپتىن ئۆزگەردى. ئالتۇن كەنتىدە تۇرۇشلۇق كەنت ئاھالىسى ھىمىت مەمەت كوچا بويىدىكى بىر چالغۇ دۇكىنىدا خېرىدارلارغا ئۆزى ياسىغان دۇتارنى كۆرسەتمەكتە ئىدى. ھىمىت مەمەت كونا كوچىنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا ئۆيىنى دۇكان قىلىپ، ئۆز ھۈنىرىگە تايىىنىپ شۇ جاينىڭ ساياھەتچىلىكىدىن پايدىلىنىپ، تۇرمۇشىنى ياخشىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئالتۇن كەنتىدىكى كونا كوچىنى ئۆزگەرتكىلى بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ كوچىدا ئولتۇرۇشلۇق دېھقانلار، شەخسەن مېنىڭ تۇرمۇشۇم تېخىمۇ ياخشىلاندى. مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال.  
تىجارەتچى ئابابەكرى قاھارنىڭ ياققان ھەر خىل نانلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بەزى كىشىلەر ئاچچىق يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا، مەن نانلىرىمنى ساياھەتچىلەرنىڭ تەلىپى بويىچە ياقىمەن. ساياھەتچىلەرمۇ مەن ياققان نانلارنى يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ.  
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، قۇمۇل شەھىرى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 2 مىليون 726 مىڭ 700 ئادەم قېتىمغا يىتىپ، بۇلتۇرقىدىن %20.22 ئېشىپ، ساياھەتچىلىك كىرىمى 841 مىليون يۈەنگە يەتتى. قۇمۇل شەھىرى يەنە «ساياھەت بىلەن شەخسىي زاكاز» ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىل ئارقىلىق ساياھەت نۇقتىلىرىنى شەھەر، يېزىلاردىن ئاستا- ئاستا ئادەمسىز چۆل- جەزىرىلەرگىچە كېڭەيتتى. قۇمۇل «لېداۋ» ساياھەت مەدەنىيەت ئېكسپېدىتسىيە شىركىتى ئاساسلىقى ئىچكىرىدىكى ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك ساياھەتچىلەرنى شەخسىي زاكاز مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. شىركەتنىڭ مەسئۇلى جاڭ شۆلى مۇنداق دېدى: بىز ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ساياھەت لىنىيەسى لايىھەلەپ، ئۇلارنى ھەتتا كەسپىي فوتوگرافلار مەخسۇس مۇساپىلىك سۈرەتكە تارتىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدۇق. بۇ ساياھەتچىلەر قايتقاندىن كېيىن ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە قۇمۇل ساياھەتچىلىكى ۋە شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تونۇشتۇردى. بىزمۇ بۇنىڭدىن نۇرغۇن نەپكە ئېرىشتۇق.

 تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى