قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تولى ناھىيەسى مول مەزمونلۇق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، چارۋىچىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى

2018-07-30 20:52:16     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، چۆچەك تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ تولى ناھىيە كۇب يېزا دۇلاتى كەنتىگە چۈشكەن «ئەل راينى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى شازخۇ يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانىدا «مەدەنىيەت ئېيى» پائالىيىتىنى باشلاپ، چارۋىچىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، ئۇلارنى مول راسلانغان «مەدەنىيەت زىياپىتى» دىن بەھرىلەندۈرۈپ، چارۋىچىلارنىڭ ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىغا مۇيەسسەر بولدى.
خىزمەت ئەترىتى «مەدەنىيەت ئېيى» پائالىيىتىنىڭ مۇۋاپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالايىتەن تولى ناھىيەلىك مەدەنىيەت- رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ كەسپىي ئارتىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ناخشا- ئۇسسۇل، ئىتوت، ئاقىنلار ئېيتىشىشى قاتارلىق سەرخىل نومۇرلارنى تەييارلىدى.
70 ياشتىن ئاشقان چارۋىچى توكىن مۇنداق دېدى: سەنئەت نومۇرلىرى بەك قالتىس بوپتۇ، نۇرغۇن ئارتىسلارنى پەقەت تولى ناھىيەلىك تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ سەھنىسىدىلا كۆرەلەيتۇق، مانا ئەمدى ئۇلارنىڭ ناخشا ئاۋازى ۋە ئۇسسۇل ئويناشلىرىنى نەق مەيداندا كۆرۈپ ئولتۇرۇپتىمىز، مەن خۇددى ئۆزۈمنى 20 ياش ياشىرىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم. ھەقىقەتەنمۇ قالتىس بولدى.
مۇنەۋۋەر مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى دېھقانلارنى ئەنئەنىۋى چېلىشىش، ئوغلاق تارتىشىش، قىز قوغلاش ۋە ئارقان تارتىشىشتەك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا ئىلھاملاندۇردى، چارۋىچىلار ئاكتىپلىق بىلەن تىزىمغا ئالدۇرۇپ قاتنىشىپ، مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇردى.
چېلىشىش مۇسابىقىسىدا ئۇدا 3 قېتىم يەڭگەن ماھىر، ياش چىمپىيون ئۆركەش مۇنداق دېدى: چېلىشىش ئارقىلىق تەن ساپاسىنى كۈچەيتىپ، ئىشەنچنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا بۇ يەنە قازاق مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنىڭ نامايەندىسى. مەن بىر قازاق ياش بولۇش سۈپتۈم بىلەن ئەجدادلىرىمنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىگە ئۆزۈكسىز ۋارىسلىق قىلىمەن، بۇ بىزدەك ياشلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيتىمىز.
دۇلاتى كەنتى-- ھەقىقىي كۆچمەن چارۋىچىلار كەنتى، بۇ يەردىكىلەرنىڭ قىشلاقتا تۇرۇش ۋاقتى 9 ئايغا يېتىدۇ، يازدا شازخۇ يايلىقىدىكى چارۋىچىلىق مەيدانىغا يايلاق كۆچۈپ تۇرۇش ۋاقتى ئاران 3 ئاي. قىش پەسلىدە يىغىلغان قېلىن قار قاتناش قۇلايسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،يەنە كېلىپ چارۋىچىلار تارقاق ئولتۇراقلاشقاچقا، ئاممىۋىيلاشقان مەنىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش بىر قەدەر قىيىنغا توختايدۇ.
چۆچەك تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ دۇلاتى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئۈچ ئەل خىزمەت ئەترىتى» نىڭ باشلىقى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1- شۇجىسى ئەنۋەر مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتىمىز چارۋىچىلارنىڭ يازلىق يايلاققا كۆچكەنلىكىدەك پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، چارۋىچىلارنىڭ مەدەنىي تۇرمۇشىنى بېيىتىدىغان موشۇنداق بىر پائالىيەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى جانلاندۇردۇق. ساغلام، مول مەناغا تولغان بۇ بىر مەيدان پائالىيەت ئارقىلىق، ئۇلاردا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، مىللىي ئىشەنچ ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇردۇق.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى