قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خۇشاللىقنى نەدىن تاپىمىز

2018-07-31 11:30:23     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1. خۇشاللىقنى ئالدى بىلەن ئۆز ئەتراپىمىزدىن ئىزدىشىمىز كېرەك. بىز پەقەت كۆرۈش، بايقاش، سېزىش، ھېس قىلىشقا، ھەقىقىي خوشاللىقنىڭ قىممىتىنى تونۇشقا ماھىر بولساقلا، ئاندىن چىن مەنىدىكى خۇشاللىققا ئېرىشەلەيمىز.
2. گۈزەللىككە تويۇنغان تەبىئەت، مۇھەببەتكە تويۇنغان مېھىرلىك دۇنيامۇ بىزگە يەنە چەكسىز خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ.
3. بىز بىرگە ياشاۋاتقان، بىرگە ئۆتۈۋاتقان، بىرگە ئىشلەۋاتقان دوستلار، يۇرتداشلار، سەپداشلار، خىزمەتداشلار، كەسىپداشلار، ساۋاقداشلارمۇ بىزنىڭ خوشاللىق مەنبەيىمىز، بىزگە ئىلھام، مەدەت بەرگۈچىلەردۇر.
4. قىلىۋاتقان ئىش ئەمگىكىمىز بىزنىڭ ماددىي تۇرمۇشىمىزنىڭ كاپالىتى، شۇنداقلا يەنە مەنىۋى تۇرمۇشىمىزنىڭ كاپالىتى، ھەم خۇشاللىقىمىزنىڭ ئاساسى. جەمئىيەتتە ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ كەسپىدىن خۇشاللىق تاپالايدۇ.
5. ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ھۈجەيرىسى. ھاياتىمىزنىڭ كۆپ قىسمى ئائىلىدە ئۆتىدۇ. شۇڭا بىز خۇشاللىقنى ئائىلىدىن تېپىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىر ئائىلە ئەزاسى گۈزەل بولغان ئائىلە ئەخلاقىغا رېئايە قىلىشى، ھەممەيلەن بىر- بىرىنى ھۆرمەت قىلىشى، بىر- بىرىگە مېھرىبان بولۇشى، بارلىق ئائىلە ئەزالىرىدا ئائىلىنى سۆيۈش، ئائىلىنى گۈللەندۈرۈش، ئىناق ئائىلە قۇرۇش روھى بولۇشى كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى