قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن سەھرا ئارامگاھلىرى تېخىمۇ گۈزەللەشمەكتە

2018-07-31 22:03:08     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

سەھرا ئارامگاھلىرى تىلغا ئېلىنسا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا دەرھال: «دېھقان قورۇسىدا بىر نەچچە ئېغىز ئۆي، بىر پارچە كۆكتاتلىق، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ دانلاپ يۈرگەن بىر توپ توخۇ» بار كۆرۈنۈش كېلىدۇ. توغرا دەسلىۋىدە سەھرا ئارامگاھلىرى مانا موشۇنداق ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ساياھەتچىلەردە تېخىمۇ ياخشى بولغان ساياھەت، ئىستىراھەت تويغۇسى پەيدا قىلىش ئۈچۈن، سانجى شەھىرىدىكى سەھرا ئارامگاھلىرى بەس- بەستە تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرمەكتە.
سانجى شەھىرى داشىچۈ بازىرىنىڭ شىمالىدىكى «خۇاشىڭ ئېكولوگىيە ساياھەتچىلىكى مەنزىرە رايونى» ئۆزىنىڭ مول ئورمان بايلىقىنى ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرغان بولۇپ، پۈتكۈل مەنزىرە رايون بۆك- باراقسان يېشىللىققا تويونغان ۋە ئېتىز- ئېرىق، تاغ- دالىلاردىن كېلىدىغان ئىللىق سەھرا ھىدىغا چۆمگەنىدى.
سۈنئىي كۆل ساھىلىدىكى ياپ- يېشىل ئورمان، ياشىرىپ تۇرغان كۆكاتلار ئۈستىگە سېلىنغان كىچىك ياغاچ ئۆيلەر، كىشىلەرگە خۇددى چۆچەكلەر دۇنياسىغا كېلىپ قالغاندەكلا تۇيغۇ بېرەتتى. يەنىمۇ ئىچكىرلەپ ماڭغۇدەك بولسىڭىز، سەھرا ئۇسلۇبىدا سېلىنغان كۆك رەڭلىك سىرىلانغان، ياغاچتىن سېلىنغان داچىنىڭ جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسىز. ئانچە يىراق بولمىغان جايدا، بىر نەچچە يۈك قاچىلايدىغان كونتىيوتىردىن قۇراشتۇرۇلغان كونتىيوتىر مېھمانخانا بولۇپ، بۇ مېھمانخانىلاردىن قويۇق زامانىۋى سەنئەت ئۇسلۇبى چىقىپ تۇراتتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى