قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھېكمەت ئۈنچىلىرى

2018-08-02 10:55:44     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىشلەپ ئۆزلەشتۈرۈلمىگەن يەردە ئوت- چۆپلەردىن باشقا ھېچنىمە ئۈنمىگەنگە ئوخشاش، ھېچبىر ئىش قىلمايدىغان ھورۇن كىشىلەر ئۆزلىرى ئۈچۈنمۇ، خەلق ئۈچۈنمۇ مەنپەئەت يەتكۈزمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھورۇن، بىكار تەلەپ بولماي، غەيرەتلىك ۋە ئىشەنچىلىك بولۇڭ.
تىرىشچانلىقىڭىز ۋە ئىش-ئەمەلىيتىڭىز ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇڭ؛ ھېچ نەرسىسى يوق كىشى كەمبەغەل ئەمەس، ھۈنىرى، ئىنتىلىشى، تىرىشچانلىقى يوق كىشىلەر كەمبەغەلدۇر. غەيرەتلىك تىرىشچان كىشىگە دوستلار ھەر دائىم ياردەم بېرىدۇ.
باشقىلارغا ياخشى ئىشلارنى سۆزلەڭ، ناچار ئىشلارنى يۇشۇرۇڭ. ئادەملەر بىلەن شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭكى، ئۇلار ھاياتلىقىڭىزدا سىزنى ھۆرمەتلىسۇن، ۋاپات بولغاندىن كىيىن سىزنى ئەسلەپ تۇرسۇن؛
ناھايىتى زۆزۈر بولۇپ قالغان چاغدىلا باشقىلاردىن ياردەم سوراشقا بولىدۇ، ئادەتتىكى چاغلاردا باشقىلارغا يۈك بولۇپ قېلىش يارىماس قىلىقتۇر. شۇڭا باشقىلارغا ئۆز ئېغىرلىقىڭىزنى سالماڭ، ئۇلارنىڭ مال- بايلىقىغا تەمە كۆزىڭىز بىلەن باقماڭ. ئۆز كۈچىڭىزگە تاينىڭ.
بىرەر ئىشنى قىلىشقا سۆز بەرگەن بولسىڭىز، سۆزىڭىزنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىڭ، ۋەدىڭىزگە ۋاپا قىلىڭ. كىم بىلەن دوست بولغان بولسىڭىز، دوستلۇققا سادىق بولۇڭ. كىشىلەرنىڭ شادلىقىغا شادلىنىپ، قايغۇسىغا قايغۇرۇڭ. ئۆزىڭىز سۆيمىگەن نەرسىنى باشقىلارغا راۋا كۆرمەڭ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى