قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

گۇيجۇنىڭ چۈچمەل تائاملىرى

2018-08-02 18:56:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

چۈچۈمەل تەم نىمە دەپ گۇيجۇدا شۇنچە ئالقىشلىنىدۇ؟ ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، مىياۋزۇلار كىچىكىدىن چۈچۈك يىمەكلىكلەرنى يەپ ئادەتلەنگەنىكەن. گەرچە دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمى تۇز ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولسىمۇ، لېكىن ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى گۇيجۇ تۇزنى بىر چەتكە قايرىپ قويغان. گۇيجۇنىڭ يېرى، بولۇپمۇ گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ شەرقى جەنۇبىدا تۇز ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل. شۇڭا، تائاملىرىنى ئاچچىق چۈچۈك ئېتىش ئارقىلىق تۇز يوق بولۇشتەك كەمتۈكلىكىنى تولۇقلىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە گۇيجۇنىڭ ھاۋاسى سوغۇق نەم بولغاچقا ئاچچىق- چۈچۈك يىمەكلىكلەر ئىشتىھانى ئىچىپ، تولغاق بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، گۇيجۇدىكى بۇنداق نەم مۇھىتتا، ئاچچىق- چۈچۈك يىمەكلىكلەر ئۆزگىچە مىكرو ئورگانىزىملار توپىنى ھاسىل قىلىدۇ. شۇڭا، گۇيجۇنىڭ ھەممە يېرىنى ئاچچىق- چۈچۈك يىمەكلىكلەر قاپلىغان، گۇيجۇدىكى ئەڭ داڭلىق ئۇششاق يىمەكلىك چۈچۈمەل شورپا، ئەڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يەل قازان شورپىسى چىلىغان سەي يەلقازان شورپىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جەنۇبى گۇيجۇدا «دۇشەندىكى ئۈچ ئاچچىق چۈچۈك» بولۇپ، ئۇلار تۇزلۇق ئاچچىق، ئاچچىق چۈچۈك راك، سېسىق ئاچچىق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. گۇيجۇنىڭ شەرقى جەنۇبىدا چۈچۈمەل بېلىق شورپىسى، چۈچۈمەل پىنتوزا شورپىسى، چۈچۈمەل دۇفۇ شورپىسى، يەنە تۇزلانغان بېلىق، سۈرگۆش، تۇزلۇق شورپا قاتارلىق ھەددى ھېسابسىز تۈرلىرى بار.
گۇيجۇدىكى چۈچۈمەل يىمەكلىكلەر ئىچىدە كەيلىدىكى چۈچۈمەل بېلىق شورپىسى ئەڭ داڭلىق. چۈچۈمەل شورپا شۇ يەرلىكلەرنىڭ يىمەك ئىچمەكلىرى ئىچىدە ئەڭ ئومۇملاشقان. گۇيجۇ تىلغا ئېلىنسا، خۇددى لىموندەك چۈچۈمەل تەم خىيالىمغا كېلىدۇ، ئەمەلىيەتتە گۈيجۇ ئۆلكىسىدە چۈچۈمەل بېلىق شورپىسى پەقەت چۈچۈمەل شورپىنىڭ بىر خىل تۈرى. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، چۈچۈمەل شورپا دەل يەل قازان شورپىسى بولۇپ، شورپا ۋە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ماتىرياللار بىرلەشتۈرۈلۈپ تەييارلىنىدۇ. يەلقازان شورپىسىغا سالىدىغان يىمەكلىكلەرنى چۈچۈمەل شورپىغا سالسىمۇ بولىدۇ. جاۋ جاۋ بېلىقى قىزىل شورپىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئۆلچەملىك ماتىريالى. چىڭشۈيجياڭ دەرياسىنىڭ بېلىقى كۆپ بولۇپ، بېلىق گۆشى مىزىلىك، چۈچۈمەل شورپا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ يىسە تولىمۇ مەززىلىك بولىدۇ. كېيىن كىشىلەر بېلىق سۈپىتىنىڭ بىر خىل ئەمەسلىكىنى بايقىدى، بۇنىڭ بىلەن چىڭشۈيجياڭ دەرياسىنىڭ نۇرغۇن بېلىقىنىڭ ئورنىنى دۇڭتىڭخۇ كۆلىنىڭ بېلىقى ئالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بېلىقنىڭ باھاسى ئومۇميۈزلۈك ئۆرلەپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن چۈچۈمەل كالا گۆشى شورپىسى بارلىققا كەلدى، كالا گۆشىنىڭ باھاسى مۇۋاپىق بولۇپ، چۈچۈمەل شورپا بىلەن بىرىكسە تېخىمۇ قالتىس بولىدۇ. بۇ سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن، چۈچۈمەل كالا گۆشى شورپىسى ئەنئەنىۋى ئۆرپ- ئادەت يىمەكلىكى بولمىسىمۇ لېكىن ھازىر ئاللىقاچان شۇ يەرلىك خەلقنىڭ يىمەكلىك قۇرۇلمىسىنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر قىسمىغا ئايلاندى. چۈچۈمەل شورپىنىڭ شورپىسى قىزىل چۈچۈمەل، ئاق چۈچۈمەل، ئاچچىق ئارلاش چۈچۈمەل، چۈچۈمەل بېلىق قىيامى قاتارلىقلارغا ئايرىلىدۇ. ئاق چۈچۈمەل بولسا ئەڭ ئەنئەنىۋى چۈچۈمەل شورپا تەييارلاش ئۇسسۇلى بولۇپ، گۈرۈچ شورپىسىنى ئىدىشقا قۇيۇپ ئېچىتىدۇ. گۈرۈچ سۈيى، گۈرۈچ، نومى گۈرۈچى يەنە بەش خىل ئاشلىقنى ئارلاشتۇرۇپ قايتا-قايتا قاينىتىپ پۇشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئامال بار گۈرۈچ بىلەن دانلىق زىرائەتنى سۈزۈۋېتىپ قالغان شورپىسىنى ئېچىتىدۇ. قىزىل چۈچۈمەل شورپىمۇ ئۆزگىچە تەمگە ئىگە، گۇيجۇنىڭ يەرلىك پەمىدۇرى بار بولۇپ، شەكلى يۇمىلاق، تەخمىنەن چوڭلارنىڭ باش مالتىقىچىلىك كىلىدۇ. بۇ خىل پەمىدۇرنى قاينىتىپ پۇشۇرغاندىن كېيىن ئىدىش ياكى پوتۇلكىغا قۇيۇپ ئېچىتىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاچچىق چۈچۈكىنى تەييارلاشتا گۇيجۇنىڭ جەنۇبىدىكى مۇچنى تاللايدىغان بولۇپ، يېڭى مۇچنى پاكىز يۇيۇپ سوقۇپ مۇچ قىيامى قىلىنىدۇ، ئاندىن ئازراق تۇز، زەنجىۋىل، تاتلىق ھاراق ئارلاشتۇرۇپ ئىدىشتا ئېچىتىدۇ. چۈچۈمەل بېلىق قىيامى بولسا لېيشەن ناھىيىسىدىكى ئۆزگىچە تەم تەڭشىگۈچ. بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ماتىريالى بېلىق، بۇنىڭغا دەريا بويىدا تاشقا يامىشىدىغان بېلىقنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، ئاق پالاكىيۇم بېلىق دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ بېلىقنى پاكىز يۇيۇپ، قۇرۇق مۇچ بىلەن ئارلاشتۇرۇپ ئۇششاق توغراپ، ئۇنىڭغا تۇز، زەنجىۋىل تالقىنى، تاتلىق ھاراقنى ئارلاشتۇرۇپ ئىدىشتا ئېچىتىدۇ. ئاق چۈچۈمەل شورپىنىڭ  سۇيۇق ماتىريالىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى قىيام تۈرىدىكىلەر بولۇپ بۇلاردا شورپا تەييارلىسا، قورۇما قورۇسا بولىدۇ. گۇيجۇنىڭ ئەڭ داڭلىق چۈچۈمەل شورپىسى كەيلىدا، كەيلى بولسا گۈيجۇنىڭ شەرقى شىمالىدىكى مياۋزۇ، دۇڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەركىزى بولۇپ، مياۋزۇ، دۇڭزۇ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى مۇجەسسەملەمگەن، چۈچۈمەل بېلىق شورپىسى مۇشۇ يەردە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، بىر چىنە ھەقىقىي چۈچۈمەل شورپا ئىچكۈڭىز كەلسە كەيلى سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ. چۈچۈمەل شورپا شۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ۋە سۇ سۈپىتىگە باغلىق، گۇيجۇ ئۆلكىسى خام ئەشيا، يىمەكلىك ياساش ئۇسۇلى، مۇھىت قاتارلىق ئۆزىدە بار بولغان ئەۋزەللىكلەرگە تايىنىپ ھەقىقىي چۈچۈمەل شورپىنى سىرتقا يۈزلەندۈردى لىكىن ئاسانغا توختىمىدى. بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا بىز كۆپچىلىككە بازىرى ئىتتىك بولغان بىر نەچچە دۇكاننى تەۋسىيە قىلىمىز.
«مىياۋ ئاكا» دۇكىنى:
«مىياۋ ئاكا» دۇكىنىدىكى ئاق چۈچۈمەل شورپا گۈرۈچنى قايناتقاندىن كېيىن ئېچىتىپ ياسىلىدۇ، قىزىل چۈچۈمەل شورپا ئاق چۈچۈمەل شورپا ئاساسىدا پەمىدۇر قوشۇلىدۇ. چۈچۈمەل شورپا بىۋاستە ئىككى چوڭ ئىدىشتا تەييارلىندىغان بولۇپ، بۇيرۇتقاندىن كېيىن ئىسسىق يېڭى چۈچۈمەل شورپىنى كىچىك قازاندا ئىستىمال قىلسا بولىدۇ. موزاينىڭ گۆشىنى ياخشى تاللاپ، گۆشنى نەق ۋاقتىدا توغراش كېرەك، بۇنداق بولغاندا گۆشنىڭ رەڭگى ئوچۇق بولىدۇ، چوڭ كىچىكلىكى تەكشى، گۆشمۇ يۇمشاق بولغاچقا، بەك ئۇزۇن قايناتمىسىمۇ بولىدۇ.
  ئادرېسى: كەيلى شەھىرى يۇڭلې يولى 26- نومۇر خەلقئارا سودا بىناسىنىڭ 5- قەۋىتىدە.
«لياڭخۇەن» راۋىقى:
بۇ يەر ھەممىگە داڭلىق بولۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولۇپ باھالانغان. بۇ گۇيجۇلۇقلارنىڭ سىرتتىن كەلگەن مىھمانلارنى كۈتۈۋالغاندا ئاپىرىدىغان مۇھىم جايى. بۇ يەر چۈچۈمەل بېلىق شورپىسى بىلەن ھەممە يەرگە تونۇلغان، شورپىغا مۈگگۈزلۈك بېلىق ئىشلىتىدۇ. مۈگگۈزلۈك بېلىقنىڭ ئىلمىي ئاتىلىشى خۇاڭ لادىڭ بولۇپ، گۆشى يۇمران، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە ھەقىقىي چىڭشۇيجياڭ بېلىقى ناھايىتى ئازلا قالدى. خۇاڭ لادىڭدىن باشقا، يەنە جياڭ تۇەن بىلەن ئاق ئامۇر بېلىقىنى تاللاشقىمۇ بولىدۇ. ھازىرقى «لياڭخۇەن» راۋىقى پەقەت بىر ئاشخانا بولۇپلا قالماي، دەريا ئېغىزى ھارىقى، رەڭلىك كۆۋرۈك ئۇسسۇلى، ئېگىز تاغدىكى مۇڭلۇق كۈي، مياۋلىڭ ئۇچار ناخشىسى قاتارلىق گۇيجۇنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى ئالاھىدىلىكلەر مۇجەسسەملەنگەن، گۈرۈچ پۇرچاق ئۇيۇتمىسى، نومى گۈرۈچى تامىقى، تېرىق داشقىلى قاتارلىقلار بولغان شەھەرنىڭ بىر كىچىك كەنتىگە ئايلاندى.
  ئادرېسى: كەيلى شەھىرى غەربىي ئايلانما يولى 98- نومۇر.
گۇيجۇدا «ئۈچ كۈن چۈچۈمەل يىمەكلىك يىمىسە، يول ماڭغاندا پۇت- قولى تىترەيدۇ» دەيدىغان سۆز بار، كىشىلەر بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندا چوقۇم ئۆزى ياخشى كۆرگەن يىمەكلىكنى يىيەلمەي قالغان ۋاقىتتا، پۇت- قولى ماغدۇرسىزلىنىپ، پۈتۈن بەدىنى بوشىشىپ تىترەپ كەتكەن ھالەتنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرسە بولىدۇ. ئاڭلىغۇچىلار بۈگۈنكى پىروگراممىمىزدا چۈچۈمەل تائاملارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بەلكىم دەرھاللا گۇيجۇغا بارغۇسى كېلىپ تاقىتى- تاق بولۇپ كەتتىغۇ دەيمەن. ئۇنداقتا مۇشۇ يازلىق تەتىللىك ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ماڭىمىز دەپلا مېڭىپ كېتىدىغان گۇيجۇ سەپىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇڭ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى