قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى 28 كەنت- بازار بانكىسىنىڭ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 35 مىليارد 108 مىليون يۈەنگە يەتتى

2018-08-03 20:20:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

6- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭدىكى 28 كەنت- بازار بانكىسىنىڭ مۈلۈك ئومومىي سوممىسى 35 مىليارد 108 مىليون يۈەنگە يېتىپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى مۇقىم كېڭەيتىش ۋە يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش بويىچە ئاز سوممىلىق قەرز پۇل تارقىتىش مىقدارىنى سىجىل ئاشۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
ئىگىلىنىشىچە، 2008- يىلى شىنجاڭدىكى تۇنجى كەنت- بازار بانكىسى ــــ ۋۇجياچۈ مىللىي يېزا- بازار بانكىسى قۇرۇلغاندىن ھازىرغىچە، شىنجاڭدىكى 28 كەنت- بازار بانكىسىنىڭ تىجارەت تور- نۇقتىلىرى 160گە يېتىپ، 11 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، 26 ناھىيە، شەھەر، رايون، بىڭتۈەننىڭ 12 شىسىغا تارقالغان.
ئاپتونوم رايونلۇق بانكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 6- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەنت- بازار بانكىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق قەرز قالدۇق سوممىسى جەمىي 17 مىليارت 905 مىليون يۈەنگە يەتكەن. كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل قالدۇقى 8 مىليارد 534 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.83 ۋە %22.63 ئېشىپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان قەرز ئومۇمىي مىقدارىنى سىجىل ئاشۇرۇش ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا قەرز بېرىشنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت «ئىككىنى ئاشۇرۇش» نىشانى ئەمەلگە ئاشقان.
شىنجاڭ كەنت- بازار بانكىلىرى تەرەققىيات- ھەمكارلىق ئىتتىپاقىنىڭ كېڭەش باشلىقى، شىخەنزە مىللىي كەنت- بازار بانكىسىنىڭ باش لىدىرى لۇ گۇاڭيۈن مۇنداق دېدى: 2016- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ كەنت- بازار بانكىلىرى تەرەققىيات- ھەمكارلىق ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ كەنت- بازار بانكىلىرى ئۆمەك بولۇپ تەرەققىي قىلىدىغان، كەلگۈسى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىدىغان يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىش ۋە يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش قەرز پۇلى تارقىتىش مىقدارىنى سىجىل ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.
ئاپتونوم رايونلۇق بانكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ۋاڭ جۈنشيۇ مۇنداق دېدى: كەنت- بازار بانكىلىرى ئېلىمىزنىڭ كۆپ قاتلاملىق يېزا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىدىكى مۇھىم يېڭىلىق، 11 يىللىق تەرەققىيات ئەمەلىيىتى ئارقىلىق، كەنت- بازار بانكىلىرى يېزا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ جەڭگىۋار قوشۇنىغا ئايلىنىپ، يېزا پۇل مۇئامىلە بوشلۇقىنى ئۈنۈملۈك تولدۇردى. يېزىلارنى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئاشۇرۇلۇپ، پۇل مۇئامىلە بايلىقىنى تەقسىملەش ئۈنۈمى ياخشىلاندى. شىنجاڭدىكى كەنت- بازار بانكىلىرى خاتىرجەم شارائىتتا خەۋپ- خەتەرنى ئويلاش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، شىركەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى؛ ئوربىتىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە باش نىشانغا مەركەزلىشىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، نىشاننى توغرا تېپىپ، چوڭ ئىش قىلمىسىمۇ، تىرىشىپ «كىچىك، گۈزەل» كەنت- بازار بانكىسى قۇرۇشى لازىم. پەرقلىق تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپلا قالماي، ئۆمەك بولۇپ زورىيىپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئۆزئارا تولۇقلاپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ماس تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى