قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھېكمەتلىك ئۈنچىلىرى

2018-08-06 17:50:15     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك، ۋاز كېچىش ئۈچۈن چىداش كېرەك. ئەمەلىيەتتە بىز ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بولغان نەرسىلەر قانداقتۇر پۇل ياكى ماددى بايلىق ئەمەس. بەلكى ئۆز يېنىمىزدىكى بىزنى قەدىرلەيدىغان كىشىلەر ۋە ياكى بىز قەدىرلەشكە تېگىشلىك كىشىلەر.
ھايات ھەرقانداق نەرسىگە تېگۈشكۈسىز، ھەركىمگە پەقەت بىرلا قېتىم نېسىپ بولىدىغان ئەڭ قىممەتلىك سوۋغا. ھاياتنىڭ ئۆزى بىر سوئال بەلگىسى، ئۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان سىر- ھېكمەتلەر يوشۇرۇنغان. بىزنىڭ ياشاش جەريانىمىز شۇ سوئاللارغا توختىماي جاۋاب ئىزدەش ۋە ئۇنىڭدىكى ھېكمەتلەرگە تەبىر بېرىش جەريانىدۇر.
خۇشاللىق- خۇشاللىق ئىزدەيدىغان كىشىلەرگە مەنسۇپ. چۈنكى گۈزەللىك خۇشاللىقتا ئىپادىلىنىدۇ. خۇشاللىق ئۆز ئۆزىنى ئېتراپ قىلىش، تۇرمۇشنىڭ سۆيۈملۈك تەرەپلىرىنى بايقاشتۇر. خۇشال كىشىنىڭ ھەر بىر سەھىرىدە شەبنەم تامچىسى يالتىرايدۇ، ھەر بىر كۈنىدە خۇشپۇراق گۈللەر ئېچىلىپ تۇرىدۇ. خۇشاللىق ئەمەلىيەتتە ئاددىي- ساددا تۇرمۇشتا مەۋجۇت. ئۇ ئائىلىڭىزگە شۇنداقلا كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈلكە- چاقچاقلارغا يۇشۇرۇنغان بولىدۇ. خۇشاللىق ھەممىمىزنىڭ ئەتراپىدا، خۇشاللىقنى چىڭ تۇتۇڭ، خۇشاللىقنى قۇچاقلاڭ. 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى