قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ياز پەسىلدىكى ئەڭ ياخشى مېۋە گىلاس

2018-08-07 18:07:29     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

گىلاسنىڭ مېۋە ئېتى تولۇق، تەمى تاتلىق، شىرنىشى كۆپ، ھەر بىر گىلاسنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بار، بەزى سورتلارنىڭ تەمى چۈچۈمەل، بەزىلىرىنىڭ تاتلىق كېلىدۇ. مەيلى سىز گىلاستىن پۆرە، مېۋە تورت، مېۋە قىيامى ياكى سالات ياساڭ ئىنتايىن تەملىك ۋە تاتلىق چىقىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بەزىلەر گىلاسنى ئۆردەك گۆشى، كالا گۆشىگە  قوشۇمچە سەي ئورنىدا ياكى قىيام ماتېرىيالى قىلىپ يەيدۇ. يەنە بەزىلەر گىلاسنى خام سەيدىن تەييارلانغان ياكى كۆكتاتلاردىن تەييارلانغان سالاتلارغا قوشۇپ يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
گىلاسنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C ئىنتايىن مول، ھەر يۈز گىرام گىلاس تەركىبىدىكى ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى 15 مىللىگىرامغا يېتىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت، گىلاس تەركىبىدە كاروتىن ئىنتايىن مول. گىلاس تەركىبىدىكى مول بولغان كالىينىڭ سۈيدۈكنى ھەيدەش رولى بار، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى تالا ئاشقازان ـ ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدىغان پولىفېنولنىڭ ھۈجەيرىلەردە كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.ئەمما، گىلاسنىڭ قەنت تەركىبى يۇقىرى، شۇڭا بەدىنىدىكى قەنت مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى خالىمايدىغانلار يېمىگىنى تۈزۈك. چۈنكى يۈز گىرام گىلاس تەركىبىدە 12.7 گىرام قەنت بار. باشقا قىزىل رەڭلىك مېۋىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ كالورىيەسى تېخىمۇ يۇقىرى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى