قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خېجىڭ ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بايىنخۇر نامراتلارنى يۆلەشنىڭ 1- سېپىدە 20 يىل خىزمەت قىلدى

2018-08-07 12:27:14     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
خېجىڭ ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بايىنخۇر نامراتلارنى يۆلەشنىڭ 1- سېپىدە 20 يىل خىزمەت قىلدى. ئۇ كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پائال چارە ـ تەدبىر قوللىنىپ، نامرات ئاممىغا مەبلەغ ۋە بۇيۇم يەتكۈزۈپ بېرىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ بىلىم ۋە تېخنىكا ئۆگىنىپ، ئۆز ـ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي نامراتلىقتىن قۇتۇلىشىغا زور كۈچ چىقاردى.
ھازىر دەل ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلى. دۆلەت «A5» دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى-- بايىنبۇلاق يايلىقىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ يەردە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپلا قالماي، كىگىز ئۆيلەرگە كىرىپ، نازۇ- نىمەتلەرگە ئېغىز تەگدى. مەنزىرە رايونىدا ئاۋۇل ئارامگاھى ئاچقان سانجارا مۇنداق دېدى: ھازىر، بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى. ئۆيىمىزدىكى ئاتلار ۋە كىگىز ئۆيلەرنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باشقۇرۇشىغا بەردۇق. بۇنىڭدىن يىلدا 50، 60 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىمىز. بىز بايىنخۇرنىڭ قاتراپ يۈرۈپ پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ، بىزگە بۇ تۈرلەرنى ھەل قىلىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز.
بايىنبۇلاق يايلىقى-- مەملىكەت بويىچە 2- چوڭ ئىگىز تاغ چارۋىچىلىق رايونى شۇنداقلا تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى ئەڭ گۈزەل يايلاق. مانا مۇشۇنداق گۈزەل مەنزىرىنى قانداق قىلغاندا بايلىق مەنبەسىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ خېجىڭ ناھىيەسى ئېكولوگىيىنى قوغداش ئاساسىدا ئالاھىدە ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. 2013- يىلى بايىنخۇرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بايىنبۇلاق بازىرىدىكى 17 ئائىلىلىك چارۋىچى «ئاۋۇل ئارامگاھى» ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى. كوپىراتىپ ئەزالىرى كىگىز ئۆي، ئات قاتارلىقلارنى پاي قىلىپ قوشۇپ، يايلاق ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇردى. كوپىراتىپ ھەر يىلى چارۋىچىلارغا پايدا تەقسىم قىلىپ بېرىدىغان بولدى. ئەڭ يۇقىرى بولغاندا يىلدا 300 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پايدا تەقسىم قىلىپ بەردى.
خېجىڭ ناھىيە كېرگۇت يېزىسىنىڭ كېرگۇت كەنتى تىپىك چارۋىچىلىق كەنتى بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى چارۋىچىلىققا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايدۇ. 2013- يىلى ئەتىيازدا، بايىنخۇر نامرات ئاھالە سەيجاۋ ئائىلىسىنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇنى كۆكتات تېرىشقا ئىلھاملاندۇردى. ئارقىدىن ئۇنىڭغا كۆكتات ئۇرۇقلۇقى، سۇلياۋ يوپۇق ئاپىرىپ بېرىپلا قالماي، يەنە تېخنىكا خادىمىنى تەكلىپ قىلىپ، تېخنىكا ئۆگەتتى. كۈزدە، ئۇنىڭ كۆكتاتلارنى سېتىشىغا ياردەملەشتى. بۇ يىل، سەيجاۋ يەنە 20 نەچچە مو يەرگە كۆكتات تېرىپ، چارۋىچىلىقتىن قىلغان كىرىمىنى قوشقاندا، يىلدا 40 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايدىغان بولدى. سەيجاۋ مۇنداق دېدى: قايسى كۆكتاتنى تېرىش، قانداق سېتىپ چىقىرىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە بايىنخۇر مۇدىر ياردەم بەردى. ئۇنىڭ ياردىمىدە، تۇرمۇشىمىزدا زور ئۆزگىرىشلەر بولدى.
ھازىر، كېرگۇت كەنتىدىكى 10 نەچچە ئائىلىلىك چارۋىچى كۆكتات تېرىشقا يۈزلىنىپ، يىلدا 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايدىغان بولدى.
2014- يىلىدىن بۇيان، بايىنخۇر ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ناھىيە بويىچە تارقىتىلغان 3 مىليارد 410 مىليون يۈەندىن كۆپرەك تۈرلۈك ياردەم مەبلىغىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش ئارقىلىق، ساياھەتچىلىك، تېرىقچىلىق، ئۆزگىچە قول ھۈنەرۋەنچىلىك، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش قاتارلىق نۇقتىلار بويىچە، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى يولغا قويدى. 2014- يىلىدىن بۇيان 17 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، خېجىڭ ناھىيەسىدىكى تېخى نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان 169 نامرات ئائىلە، 496 نوپۇس بولۇپ، نامراتلىق نىسبىتى %0.49 كە چۈشتى. بايىنخۇر مۇنداق دېدى: ھازىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھوجۇم قىلىش جېڭى مۇستەھكەملەش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. ھازىرقى خىزمىتىمىزنىڭ مۇھىم نۇقتىسى-- نامراتلارنى يۆلەشتە ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەشتىن ئىبارەت. نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نامراتلارنى يۆلەش كەسپىگە پائال قاتنىشىشقا، ئۆزلىرى قول سېلىپ تىجارەت قىلىشقا، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىمىز. مەن نامراتلارنى يۆلەشنىڭ 1- سېپىدىكى پارتىيەلىك كادىر. مەن نامرات ئاھالىلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى تىرىشىش نىشانىم قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەشكە پۈتۈن كۈچۈمنى سەرپ قىلىمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى