قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تۆۋەندىكى كىشىلەر ئايروپىلانغا ئولتۇرسا بولمايدىكەن

2018-08-08 17:39:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

روھىي كېسەللەر. مەسىلەن: تۇتقاقلىق كېسىلى بارلار ھەم ھەر خىل روھىي كېسەللەر ئايروپىلانغا ئولتۇرسا، ئايروپىلان ئۇچقان چاغدا، ئاسانلا كېسەلنىڭ جىددىي قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
يۈرەك قان تومۇرى ئاغرىقلىرى. ھاۋادا يېنىك دەرىجىدە ئوكسىگېن كەمچىل بولغانلىقتىن، يۈرەك قان تومۇرى ئاغرىقلىرىنىڭ كونا كېسىلى ئاسانلار قوزغىلىپ قالىدىكەن ياكى كېسەل ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كېتىدىكەن.
مېڭە قان تومۇرى ئاغرىقلىرى. مېڭە كەپلەشمىسى، مېڭە قاناش، مېڭە ئۆسمىسى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار ئايروپىلانغا ئولتۇرسا، ئايروپىلان ئۇچقاندا ۋە قونغاندا گۈلدۈرلەش، سىلكىنىش ھەم ئوكسىگېن كەملىك قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، كېسىلى ئېغىرلىشىپ كېتىدىكەن.
نەپەسلىنىش سىستېمىسى ئاغرىقلىرى. مەسىلەن: ئۆپكە يەللىك ئىششىقى، ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلار مۇھىتقا ماسلىشالماسلىق تۈپەيلىدىن، مەيدە ۋە ئۆپكە قاتارلىق ئەزالىرىغا ھاۋا كىرىۋالىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ئۇچۇش سەپىرىدە ھاۋانىڭ كېڭىيىشى تۈپەيلىدىن كېسەل ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كېتىدىكەن.
ئېغىر كەم قانلىق ئاغرىقلىرى ئايروپىلانغا ئولتۇرسا بولمايدىكەن.
قۇلاق، بۇرۇن قاتارلىق ئەزالىرى جىددىي خاراكتېرلىك يەللىكلەنگەن ھەم يېقىنقى مەزگىلدە ئوتتۇرا قۇلاق ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان ئاغرىقلار ئايروپىلانغا ئولتۇرسا بولمايدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى