قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يېڭى كىيىمنىڭ تېرىگە بولغان تەسىرى

2018-08-08 17:40:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئادەتتە كىشىلەر يېڭى كىيىم سېتىۋالغاندا دەرھال كىيىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس.
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، كىيىم - كېچەك خام ماتېرىيال ھالىتىدىن كىيىم ھالىتىدە پۈتۈپ چىققۇچە نۇرغۇن جەرياننى بېسىپ ئۆتىدۇ. كىيىملىك رەختنىڭ پۇختا ھەم كۆركەم بولۇشى ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا كۆپ خىل خىمىيەلىك خۇرۇجلار ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن: كىيىم - كېچەكنىڭ سۇدا كىرىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، رەختكە تەركىبىدە مېتانول بولغان سىمولا ئىشلىتىلىدۇ. رەختنىڭ ئاق ھەم پارقىراقلىقىنى ئاشۇرۈشتا ئاقارتقۇچى خۇرۇج ئىشلىتىلىدۇ. رەختنى ئەۋرىشىم، سىلىق ھەم تەكشى ھالەتكە ئەكىلىش ئۈچۈن ئىيونلۇق سىمولا ئىشلىتىدۇ. توقۇلما رەختلەرنى بوياشتا ئىشلىتىلگەن ئەركىن ئىيونلۇق بوياق قالدۇقلىرى رەختتە قېلىپ قالىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، كىيىمنى ساقلاش جەريانىدا كۈيە يەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن رەختكە ھاشارات يوقىتىش دورىسى، دېزىنفېكسىيەلىگۈچى دورا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل دورىلاردا خىمىيەلىك ماددا بولغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەرنىڭ تېرىسىگە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە غىدىقلاش پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، يېڭى كىيىم سېتىۋالغاندا ياخشىسى كىيىشكە ئالدىرىماي، ئاۋۋال سۈزۈك سۇدا چايقىۋېتىپ، ئاندىن كىيىش كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى