قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كۆڭلىڭىزنىڭ ئازادە، مىجەزىڭىزنىڭ ئوچۇق يورۇق، كۈنلىرىڭىزنىڭ مەنىلىك ئۆتىشى ئۈچۈن

2018-08-08 18:38:36     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئالدىراپ يەكۈن چىقارماڭ: ھەرقانداق ئىشقا دۇچ كەلگەندە يەكۈن چىقىرىشقا ياكى ھەل قىلىشقا ئالدىراپ كەتمەڭ، چۈنكى باشقىلاردا ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۇسۇللىرى بولىشى مۈمكىن؛ بىرەر ئىشقا ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدا تۇرۇپ قارىغاندا، ئوخشاش بولمىغان ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى بولىدۇ، شۇڭا ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش، بولۇپمۇ ئاۋارىچىلىققا دۇچ كەلگەندە چوقۇم سەۋرچان بولۇش، ئەتىراپتىكى ھەر بىر ئۆزگىرىشلەرنى كۈزىتىشكە ماھىر بولۇش كېرەك.
ئىشلارنى ئاددىيلاشتۇرۇڭ: مۇرەككەپ ئىشلارنى ئامال بار ئاددىي ھەل قىلىڭ، ئاددىي ئىشلارنى ھەرگىز مۇرەككەپلەشتۈرمەڭ. ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشنى بىلىشمۇ بىر ئىلىم، رېتىمنى ياخشى كونترول قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.
  پەقەت سىز خەجلىيەلەيدىغان پۇللارلا سىزگە تەۋە بولىدۇ: قولىڭىزدا ھەرقانچە كۆپ بايلىق بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن بەھىرلىنەلمىسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ بايلىق سىزگە تەۋە بولمىغانغا باراۋەر، شۇڭا قورقماي خەجلەڭ، بولمىسا كۆزىڭىز يۇمۇلسا، ئۇلاردىن كىم بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى كىم بىلىدۇ؟
سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەملەرنى چوقۇم ھۆرمەتلەڭ: سىزنى ياخشى كۆرۈشنىڭ سەۋەبى بولىدۇ، سەۋەبىنى سورىماڭ، قوبۇل قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەسسىلەپ قايتۇرۇشقا تىرىشىڭ؛ خەققە قىزىقمىسىڭىزمۇ، خەق خاتا قىلغان تەغدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىنى ئالدىماڭ، چۈنكى بۇ سىز پۇل خەجلەپمۇ سېتىۋالالمايدىغان بايلىق. ئېسىڭىزدە بولسۇن، خەقنىڭ ھېسسىياتىغا سەل قاراش ئۆزىنى كەمسىتكەنگە باراۋەر، ئەرزىمەس ئىشلارغا ۋە پەس ئارزۇ- ھەۋەسلەرگە بېرىلمەڭ.
مۇلايىم بولۇڭ: ناچار كەيپىيات بەزى ئىشلارنىڭ ئىدىيەدىن ئۆتمەسلىكىدىن پەيدا بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە رېئاللىق سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ناچار ئەمەس. ھاياتنىڭ تىك داۋانىمۇ، ئويمان-  جىلغىسىمۇ بولىدۇ، ھەرگىز باشتىن- ئاخىر ئوڭۇشلۇق بولىۋەرمەيدۇ، رېئاللىققا كەڭ قورساقلىق بىلەن يۈزلىنىڭ.
  خىزمەتتىكى ئوڭۇشسىزلىق ئائىلىڭىزگە، ئائىلىدىكى ئوڭۇشسىزلىق خىزمىتىڭىزگە تەسىر قىلمىسۇن: خىزمەتتىكى ئوڭۇشسىزلىقلارنى ئائىلىڭىزگە، ئائىلىڭىزدىكى ئوڭۇشسىزلىقلارنى خىزمىتىڭىزگە تەسىر قىلدۇرماڭ، بولمىسا خىزمەت ۋە ئائىلىنىڭ ھەممىسى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ھەتتا زىيان يېتىدۇ. بولۇپمۇ ئەرلەر ئاسانلىقچە بوشاپ كەتمەسلىكى، ۋاز كەچمەسلىكى ۋە ياش تۆكمەسلىكى كېرەك.
ئۆزىڭىزگە قاتتىق قول بولۇڭ: ئۇنتۇشقا تىگىشلىكىنى چوقۇم ئۈزۈل- كېسىل ئۇنتۇش، ئۈزۈشكە تېگىشلىكىنى چوقۇم ئۈزۈل- كېسىل ئۈزۈش كېرەك، ھەممىلا ئادەمنىڭ سىز بىلەن ئۆمۈرلۈك سىرداش دوست بولۇپ كېتىشى مۈمكىن ئەمەس، ئالدامچى بىلەن مەڭگۈلۈك دوست بولالىشىڭىز تېخىمۇ مۈمكىن ئەمەس، شۇڭا ئۇلاردىن بالدۇر قول ئۈزۈش كېرەك، بولمىسا زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا ئۆزىڭىز بولىسىز. يەكۈن شۇكى، بالدۇر بايقاش، بالدۇر قول ئۈزۈش ئاقىلانىلىق.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى