قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ۋەتەننى سۆيۈش، تۆھپە قوشۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، ئۇنى يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ قىممەت ئىنتىلىشىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك

2018-08-08 16:39:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا يولداش ۋاڭ جىسەينىڭ ئىلغار ئىش- پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش ۋاڭ جىسەي 32 يىل ئارالنى، ۋەتەننى قوغداپ، قىلچە ئۆكۈنمەي خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۆزىنى بېغىشلاپ، ئاددىي ئىش ئورنىدا ئاجايىپ كىشىلىك ھايات سەھىپىسىنى ياراتتى. بۇ خىل ۋەتەننى سۆيۈش، تۆھپە قوشۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، ئۇنى يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ قىممەت ئىنتىلىشىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر يولداش ۋاڭ جىسەينىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلار يولداش ۋاڭ جىسەيدەك جاپالىق ئىش ئورنىدا ئۇزاق مۇددەت تۆھپە قوشقان يولداشلارغا پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئىدىيە، خىزمەت ۋە تۇرمۇش جەھەتتە ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە كۆيۈنۈشى كېرەك.

  ۋاڭ جىسەي ھايات ۋاقتىدا جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ گۇەنيۈن ناھىيەسى كەيشەن ئارىلىدىكى خەلق ئەسكەرلىرى قاراۋۇلخانىسىنىڭ باشلىقى بولغان. كەيشەن ئارىلى ئېلىمىزنىڭ خۇاڭخەي دېڭىزىدىكى ئالدىنقى قاراۋۇل لىنىيەسى بولۇپ، كۆلىمى پەقەت ئىككى پۇتبول مەيدانىچىلىك كېلىدۇ، ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. 1985- يىلى قىسىم ئىشتاتنى قىسقارتقاندىن كېيىن، خەلق ئەسكەرلىرى قاراۋۇلخانىسى تەسىس قىلىنغان، لېكىن شارائىتى جاپالىق بولغاچقا، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ بۇ ئارالغا كەلگەن ئون نەچچە خەلق ئەسكىرىنىڭ ھەممىسى ئۇزاق مۇددەت قاراۋۇللۇق قىلىشنى خالىمىغان. 1986- يىلى، 26 ياشلىق ۋاڭ جىسەي ئارالنى قوغداش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان، شۇنىڭدىن كېيىن، خوتۇنى بىلەن ئىككىسى ئارالنى ئۆز ئۆيى دەپ بىلىپ، تەنھالىقنى ئۆزلىرىگە ھەمراھ قىلىپ، توك، سۇ يوق، ھەتتا ئۆسۈملۈكمۇ ياشىيالمايدىغان بۇ يالغۇز ئارالدىكى خىزمەت ئورنىدا ئۈن- تىنسىز چىڭ تۇرۇپ، ياشلىق باھارىنى ۋەتىنىمىزنىڭ دېڭىز مۇداپىئەسى ئىشلىرىغا بېغىشلىغان. 2014- يىلى، ۋاڭ جىسەي ئەر- خوتۇن مەملىكەت بويىچە «دەۋر نەمۇنىچىسى» بولۇپ باھالاندى. بۇ يىل 7- ئاينىڭ 27- كۈنى، ۋاڭ جىسەي ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغىلىپ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي، 58 يېشىدا ۋاپات بولدى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى