قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

گۈزەل ئاقسۇ سىزنى قارشى ئالىدۇ

2018-08-08 17:11:15     مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   

ماتېرىيال سۈرەت: ئونسۇ تۆمۈر ئورمان باغچىسى (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسى تەمىنلىگەن)

 تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 8-ئاينىڭ 6-كۈنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئاقسۇ ۋىلايىتى «يىپەك يولىدىكى قەدىمىي كۈسەن سىرلىق ئاقسۇ» ساياھەت لىنىيەسىنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ، مىللىي ئۆرپ-ئادەت، دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ساياھىتى، كۈتۈنۈش ساياھىتى قاتارلىق سەككىز چوڭ تۈر 15 ئېسىل ساياھەت لىنىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

 ئاقسۇ شىنجاڭنىڭ غەربىي جەنۇبىغا، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال چېتىگە، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپ يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ ھېسابلىنىدۇ. پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە تەڭرىتاغدىكى ئەڭ ئېگىز چوققا تۆمۈر چوققىسى، ئېلىمىزدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى ـــ تارىم دەرياسى، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ كۆچمە قۇملۇق تەكلىماكان قۇملۇقى، شايار ئىپتىدائىي توغراقلىقى، قىزىل مىڭئۆي قاتارلىق 126 مەنزىرە رايونى بار.

 

 

 

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى