قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ياڭيۇ تېرىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى يولىنى تېپىش

2018-08-08 19:18:51     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

7 - ئاينىڭ 30- كۈنى، ئالتاي شەھىرىنىڭ ئاۋىيتان بازىرى كۈبۇش كەنتىدىكى ياڭيۇ تېرىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدا ياڭيۇ مايسىلىرى بۈك -باراقسان بولۇپ، مول ھوسۇل مەنزىرىسى شەكىللەنگەن ئىدى. ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدا كەسپىي تېخنىكلار ياڭيۇ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى كۆرگىلى كەلگەنلەرگە ياڭيۇ تېرىش تېخنكىسىنى چۈشەندۈرىۋاتاتتى. شۇ كۈنى، ئالتاي ۋىلايەتلىك پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ كۇبۇش كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ـــ بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ كادىرلىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1- شۇجىلىرى، كەنت كادىرلىرى، كەنت ئاھالىلىرى قاتارلىق 70 دىن ئارتۇق ئادەمنى كۈبۇش كەنتى ياڭيۇ تېرىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدا ياڭيۇ تېرىش تېخنىكىسى نەق مەيدانىنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، خىزمەت ئەترىتى كەنتنىڭ يەر قاتلىمى ئاجىز، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسى بىر قەدەر ئاددىي بولۇش قاتارلىق ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەۋەتكەن ئورۇننىڭ پەن - تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر ئايلىق كەسپىي تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تېرىقچىلىق مۇددىئاسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ كەنتنىڭ تۇپراق قۇرۇلمىسى ياڭيۇ تېرىشقا ماس كېلىدىكەن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئارزۇسى كۈچلۈك بولۇپ، زىرائەت تېرىش قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشنى خالايدىكەن. خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنت «ئىككى كومىتېتى»بىلەن كېڭىشىش ئارقىلىق، ياڭيۇ تېرىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇپ، دېھقانلارنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەشنى قارار قىلدى. كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى نۇرلان خەيسا نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ 50 مو يېرىگە كۈنيۈەن 9 - نومۇرلۇق ياڭيونى تېرىپ، ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قىلىپ بېيىش، كىرىمنى ئاشۇرۇش يېڭى يولىنى ئاچتى.
كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1- شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى كوشاي ئاقىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ياڭيۇنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى ئادەتتە 3 مىڭ كىلوگرام ئەتراپىدا بولۇپ، بىر مو يەردىن 2 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدىكەن. بۇ يىل ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق، «ياڭيۇ تېرىقچىلىقى، تېخنىكا يېتەكچىسى ۋە سېتىۋېلىش» بىرلەشكەن «يۈرۈشلەشكەن» مۇلازىمەت سىستېمىسى شەكىللىنىپ، ياڭيۇنى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق، مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان. كېيىنكى مەزگىلدە ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش، دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىدا لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق شەكىللەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ئائىلە كادىرلىرى، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ياڭيۇ تېرىقچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش قەدىمىنى تېزلىتىش ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.
پارتىيە ئەزاسى ماۋكەن ئۇلالباي ياپيېشىل ياڭيۇ مايسىلىرىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىكى ياڭيۇلارنىڭ ياخشى ئۆسكەنلىكىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ، ناھايىتى ھەيران قالدۇق. خىزمەت ئەترىتىنىڭ كېلىشى بىلەن، پۇقرالارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش ئۈمىدىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. كەنتىمىزدىكى ئون نەچچە ئائىلىلىك كېلەر يىلى ياڭيۇ تېرىشنى قارار قىلدى، مەنمۇ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياڭيۇ تېرىپ، كىرىمىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش باشلامچىسى بولىمەن. ئاۋىيتان بازارلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات كادىرى خۇ خەيليەن مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتى تېرىقچىلىق يېڭى قارىشىنى كىرگۈزۈپ، يېڭى سورتلوق ياڭيۇ تېرىپ، بېيىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كەنت كادىرلىرىنىڭ غەيرىتىنى ئاشۇرۇپ، ئېتىز - ئېرىق باشلىرىنى كۆكەرتىپ، پۇقرالارنىڭ ھەميىنىنى توملاشتۇردى».

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى