قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سوپۇن ياسىغۇچى قىز

2018-08-08 19:19:46     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

80- يىللاردا تۇغۇلغان لايىھەلىگۈچى لى يۈيىڭ ئۆز قولىدا ياسىغان سوپۇننى تەكشۈرگەچ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ياخشى كۆرىدىغان ئىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە كېلىش، ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كېرەك، بۇ بىر بەختلىك جەريان». لى يۈيىڭ 2007 - يىلى 7 - ئايدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىزچىل سەنئەت لايىھەلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇنىڭ كىچىكىدىن قىزىقىشى كۆپ بولۇپ، ئەدەبىيات - سەنئەتكە بەكرەك قىزىقاتتى، ئۆزى ياخشى كۆرگەن، ئېتىراپ قىلغان ئىشلارنى، مەيلى قانچىلىك قىيىنچىلىققا يولۇقسۇن، چوقۇم ئامال قىلىپ قىلاتتى.
لى يۈيىڭ مۇنداق دىدى: ئون يىل ئىلگىرى دوستۇمدىن پىيادە ماڭىدىغان بىر جاينىڭ ئىنتايىن گۈزەل ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، پىيادە مېڭىشنى خالىمايدىغان ئادەم ئۇ جايدا پىيادە مېڭىشنى ياخشى كۆرۈپ قالغان، ھەم ئىمتىھان ئارقىلىق يېتەكچى بولغان. قولدا ياسالغان سوپۇننى ئۆز كەسپىم قىلىشىمغا ئوقۇغان بىر پارچە ماقالە سەۋەب بولغان. 2017 - يىلى 2 - ئايدا، لى يۈيىڭ توردا ئالتاي ئەل ئارىسىدا ياسالغان قارا دورا سوپۇنى توغرىسىدىكى بىر پارچە تونۇشتۇرۇشنى ئوقۇيدۇ. ئەنئەنىۋى ياساش ھۈنەر - سەنئىتى تېرە رېئاكسىيەسىنى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، تېرىسى سەزگۈر بۇ قىزدا قىزىقىش پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ھەممە يەردە قارا دورا سوپۇنى ياساشقا ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنى سۈرۈشتۈرۈشكە باشلايدۇ ھەمدە كۇتۇپخانىدا ماتېرىيال كۆرۈپ، قارا دورا سوپۇنىنى ياساشقا تەييارلىق قىلىدۇ.
لى يۈيىڭ تەبىئىي ئۆسۈملۈك بولغان سېسىق لويلا، چاققاق، چوڭ يوپۇرماقلىق لويلا، ئاپتاپپەرەس غولى قاتارلىق تۆت خىل دورىنى ئىشلىتىپ ئەل ئارىسىدىكى ئەنئەنىۋى ئۇسۇل ئارقىلىق ياسالغان قارا دورا سوپۇنىنىڭ كالا تەمرەتكىسى، ئىششىش، ئەسۋە چىقىش قاتارلىق تېرە كېسەللىكلىرىگە نىسبەتەن بەلگىلىك داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدى. يېرىم ئايدىن كېيىن، لى يۈيىڭ دوستىدىن ئالتاي شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇرىدىغان بىر قازاق بوۋاينىڭ قارا دورا سوپۇن ياسايدىغانلىقىنى ئۇقۇپ ئەتىسى ئۇ ئۆزى يالغۇز ماشىنا ھەيدەپ ئۈرۈمچى شەھىرىدىن ئالتاي شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. قازاق بوۋايدىن قارا دورا سوپۇن ياساش ئۇسۇلىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، لى يۈيىڭ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ، دەرھال ئۈسكىنە سېتىۋېلىپ، ئەتراپتىن قارا دورا سوپۇنى ياسايدىغان ماتېرىياللارنى ئىزدەيدۇ. لى يۈيىڭ مۇنداق دەيدۇ: شۇ مەزگىللەردە ئىشىم بولمىسىلا، نەنسەنگە بېرىپ ياۋا كەندىر قاتارلىق ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى ئىزدەپ، بىلىكىمنى يارىلاندۇرىۋالاتتىم، ئاپتام تېرەمگە رىئاكسىيە قىلىپ ئەسۋە چىقىپ كىتەتتى، شۇنداقتىمۇ دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى ئىزدەش ئىشى ئوڭۇشلۇق بولماي، ئالتايدىن قارا سوپۇن سېتىۋېلىپ، ئاندىن ئۆزگەرتىپ پىششىقلاپ ئىشلىدىم».
قىزىنىڭ لاھىيەلەش كەسپىنى قىلماي، سوپۇن ياساش ئۈچۈن دائىم ئۇياق ـ بۇياققا قاتراپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگەن لى يۈيەننىڭ ئاپىسى بۇنىڭ ئىشىغا قارشى تۇردى. ئۇ مۇنداق دىدى: بىر ئوبدان لايىھەلەش كەسپىنى قىلماي، سوپۇن ياساشنى ئۆزىنىڭ كېيىنكى كەسپى قىلىمەن دېسە، ناۋادا بۇ خىل سوپۇن ياساش كۆلەملەشمەي، بىلىدىغانلارمۇ كۆپ بولمىسا، ئېنىقلا سېتىۋالىدىغانلارمۇ بولمايدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، لى يۈيىڭ ئۆزىنىڭ قارىشىدا چىڭ تۇردى. شىنجاڭدىكى بۇ ئالاھىدە ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى زامانىۋى ھۈنەر - سەنەتكە بىرلەشتۈرۈپ، سۈپىتى ياخشى، ئۈنۈملۈك مەھسۇلات قىىلپ ياساپ چىقسىلا، كۆپچىلىك چوقۇم قوبۇل قىلىدۇ دەپ ئويلايتى. ھەر كۈنى كىتاب كۆرۈپ ئەمەن، قار لەيلىسى، سوكسوك، بادام قاتارلىقلارنىڭ ئۈنۈمىنى تەتقىق قىلدى ھەمدە شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسىسلەردىن تەلىم ئالدى.
بىر كۈنى ئەتىگەندە، لى يۈيىڭ ئاپىسىنىڭ بوينىغا ئاسقان بىر تال زەنجىرنىڭ تېرىسىگە رېئاكسىيە قىلغانلىقىنى بايقىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمەندىن ياسىغان ساپ سۈيىنى ئېلىپ ئاپىسىنىڭ بوينىغا چاچتى، ئاپىسى بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەيلا ئۇنىڭ بۇ ئىشىغا قوشۇلدى. ئويلىمىغان يەردىن، ئىككىنچى كۈنى بويۇننىڭ رىئاكسىيە قىلغان يېرى خېلى ياخشى بولۇپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن، لى يۈيىڭنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭغا قارشى تۇرماي، ئۇنىڭ بىلەن بىللە يېڭى مەھسۇلاتىنى سىناق قىلىشقا باشلىدى ھەم لى يۈيۇڭنىڭ ياخشى ياردەمچىسى بولۇپ قالدى. 2017 - يىلى 8 - ئايدا، لى يۈيىڭ كۆپ قېتىم ئۆزى بىۋاسىتە سىناق قىلىش ئارقىلىق، تۇنجى تۈركۈمدىكى سوپۇننى ئاخىرى ياساپ چىقتى. ئۇ تۇنجى بولۇپ سوپۇننى ئاپىسى ۋە دوست - بۇرادەرلىرىگە سوۋغا قىلدى، كۆپچىلىكتىن ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بىر تال سوپۇننى قولدا ياساشقا، ئۈچ ئايغا يېقىن ۋاقىت كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بارلىق مەھسۇلاتلار شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈك دورىسىنى ئاساس قىلىپ ياسىلىدۇ، بۇنىڭدىكى مەقسەت شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، قولدا ئىشلەنگەن تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش. ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرىنىڭ سىناپ ئىشلىتىشى ئارقىسىدا، ئۇ ياسىغان قاراسان، مۇسەللەس، بادام ياغ سوپۇنلىرى كۆپچىلىكنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. ئۇ بۇ ئىشنى كەسپ قىلىشنى تاللاپ، 2017 - يىلى 8 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، لى يۈيىڭ شىنجاڭ ئاقبوتا بىئو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى ئەنگە ئالدۇردى.
ھازىرغا قەدەر، لى يۈيىڭ 400 دىن ئارتۇق سوپۇن ياساپ چىقتى. لى يۈيىڭ مۇنداق دېدى: شىركەت ھازىر بوتاخان ماركىسىنى ئىلتىماس قىلدى، ئەمدى مەن بۇ قولدا ياسالغان سوپۇنلارنى مەخسۇس تەكشۈرۈش تارماقلىرىغا ئەۋەتىپ، ئۇلارغا «نام» ئالىمەن، كېيىن سوپۇننى سودا ساراي تاللا بازىرىغا، شىنجاڭنىڭ ئىچى ـ سىرتىدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا يۈزلەندۈرىمەن. كۆپچىلىككە شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈك دورىلىرىنىڭ سېھرى كۈچىنى نامايەن قىلىمەن، ئۆزۈممۇ مەڭگۈ بىر بەختلىك سۇپۇن ياسىغۇچى بولۇشنى خالايمەن».

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى