قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بالىلىقتىكى ئاۋاز

2018-08-08 19:21:37     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يولنىڭ قارشى تەرىپىدە كىچىك بالىلارغا پىئانىنو چېلىشنى ئۆگىتىش ئۆيى ئېچىلغانىدى، ھەر قېتىم ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىمدا، ئىچىدىن ئانچە پىششىق بولمىغان مۇزىكا ئاۋازى ئاڭلىناتتى. بىر كۈنى كەچتە سەيلە قىلىپ كېتىۋېتىپ، چالغۇ ئۆيى ئالدىدا ياش مۇئەللىمنىڭ باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم، ئۇ ئازراق ئەپسۇسلانغان ھالدا: ھازىر پىئانىنو ئۆگىنىش مودا بولماي قالدى، دېدى.
ھە، ئەسلىدە پىئانىنو ئۆگىنىش مودا ئەمەس ئىكەن ـ دە، مەن ھېچقانداق چالغۇنى بىلمەيمەن، لېكىن بۇ گەپ ماڭا خېلى تەسىر قىلدى. دەرۋەقە، بالىلارنىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى تاللاش پروگراممىسى ۋە دوستلار چەمبىرىكىدە بالىلارنى كۆز كۆز قىلىۋاتقان دوستلارغا قارايدىغان بولساق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جازا دۇمباق، ساكس، كلارىنېت، بېس قاتارلىق چەتئەلچە چالغۇ ئەسۋابلار ياكى قالۇن، كوتو، باربى، رۈئەن قاتارلىق مىللىي چالغۇلارنى ئۆگىتىدىغان سىنىپلار ئاتا ـ ئانىلارنىڭ تىزىملىتىدىغان يېڭى قىزىقىشىغا ئايلانغان ئىدى. ئىلگىرى ئاتا ـ ئانىلار ئارىسىدا بىر مەھەل ئەۋج ئالغان چالغۇ شاھى پىئانىنو، ئىلگىرىكى قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەن ھەر خىل پىئانىنو دەرىجە ئىمتىھانى بۇرۇنقىدەك بازارلىق بولماي قالغان ئىدى.
ئەينى يىلى يۇرتۇمدا تۇرغان ۋاقتىمدا، ئۈستۈنكى قەۋەتتە بىر بالا پىئانىنو چېلىشنى ئۆگىنەتتى، ھەر كۈنى كەچ سائەت يەتتە يېرىمدا، مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقارا خەۋەرلەرنىڭ تۈگىشىگە ئەگىشىپ، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى مۇزىكا مەشىقى ئاۋازىمۇ دەل ۋاقتىدا بىزنىڭ قۇلىقىمىزغا كىرەتتى، بۇ ئاۋازنى ئالتە، يەتتە يىلدەك ئاڭلىدۇق. ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى بالىنىڭ تالانتى ئادەتتىكىچە بولسا كېرەك، «ئېلىسقا» ناملىق مۇزىكىنى نەچچە يىلغىچە راۋان چالالمىدى، ئېسىمدە قېلىشىچە، كۆپ يىل مەشىق قىلغاندىن كېيىنكى بىر قىشتا ئۇ بۇ مۇزىكىنى تۇنجى قېتىم مۇكەممەل چالدى، شۇ كۈنى دېرىزە سىرتىدا شىمال شامىلى ھۇۋلاۋاتقان بولۇپ، مۇزىكا تۈگىگىچە ئۆيدىكى ھەممىمىز شۇ دەقىقىدە قاتتىق ھاياجانلاندۇق، ئۈستىنكى قەۋەتكە چىقىپ تەبرىكلىگىلى تاس قالغان ئىدۇق.
يەنىمۇ بۇرۇنقى ۋاقىتلارنى ئەسلىسەم، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، سىنىپنىڭ سىرتىدا بىر كونا پىئانىنو بار ئىدى. ئادەتتە سىنىپنىڭ سىرتىدىكى كارىدورغا قويۇپ قويۇلىدىغان بولۇپ، تامغا ئېسىلغان ماركىس، لۇشۈن، سىماچىيەن، مۇزارتلارغا نىسبەتەن ئۈن ـ تىنسىز ئىدى. پەقەت مۇزىكا دەرسىدىلا دىجورنى بالىلار سىنىپقا يۆتكەپ كىرەتتى، بەزىدە ئوقۇتقۇچى چالسا، بىز ناخشا ئېيتاتتۇق، بەزىدە سىنىپتىكى پىئانىنو چېلىشنى ئۆگىنىۋاتقان قىزلار چېلىپ بېرەتتى. كونا چالغۇ ساندۇقىدىن ياڭرىغان سۈزۈك مېلودىيە، بالىلىقىمدىكى ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى.
ئۇ چاغلاردا پىئانىنو ئۆگىنىش، پىئانىنو چېلىش شۈبھىسىزكى نەپىس، سالاپەتلىك، كاتتا ئىش ئىدى. ئەمما، «پرو ئاممىسى» غا نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ بۇنىڭغا ماس كېلىدىغان چالغۇلار بار ئىدى، ۋاھالەنكى بۈگۈنكى كۈندە بۇ چالغۇلارمۇ ئازلاپ، بۈگۈنكى بالىلارغا ئانچە تونۇلۇپ كەتمىدى.
ئالدى بىلەن ئويلايدىغىنى ئاككوردىيون بولۇپ، ئۇنىڭ پىئانىنوغا ئوخشاپ كېتىدىغانلىقى، ئۇنىڭمۇ ئاق قارا ئارىلاش چالغۇ كۇنۇپكىسى بارلىقى ئۈچۈن بولسا كېرەك. مۇزىكىنى ئىككى قولىدا چېلىش، ئىككى بىلىكىنى رىتىمغا ئەگىشىپ ماسلاشتۇرۇشقا توغرا كىلىدىغان بولۇپ، ناھايىتى نەپىس ۋە مۇرەككەپ ئىدى. پىئانىنونى ئورۇنلاشتۇرغىلى بولمايدىغان ئۆي سىرتى، ئاپتوموبىل، يول بويلىرى ئاككوردىيون بىلەن ماھارىتىنى نامايان قىلىدىغان سورۇنلار ئىدى. بالىلىق چاغلىرىمدىكى ئەسلىمىلەردە ئاككوردىيون دائىم كۆڭۈللۈك ساياھەت بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ، باھار سەيلىسى، كۈز سەيلىسى، دالا دەرسىدە، مۇزىكا ئوقۇتقۇچىلىرى ئاككوردىيونلىرىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرەتتى، ئۇنىڭ قىزىل بېزەك تاختىلىرى كۆزنى قاماشتۇرۇپ، ئەركىن تارتىلىدىغان مۇزىكا ساندۇقى بالىلارنىڭ دىققىتىنى تارتاتتى، لەرزان مۇزىكا ساداسى بالىلارنىڭ ناخشا ئىيتىشىغا ھەمراھ بولدى. ئاككوردىيون چېلىشقا ياردەم بېرەلەيدىغان بالىلار بولسا مۇئەللىمنىڭ ئەڭ ئەتىۋارلايدىغان ئوقۇغۇچىلىرى ھېسابلىناتتى.
گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ئەمما بىر قەدەر ئېغىر ئاككوردىيون ھەر بىر بالىنىڭ ئۆگىنىشىگە ماس كەلمەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا يەنە بىر خىل يېنىك چالغۇغا موھتاج بولىدۇ: يەنى ئېغىز گارمونى.
پارقىراپ تۇرغان داتلاشماس پولات بېزەك تاختىلىق، يېشىل رەڭلىك سۇلياۋ كاتەكچىلەر قىستۇرۇلغان، نەپىس «شاڭخەي» دېگەن خەت ئويۇلغان-- مانا بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى «ئېغىز گارمونى» ئىدى. ئۇزۇندىن بۇيان ئېغىز گارمونى «ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپلەردە چالغۇلارنى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيىسى» نىڭ ئېغىر يۈكىنى زىممىسىگە ئېلىپ كەلدى. كىچىككىنە ئېغىز گارمونى بىر نەپەس بىلەنلا مۇرەككەپ ھەم گۈزەل ئاۋازلارنى چىقىرىپ، بالىلارنى قايىل قىلىدۇ، ئەمما ئۇنىڭدا مۇرەككەپ «بارماق ئۇسۇلى» ئۇقۇمى بولمىغاچقا، بالىلار تېخىمۇ ئاسان ئۆگىنىۋالاتتى-- گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ئەڭ كۆپ ئۆگىنىدىغىنى «ئىككى يولۋاس»، «كىچىك يۇلتۇز»، «تۇغۇلغان كۈن شادلىقى ناخشىسى» دېگەندەك ئاددىي مۇزىكىلار ئىدى. بالىلار جاھىل ياشلىق مەزگىلىگە قەدەم قويغاندا، ئېغىز گارمونى تەدرىجىي سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ، ئەمما ئەزەلدىن ئۇنتۇلۇپ قالمىغان: پولات، بېتون ئورمانلىقىدا تۇغۇلغان شەھەر بالىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئېغىز گارمونى ئۇلارنىڭ چارۋا گۈدۈكى بولۇپ، ئۇلارغا مەنسۇپ بولغان سەھرا ناخشىسى دەۋرىنى ئەسلىتىدۇ.
پۈۋلەپ چېلىش توغرىسىدا سۆزلىگەندە يەنە بىر مۇزىكا ئەسۋابىنى تىلغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ كاناي. ئەمما بۇ سىمفونىيەلىك مۇزىكا ئەترىتىدىكى نەپىس كۇنۇپكىلىق ۋە مۇرەككەپ شەكىلدىكى كاناي ئەمەس، ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئىسمى «ياشلار كانىيى». ئەسلىدىكى «ھەربىي كاناي» دەپ ئاتالغان ياشلار كانىيى بولۇپ ئەينى چاغدىكى مەكتەپ دۇمباق ئەترىتىنىڭ ئۆلچەملىك كانىيى ئىدى. ئەگەر ئوغۇللار دۇمباق ئەترىتىنىڭ يارشىنلىق فورمىسىنى كىيمەكچى بولسا، چوقۇم ئۇنى چېلىشنى ئۆگىنىشى كېرەك ئىدى. ياشلار كانىيىنىڭ قۇرۇلمىسى ئاددىي، كۇنۇپكىسى يوق، پەقەت «ئېغىز ماھارىتى» گە تايىنىپ ئاھاڭنى چالسىلا بولىدۇ، لېكىن قىيىنلىق دەرىجىسىمۇ تۆۋەن ئەمەس، كۆپ ساندىكى كىشىلەر تۇنجى قېتىم ياشلار كانىيىنى قولىغا ئالغاندا، ھەتتا ئاۋازىنىمۇ چىقىرالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەر كۈنى كەچتە مەكتەپكە ئوقۇيدىغان ئوغۇللار بار قورۇلاردا، دائىم دېگۈدەك «كاناي» مەشىق قىلغان ئاۋاز ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇرىدۇ، ئۇلار دەل دۇمباق ئەترىتىنىڭ فورمىسىغا ئىنتىلىدىغان ئوغۇللار بولۇپ، بالكونىدا جاپالىق مەشىق قىلىشىدۇ. بىر چاغلاردا، مەنمۇ ئۇلارنىڭ بىر ئەزاسى ئىدىم.
ئاككوردىيون، ئېغىز گارمونى، ياشلار كانىيى-- بۇ چالغۇلارنى، يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان مەن تۇرمۇشتا ئاساسەن كۆرۈپ باقمىدىم، بولۇپمۇ كۆز ئالدىمىزدىكى زامانىۋىلاشقان ۋە خەلقارالاشقان بۇ چوڭ شەھەردە تېخىمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ. ئالدىنقى بىر مەزگىلدە خەۋەردە مەلۇم داڭلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دۇمباق ئەترىتىنىڭ رەسىمىنى كۆردۈم، ئۈچ كۇنۇپكىلىق ئۆلچەملىك كاناي ئاددىي ياشلار كانىيىنىڭ ئورنىنى ئالغان ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە ياشلار كانىيىنى ئورۇنداش ماھارىتىمۇ بۇ ئەۋلاد ياشلىرى ئارىسا بارا ـ بارا يوقىلىپ كەتكەن بولۇشى مۈمكىن. لېكىن يەنىلا بەزى ئىللىق كۆرۈنۈشلار ـ گەپ-سۆزلەر ئېسىمدە: ئىلگىرى بىر تاغلىق كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىنى زىيارەت قىلغاندا، ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان كۆرۈپ باقمىغان ئاككوردىيوننى كۆردۈم، ئۇ ناھايىتى ياخشى ئاسرالغان بولۇپ، كونا بولسىمۇ يېڭىدەك كۆرۈنەتتى. مۇئەللىم خىجىل بولغان ھالدا ماڭا: بۇرۇن توپا مەيداندا كاناي يوق ئىدى، بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدا بۇ ئاككوردىيون بىلەن دۆلەت شېئىرى ئورۇندىلاتتى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شارائىت ياخشىلانغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ كونا ئادەت ساقلىنىپ قالدى- دېدى. مەن بۇ تاغلىق كەنتتە خىزمەت ئورنىغا سادىق بولغان ئاككوردىيونغا قاراپ، شەھەردىكى مەكتەپلەردە قالۇن، كلارىنېتلار ئارىسىدا غايىب بولغان كونا بۇرادەرنىڭ، يەنىلا مەن بىلمەيدىغان يەردە نۇر ۋە ئىسسىقلىقنى جارى قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى، ياق، يېقىملىق ساداسىنى ياڭرىتىۋاتقانلىقىنى، بالىلارنىڭ قەلبىدىكى مۇزىكىغا بولغان ئىنتىلىش چوغىنى داۋاملىق ياندۇرىۋاتقانلىقىنى چۈشەندىم.
ئۇ قېتىم مەن ئاككوردىيون بىلەن تاغ جىلغىسىدا ئورۇنلانغان دۆلەت شېئىرىنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولالمىدىم، لېكىن مېنىڭچە، ئۇ چوقۇم ئىنتايىن ئىللىق ئاۋاز بولۇشى مۈمكىن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى