قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قانداقلا بولسا خۇشال بولىۋىرىش

2018-08-08 19:22:10     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يالغۇز ئوينىسا بەك ياخشى بولىدۇ!
يالغۇز جىمجىت ئولتۇرۇپ قەغەز بىلەن كېمە، ئات ياسىسام ......
تەپكۈچ تېپىپ، ئارغامچە سەكرەپ، كۇبىك ياسىسام،
ئەلۋەتتە يەنە كىتاب كۆرىمەن، رەسىم سىزىمەن، مۇزىكا ئاڭلايمەن......
ئىككى ئادەم ئوينىسا بەك ياخشى بولىدۇ!
ھېكايە سۆزلىگەندە بىرسى ئاڭلاش كېرەك،
ئۇ سۆزلىسە مەن ئاڭلايمەن، مەن سۆزلىسەم ئۇ ئاڭلايدۇ.
يەنە شاھمات ئوينايمىز، پەي توپ ئوينايمىز،
لىڭگىرتاقتاق ئوينايمىز......
ئۈچ ئادەم ئوينىسا بەك ياخشى بولىدۇ!
ھېكايە سۆزلىگەندە كۆپرەك ئادەم ئاڭلىسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ،
ئۇ سۆزلىسە، بىز ئاڭلايمىز، مەن سۆزلىسەم ئۇلار ئاڭلايدۇ.
ئىككىيلەن ئارقان ئايلاندۇرسا،
ئۇ تاخلاپ، مەن تاخلاپ، نۆۋەتلىشىپ تاخلاپ ئوينايمىز.
تۆت ئادەم ئوينىسا بەك ياخشى بولىدۇ!
بەش ئادەم ئوينىسا بەك ياخشى بولىدۇ!
كۆپ ئادەم ئوينىسا، تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
ئادەم كۆپ بولسا، ھەرقانداق ئويۇننى ئوينىغىلى بولىدۇ،
ئارقان تارتىشىش، سار چۈجى تۇتۇش،
ۋالىبول ئويناش، ۋاسكېتبول ئويناش، پۇتبول تىپىش....
ھەتتا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكەزگىلى بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى