قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بىر پارچە ئوقۇش پۈتتۈرۈش سۈرىتى

2018-08-08 19:23:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ناھىيە بازىرىغا بېرىپ باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈش سۈرىتىگە چۈشەلىگەنلىكىمىز ئۈچۈن، يۇقىرى يىللىقتىكى ساۋاقداشلارغا رەھمەت ئېيتساق بولىدۇ.
مېنىڭ باشلانغۇچ مەكتىپىم بىر كەنتتىكى پۇقراۋى مەكتەپ. مەكتەپ دېگەن بىلەن مۇقىم سىنىپىمۇ يوق بولۇپ، ئىشلەتمەي تاشلاپ قويۇلغان ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە تايىنىپ دەرس ئۆتەتتى. ئېسىمدە قېلىشىچە، مەكتەپنىڭ ئۆي بىساتى پەقەت بىر قىسىم ئاددىي ئۈستەل ـ ئورۇندۇق، بىر دوسكا ۋە بىر قانچە قۇتا بور بولۇپ، يەنە بىر ئوچاقمۇ بار ئىدى. بۇ نەرسىلەرنى ۋاقىتلىق سىنىپلار ئارىسىدا كۆپ قېتىم كۆچۈرۈپ، بۇ نەرسىلەر بىزگە ناھايىتى تونۇش بولۇپ كەتكەن ئىدى. دېرىزە تەكچىسىگە ئاددىي كىرسىن لامپىسى قويۇلغان بولۇپ، ئۇنى ئوقۇغۇچىلار كەچلىك مۇزاكىرىدە ئىشلىتىش ئۈچۈن ئۆيىدىن ئېلىپ كەلگەن، نەچچە كۈندە بىر ئۆيىگە ئاپىرىپ كىرسىن قاچىلايتتى.
يۇقىرى يىللىقتىكى ساۋاقداشلار بىزدىن ئۈچ يىل بۇرۇن مەكتەپكە كىرگەن. شۇنىڭدىن بۇيان مەكتەپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلمىغان. مەكتەپ ھەر يىلى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلمايدۇ، پەقەت كەنتتىكى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار بىر قەدەر كۆپ بولغان يىللاردىلا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. ئەگەر مەلۇم بىر يىلدا ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار بىر سىنىپقا توشمىسا، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلمايتتى. بۇ يىلى ئوقۇشقا تېگىشلىك بالىلار يەنە بىر ـ ئىككى يىل ساقلايدۇ، ياكى باشقا كەنتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇيدۇ. بەزىلىرى كىچىكلا تۇرۇپ چوڭلارغا ئەگىشىپ ئېتىزغا چىقىپ، ئوتۇن تېرىشتەك كۈچى يېتىدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ، قىزلار بولسا يەنە ئىنى ـ سىڭىللىرىنى باقىدۇ. مەن تەلەيلىك ھېسابلىنىمەن، ئەينى يىلى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا ئۈلگۈرەلىدىم. شۇ يىلى كەنتتە مەن بىلەن تەڭ ياشتىكى بالىدىن ئون نەچچىسى بار ئىدى، بىر سىنىپقا قوبۇل قىلىشقا يېتەتتى. لېكىن مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، تەڭ ياشتىكى نۇرغۇن كىچىك دوستلارنىڭ مەكتەپكە كەلمىگەنلىكىنى، ئەكسىچە بىر قانچە چوڭ ئوقۇغۇچىنىڭ بۇ سىنىپقا يىغىلىپ، جەمىي ئون ئوقۇغۇچىغا يەتكەنلىكىنى بايقىدىم. كېيىن كەينى ـ كەينىدىن ئۈچ ئادەم ئوقۇشتىن توختاپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندە ئاران يەتتىمىز قالدۇق.
ئەينى چاغدىكى ئوقۇش تۈزۈمى، باشلانغۇچ مەكتەپ بەش يىل، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىككى يىلدىن ئىدى، كەنتنىڭ شارائىتىنىڭ ناچارلىقىنى كۆزدە تۇتقان بولسا كېرەك، كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى پەقەت 4 ـ يىللىققىچە بولۇپ، 5 ـ يىللىق ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى بىرلەشمە مەكتەپتە ئوقۇيتتى. شۇڭا، بىز يۇقىرى يىللىقتىكى ساۋاقداشلار بىلەن مەكتەپتە بىر يىل ساۋاقداش بولدۇق.
قىزىقارلىق يېرى شۇكى، بۇ بىر يىلدا بىزنىڭ بۇ ئىككى ئۈچ يىللىق پەرىقلىق سىنىپىمىز بىر سىنىپتا بولدى. ئۇ چاغدا مەكتەپتە پەقەت مۇشۇ بىرلا ئېغىز سىنىپ بار ئىدى، بۇنىمۇ ھەتتا ۋاقتىنچە ئارىيەتكە ئېلىپ تۇرغان. پاكار ئۈچ ئېغىز كېسەك ئۆي، بىر ئېغىزنى ئوقۇتقۇچى دەرس تەييارلاشتا ئىشلىتىدۇ، يەنە ئىككى ئېغىز ئۆي تۇتاش بولۇپ دەرىس ئۆتىدىغان سىنىپ ئىدى. دەسلەپتە پەقەت بىرلا ئوقۇتقۇچى بار ئىدى، ئادەتتە ئاۋۋال بىر سىنىپقا دەرس ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇراتتى، ئاندىن يەنە بىر سىنىپقا دەرس بېرەتتى. ئۆز ئارا بىر بىرىگە كاشىلا قىلىشتىن خالىي بولغىلى بولمايتتى. يۇقىرى يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلار ئەلۋەتتە بىزنىڭ دەرسىمىزنى ئاڭلىمايدۇ، بۇ ئۇلارغا نىسبەتەن بەك ئاددىي ئىدى؛ بىز بولساق تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە مۇئەللىمنىڭ ئۇلارغا ئۆتكەن دەرسىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلاشنى ياخشى كۆرەتتۇق. بولۇپمۇ ئەدەبىيات دەرسىدە، ھەر بىر تېكىستنى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەپ نەچچە قېتىم دېكلاماتسىيە قىلىپ، ئابزاس ئابزاس بويىچە چۈشەندۈرەتتى، ئوقۇغۇچىلارنى قايتا ـ قايتا يادلىتاتتى، ئاڭلاۋېرىپ بىزمۇ يادلىۋالاتتۇق. ئېسىمدە قېلىشىچە، ئۇلارنىڭ دەرسلىكىدە «رۇمىنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى» دېگەن بىر تېكىست بار ئىدى، ئۇنىڭدا ئالبانىيەلىك بىر قىز سەنئەت ئۆمىكى بىلەن بېيجىڭغا كېلىپ، رەئىس ماۋ زېدۇڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغان، ئاخىرى ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايە سۆزلەنگەن. بىز ئەينى ۋاقىتتا بۇ چەتەللىك قىزنىڭ ھەقىقەتەن ئىنتايىن بەختلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتمەپتىكەنمىز.
كىمنىڭ تەكلىپى ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم، ئوقۇش پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇن، يۇقىرى يىللىقتىكى ساۋاقداشلار مۇئەللىمدىن ئوقۇش پۈتتۈرۈش سۈرىتىگە چۈشۈشنى تەلەپ قىلىپ، مۇئەللىمنى تەڭلىكتە قويدى. مۇئەللىم ئۇلارغا: سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارنى چۈشىنىمەن، لېكىن بىزنىڭ مەكتەپ ئىلگىرى ئەزەلدىن ئوقۇش پۈتتۈرۈش سۈرىتى تارتىپ باقمىغان، بۇ پۇلنى چىقىرالمايدۇ- دېدى. سىنىپ باشلىقى ھەر كۈنى مۇئەللىمگە چاپلىشىۋالدى، ئەمما مۇئەللىم باشتىن ـ ئاخىر قوشۇلمىدى، بىز بىر تەرەپتە ئولتۇرۇپ ھەۋەس قىلدۇق ھەمدە مۇئەللىمنىڭ قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلدۇق. بىر كۈنى مۇئەللىم تۇيۇقسىز كۆپچىلىككە كەنتتىن پۇل چىقىرىشقا ماقۇل بولغانلىقىنى ئېيتتى. يۇقىرى يىللىقتىكى ساۋاقداشلار شۇئان خۇشاللىققا چۆمۈپ، ھېلىقى تېكىست تېمىسىنى تەقلىد قىلىپ خۇشال ھالدا: «سۈرەتكە چۈشۈش ئارزۇيىمىز ئەمەلگە ئاشتى» دەپ ۋاقىراشتى. ئەسلىدە مۇئەللىم بۇ ئىشنى ئاللابۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن ۋەدە بەرمىگەن ئىكەن. بىز بىر چەتتە ھەۋەس قىلدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىزدىمۇ يەنە بىر ئۈمىد كۆپەيدى.
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 1974ـ يىلى ياز كەلدى، بىزمۇ ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان بولدۇق. ئۈچ يىل بۇرۇنقى ئۈلگە بولغاچقا، بىزنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش سۈرىتىگە چۈشۈشىمىز ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشتى.
كەنت بىلەن ناھىيە بازىرىنىڭ ئارىلىقى 20 نەچچە چاقىرىم بولۇپ، ئىككى ئوقۇتقۇچى نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىككى ۋېلىسىپىت بىلەن يەتتە ئوقۇغۇچىنى ئاران سۈرەتخانىغا ئېلىپ كەلدى. مۇئەللىم ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ بىرسىنى ۋېلسىپىتنىڭ ئالدىغا بىرسىنى كەينىگە ئولتۇرغۇزۇپ، ئالدى بىلەن تۆت ئوقۇغۇچىنى بىر نەچچە چاقىرىم يىراقلىققا ئاپىرىپ، ئۇلارنى ئاستا ماڭدۇرۇپ، يەنە ئۈچ ئوقۇغۇچىنى ئەكىلىشكە باراتتى؛بۇ ئۈچ ئوقۇغۇچىنى تېخىمۇ يىراق جايغا ئاپىرىپ قويۇپ، ئاندىن ئۇ تۆت ئوقۇغۇچىنى ئالغىلى باراتتى. ئۇلار توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىككى ئوقۇتقۇچى چارچاپ ھاسىراپ كەتتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرىگەچكە، ئۇلار ئۇچقاندەك ماڭاتتى.
تەستە سۈرەتخانىغا كەلگەندە ئىشىكنىڭ ئېتىك ئىكەنلىكىنى كۆردۇق. ئىشىككە: يۇقىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشى بويىچە، بۈگۈن بىر كۈن توك توختاپ، تىجارەت ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ، دېگەن ئوقتۇرۇش چاپلانغان ئىدى. ئۇ چاغدا ناھىيە بازىرىدا پەقەت مۇشۇ بىرلا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى سۈرەتخانا بار ئىدى، باشقا يەرگە بارغىلى بولمايتتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈمىدسىزلەنگەن كۆزلىرىگە قاراپ، مۇئەللىم تەن بەرمىگەن ھالدا ئىشىكنى توختىماي چەكتى. ئىشىكنى ئاچقان ئادەم سەل بىزار بولغاندەك كۆرۈنەتتى، مۇئەللىمگە: ئىشىككە يېزىپ قويغانغۇ؟يۇقىرىدىن ئۇقتۇرۇش كەلدى بۈگۈن توك توختايدىكەن، سۈرەتكە چۈشكىلى بولمايدۇ- دېدى. مۇئەللىم : بىزنىڭ شۇنچە يىراقتىن كېلىشىمىز ئاسان ئەمەس، بىزگە ياردەم قىلالامسىز؟ - دەپ بايىقى جەرياننى سۆزلەپ بەردى. مۇئەللىمنىڭ سۆزىدىن ئۇ سەل ئىچ ئاغرىتىپ، سۈرەتكە تارتىدىغان ئۇستامدىن سوراپ بېقىشقا ماقۇل بولدى. فوتوگراف غەرەز ئۇقىدىغان ئادەم ئىكەن، ئۇ بىزنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىمىزنىڭ جەريانىنى ئاڭلاپ، بىزنى سىرتتا سۈرەتكە تارتىپ قويۇشقا ماقۇل بولدى، ئەمما چۈشتىن كېيىن نۇر مۇۋاپىق ۋاقىتتا تارتىدىغانلىقىنى ئېيتتى، لېكىن ئۇنىڭ ئۈنۈمى يەنىلا ئۆي ئىچىدە چۈشكەنگە يەتمەيدۇ، دېدى. شۇنداقتىمۇ بىزنى خۇشال قىلىۋەتتى، مۇئەللىم خۇشاللىق بىلەن كۆپچىلىكنى ئاشخانىغا باشلاپ بېرىپ، ھەر بىر ئادەمگە ئىككى ھورنان ۋە بىر قاچا شورپا ئېلىپ بەردى. تۇنجى قېتىم ئاشخانىدا تاماق يېگەندە، ناھايىتى قانائەت ھېس قىلدىم. ئۆيدىن چىقىشتىن بۇرۇن ئانام ماڭا ئىككى مو پۇل بېرىپ، قورسىقىم ئاچقاندا نەرسە سېتىۋېلىپ يىيىشىمنى تاپىلىغان ئىدى. ئەمدى پۇلۇم تېجىلىپ قالغان ئىدى، شىنخۇا كىتابخانىسىنى كۆرگەندە بالىلار رەسىملىك كىتابچىسى سېتىۋالىمەن، دەپ ئويلىدىم.
تاماق يەپ بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئاشخانا تاقىلىدىغان بولدى. كوچا پىژغىرىم ئىسسىق بولغاچقا، مۇئەللىم كۆپچىلىككە ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بىرسى بىزنى كوچىدىكى دەرەخ سايىسىدا سالقىنداتتى، يەنە بىرسى ۋېلىسىپىت مىنىپ باشقا جاينى ئىزدەپ ماڭدى. خېلىدىن كېيىن مۇئەللىم قايتىپ كېلىپ «ئالاقىلىشىپ قويدۇم، ناھىيەلىك 1ـ ئوتتۇرا مەكتەپكە بارايلى» دېدى. شۇنىڭ بىلەن يەتتە ئوقۇغۇچىنى تۈركۈمگە بۆلۈپ ناھىيىلىك 1ـ ئوتتۇرا مەكتەپكە توشىدى. ناھىيىلىك 1ـ ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلۋەتتە بىلىمىز، ئەمما بۇ تۇنجى قېتىم كىرىشىمىز ئىدى، شۇڭا بۇ مەكتەپ بەك چوڭكەن دەپ ئويلىدۇق. مۇئەللىم بىزنى بىر بوش سىنىپقا ئارام ئالغىلى ئېلىپ كىردى، دەسلەپتە مەن قىزىقىپ ئەتراپقا قارىدىم، كېيىن بىلىپ ـ بىلمەي مۇنبەردە ئولتۇرۇپ باش چۆكۈرۈپ ئۇخلاپ قاپتىمەن، مۇئەللىم مېنى رەسىمگە چۈشۈشكە چاقىرغاندىن كېيىن ئويغاندىم، قانچىلىك ۋاقىت ئۇخلىغىنىمنى بىلمەيمەن. مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگەندە، بايا ئۇخلاپ قالغاندا ئىككى موچەن پۇلنىڭ قولۇمدا ئىكەنلىكى ئېسىمگە كەلدى، ئىزدىدىم تاپالمىدىم، سىنىپقا ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ بېرىپ ئىزدىدىم، ئۇ يەردىنمۇ تاپالمىدىم، كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى. ئۇ چاغدا ئىككى موچەنگە تۆت تۇخۇم _ تۆت تاپشۇرۇق دەپتىرى كىلەتتى. دېھقانلارنىڭ بىر كۈنلۈك ئەمگەك ھەققىنىڭ قىممىتىگە تەڭ ئىدى.
سۈرەتخانىغا قايتىپ كېلىپ ئۇزاق ساقلىدۇق، فوتوگراف «ھازىر نۇرنىڭ تازا ياخشى ۋاقتى بولدى»دەپ فوتو ئاپپاراتنى ئاۋايلاپ يۆتكەپ چىقتى، ئۈستىگە قارا رەخت يېپىلغان كونا پاسوندىكى فوتو ئاپپارات ئىدى. بىز گەپ ئاڭلاپ ئۇستازنىڭ تەلىپى بويىچە رەتلىك تۇردۇق، ئۇستام بېشىنى قارا رەخنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈپ، خېلى ئۇزۇندىن كېيىن سول قولىنى چىقىرىپ، قولىغا قارىشىمىزنى ئېيتىپ، «3 ـ 2 ـ 1»، قاراس قىلىپ، ۋاقىتنى 1974ـ يىلى 7ـ ئاينىڭ 10ـ كۈنى قىلىپ بېكىتتى. ئارقا كۆرۈنۈشى سۈرەتخانىنىڭ ھويلىسىدىكى بىر نەچچە تۈپ شادلىق دەرىخى بولۇپ، ئۇنىڭدا ھال رەڭ تۈكلۈك گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان ئىدى.
شۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا، ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان سۈرەتكە چۈشكەن بولساممۇ، ئەمما بۇ بىر پارچە سۈرەتكە بولغان ئەسلىمە ئەڭ چوڭقۇر بولۇپ، ئىزچىل كۆڭۈلۈمدە ساقلىنىپ كەلمەكتە. مۇئەللىمنىڭ ئالدى ـ كەينى يۈگۈرۈپ ئالدىراش يۈرگەن سىماسى ۋە بالىلىق چاغلىرىمدىكى ئەسلىمىلەر ھېلىمۇ قەلبىمدە ساقلانماقتا.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى